elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 651|ئىنكاس: 11

ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-23 15:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۈگۈن ئەتتىگەن 27-نۆۋەتلىك ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتار پايتەختى دوھاغا جايلاشقان ئەلساد پۇتبول مەيدانىدا بۇ پەسىللىك ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ناپلېس كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونى يوۋېنتوس كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى .
120مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ 2-2تەڭلىشىپ ،ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئېچىنىشلىق نوقتا توپ ئارقىلىق ئايرىلدى .(بۇ120مىنۇت جەريانىدا ئاۋال تېۋېز يوۋېنتوس ئۈچۈن بىر توپ ئۇرۇپ ،ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈردى .كىيىن ھىگۋايىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى .قۇشۇپ ئوينالغان30 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىمۇ ئوخشاشلاتىۋىز بىلەن ھىگۋايىن بىردىن توپ ئۇردى.بۇ ئىككى ئارگىنتىنالىق جەمىئي4توپ ئۇرغان بولدى.) شۇنداق قىلىپ ئىككى كوماندا 9قېتىملىق ئايلانمانوقتا توپ جېڭىدە ناپلېس كوماندىسى 7گە قارشى 8نەتىجە بىلەن يۇۋېىتۇس كوماندىسىنى يېڭىپ،تارىختا 2-قېتىم بۇ لوڭقىنى كۈتۈردى . بۇفىننىڭ  ئىپادىسى قالتىس بۇلۇپ 3نۇقتا توپنى تۇسۇۋالغان بولسىمۇ، نابۇلىسنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇش يولىنى تۇسۇپ قالالمىدى.نابۇلىس تەرەپتىن ھىگۋايىننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى. قالغان تەپسىلەتلارنى فىلىم جەۋھىرىدىن كۆرۈۋالغايسىلەر!


[media=swf,500,375]http://player.youku.com/player.php/Type/Folder/Fid/23230985/Ob/1/sid/XOD
U0NjExODE2/v.swf[/media]



730_1406957_790923.jpg
730_1406955_500303.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 11:25:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى تۈنۈگۈن يازسام بۈگۈن ئاران تەستىقلىنىپتۇ. فىلىم چىقماي قالدى.ئاشۇ ئادرىس بويىچە كۆرۈۋالغايسىلەر. تور بەكلام ئاستا بۇلۇپ،تولا قېتىۋېلىپ،جاپا سېلىپ كەتتى، توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى يازغان تېمام تەستىقلىنىپلا نىمىشقىكىن تاڭ ئۆچۈرىۋېتىلىپتۇ.(ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېلسىي بىلەن سىتوك شەھىرىنىڭ مۇسابىقىسى توغرىسىدا خەۋەر ئىدى.) ئۇنىڭ ئورنىغا مىنىڭدىن كىيىن يوللىغان باشقا بىرسىنىڭكىنى چىقىرىپ قۇيۇپسىلەر. بۇ قانداق .ئىش زادى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 11:28:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇقتا توپ جېڭىدە بوففوننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان... لېكىن ما تىۋىز دېگەن ئاداش نۇقتا توپنى ئۇرالماي قالدى  ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 11:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگۇئايىن يەنە قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى.................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 12:41:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن نابلىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 14:57:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېۋىزنىڭ تەلىيى نەگە سەيلى قىلغىلى كەتكەن بولغۇيتى دەيمەن، ھېچ بولمىسا سىرتىغا چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئېغىر كەلمەس بولغۇيتتى، ۋارتارمۇ يۆنىلىشىگە ھۆكىم قىلالماپتىكەن  بولمىسا....
ئەسلى يۇۋىنتۇستىن ۋىدال بىرىنجى بولۇپ تەپكەن بولسا بولاتتى، يۇۋىنتۇستا ئاساسەن ۋىدال تەپكەندىكىن تۇنجىسى ياخشى باشلاش مۇمكىن ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 17:11:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيەنىڭ لوڭقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاغىل ئاتلار ئېلىۋەرسە سەت تۇرا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 17:31:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، ئىملا ۋە خەۋەر سۈپىتىڭىز تولىمۇ ياخشى ئىكەن. خەۋەر بايانىڭىزمۇ جايىدا. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
  باشقۇرغۇچىلار بەزىدە بۇرۇن خەۋەر يوللاپ باققانلارنىڭكىگە ئىشەنگەن بولسا كېرەك. ئەمدى سىزنىڭ مۇشۇ سۈپەتلىك خەۋەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە نىسبەتەن ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىدە سان بولدى. ئۇقۇشماسلىقلارنى توغرا چۈشىنىڭ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 18:05:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىتالىيەدىن تاغىل قىچىرلارنى ھەجەپ جايلايدىغان بىرسى چىقمايۋاتىدۇ دېسە ...
نابلىس ئاران ئۇتۇپ بىر لوڭقىنى بولسىمۇ ئېلىپ بېرىپتۇ ، بۇرۇنقى قوشماق مىلاننىڭ شانلىق ۋاقىتلىرىنى
ئەسلەپلا ئۆتۈپ كېتەمدۇق نېمە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 13:56:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوختا توپ جىڭى خېلى داۋاملىشىپتۇدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-27 21:58:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، ئىملا ۋە خەۋەر سۈپىتىڭىز تولىمۇ ياخشى ئىكەن. خەۋەر بايانىڭىزمۇ جايىدا. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

رەھىتىمنى ئۈلۈشكۈن ئەۋەتسەم،ۋاقتىدا بارماي قاپتۇ.(دەل شۇ چاغدا كومپىيوتىرىم قايتا قوزغىلىپ كەنكەن ئىدى).چۈشەنگىنىڭگە،قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. بىزمۇ شۇ ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. ھەراست ئابلەتجان بۇرادەر مەن سىلىنى ئوبدان تۇنۇيمەن،ھەم سىلىگە قايىل، پۈتۈن خەلق كۆرۈۋاتقان ئاپراتنىڭ ئالدىدا  نەقمەيداندا تۇرۇپ گەپ قىلش ئوڭاي ئەمەس.(قورسىقىدا توشقىچە بىلىمى بارلار ئىچىدىمۇ،ئوڭشاپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.)شۇڭا سىزگە كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمىز.ئىشلىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-27 22:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناپولى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايىتقىلى تۇرۇپتۇ مانا،ناپولى بۇيىل بىرلەشمە چىمپىيۇنى بوپقىلشىمۇ مۈمكىن ماۋۇ ئىپادىسىدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-20 14:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش