ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 958 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 20:17
تۆۋەندىكىلىرى كىرىستىيان ئىسپانىيەگە كىلىشتىن بۇرۇنقى مېسسىنىڭ سان سېفىرلىرى:
2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە 9 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 1 توپ ئۇرغان، ۋە تۇنجى توپى مۇشۇ بولۇپ قالغان.
2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدە 25 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 8 توپ كىرگۈزۈپ، 4 ياردەمچى پاس بەرگەن.
2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدە 36 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 17 توپ كىرگۈزۈپ، 3 ياردەمچى پاس چىقارغان.
2007-2008 مۇسابىقە پەسلىدە 40 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 16 توپ كىرگۈزۈپ، 13 ياردەمچى پاس بەرگەن.
2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە 51 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 38 توپ كىرگۈزۈپ، 18 ياردەمچى پاس چىقارغان. (كىرىستىيان ئىسپانغا كەلگەن ۋە قىسمەن توپلارنى كىرگۈزگەن)
ئەمدى مۇشۇ يەردىن باشلاپ كىرىستىيان بىلەن سىلىشتۇرۇڭلار:
2009-2010 مۇسابىقە پەسلىدە 53 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 47 توپ كىرگۈزۈپ، 11 ياردەمچى پاس بەرگەن.
2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدە 55 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 53 توپ كىرگۈزۈپ، 25 ياردەمچى پاس بەرگەن.
2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە 60 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 73 توپ كىرگۈزۈپ، 29 ياردەمچى پاس بەرگەن.
2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدە 46 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 60 توپ كىرگۈزۈپ، 15 ياردەمچى پاس بەرگەن.
2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدە 55 مەيدان مۇسابىقىدە 48 توپ كىرگۈزۈپ، 18 ياردەمچى پاس چىقارغان.
2014-2015 مۇسابىقە پەسلىدە (ئەمدى يېرىمىغا كىلەي دىدى) 30 مەيدان مۇسابىقىدە 26 توپ كىرگۈزۈپ، 12 ياردەمچى پاس چىقارغان.
مېسسىنىڭ بۇ يىلىنى ئەڭ ناچار ھالىتى بىلەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر يىلدا 58 توپ كىرگۈزدى. بۇ سان كىرىستىياننىڭ بۇ يىلقى ئەڭ ياخشى ئىپادىسىدىكى 61 توپ بىلەن 3 توپ پەرقلىق.
مېسسىنىڭ بىر يىلدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتى 91 توپ، رونالدونىڭ بۇ يىل ئەڭ يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش سانى 61 توپ، بۇ ساننى سېلىشتۇرۇش بىھاجەت.
يەنە كېلىپ مېسسىنى 10 يىلى بىلەن كىرىستىياننىڭ 5 يىلىنى سىلىشتۇرىۋالىدىغانلار بار. كىرىستىياننىڭ پۈتۈن پۇتبول ھاياتىنى مېسسى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان ياكى كىرىستىيان ئىسپانىيەگە كىلىشتىن بۇرۇن مېسسىنىڭ سان - سېفىرلىرى قانچە؟ بۇنى دەيدىغان ئادەم يوق. ئەتراپلىق سىلىشتۇرۇپ چىقساق كىرىستىيان مېسسىدىن ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق بۇرۇن ئوينىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېسسىمۇ توپ ئۇرۇش كونتروللىقىنى دەل رونالدو ئىسپانغا كەلگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ يوقاتقان. قايسىلا تەرەپتىن سېلىشتۇرساق مېسسى سان-سېفىر جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما كىرىستىيان مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە مېسسى مەڭگۈ كىرىستىياننىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. بۇنى زورلاپ تاڭغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. پەقەت پايدىلانساق كۇپايە...
كىرىستىيانغا نىسبەتەن كۆز قارىشىم: ئۇ بىر پەۋقۇلادە، كونتروللىقىنى يوقاتقان توپ ئۇرۇش ماشىنىسى. ئۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە، سۈرئىتى ۋە قاڭقىش ئارىلىقى مېسسىدىن كۆپ يۇقىرى. ئۇ مېسسىدىن كىلىشكەن. ئۇ بولسا كوماندىنىڭ روھى تۈۋرۈكى. ئۇ مەيلى قەيەرگىلا بارسۇن مەڭگۈ ئاساسىي پىرسۇناژ بولالايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدەك بىر ئېسىل توپچىنىڭ مېسسىدەك غەلىتە مەخلۇققا يۇلۇقۇپ قالغىنى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بەلكىم ئۆزىنىڭمۇ بەك ئىچى پۇشىشى مۇمكىن. (ئەسلى كىرىستىيان بىر دەۋىرگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما مېسسى بىلەن تەڭ ۋەكىللىك قىلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر قارا چۈش بولۇپ قالدى)
مېسسىغا نىسبەتەن كۆز قارىشىم: ئۇ بىر تۇغما پەتەكلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان پاكىنەك. ئۇ كىرىستىياندەك بەدەن چىنىقتۇرماسلىقى مۇمكىن. چىنىقتۇرسىمۇ كىرىستىياندىن مەڭگۈ بۇ جەھەتتە ئېشىپ بولالماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇ تۇغما پەتەكلىك ۋە بىر خىل تۇغما ئىقتىدار بىلەن تەڭ يارىتىلغان توپچى. ئۇنىڭدىكى ئىنكاس ۋە سېھىر ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە مەۋجۇد. ئەسلى 1.63 مېتىر كىلىدىغان توپچى تۇيۇقسىز 1.69 مېتىر قىلىپ قايتا ئۆزگەرتىلدى. ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىقتىدار ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭ توپىنى قاپقا تۈۋرۈكى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسى توساپ قالالايدۇ. بۇ ئىككى يىل كىرىستىياننىڭ ئىلگىرلىشى ۋە بەزى كىلىشمەسلىكلەر تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئىككىنچى دېگەن نامغا ئېرىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ ئەمدىلا 27 ياش. ئۇ دۇنيا پۇتبول جېنىس رېكورتىغا ئۇدا ئىككى قېتىم كىرگەن توپچى. باشقا توپچىلارنىڭ ئەڭ ئىچى پۇشىدىغىنى ئۇ تېخى مەيداندا رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|