ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ 2014-يىلىدىكى مۇسابىقىللىرى ئاساسەن ئاياغلاشقان مۇشۇ ۋاقىتتا داڭلىق « كووورە » تەنتەربىيە سەھىپىسى بۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئون توپچىنى باھالاپ چىقتى ، يىللىق « ئالتۇن توپ » قىززىق نۇقتىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ كۆپىنچە كىشىلەر بۇ مۇكاپاتنىڭ يەنىلا ئىككى گېگانت ماھىر بولمىش مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىرسىگە تەۋە بولىدىغانلىقى ، قاپقاۋۇل نويىرنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا قالىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشماقتا ...
تۆۋەندىكى بۇ تىزىلىش قانداقتۇر رەت تەرتىپى ياكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىزىلغان ئەمەس ، بەلكىم بۇ خىل تىزىلىش باشقىلارنىڭ تىزغىنىغا مۇخالىپ بولۇشى مۇمكىن ، ھەركىمنىڭ ئويلىغىنى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ، شۇڭا باشقىچە پىكىر-ئىختىلاپلارنىڭ چىقىشى تەبىئىي ..
قېنى بۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئون ماھىرغا نەزەر تاشلاپ باقايلى ...
10- ئېيدىن ھازراد
بېلگىيەلىك بۇ توپچى چېلسىي كوماندىسى بىلەن ياۋروپا ئوزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى ، شۇنداقلا ئېنگلاند رايونلار لوڭقىسى چىمپيۇنى بولدى ، بىراق دۇنيا لوڭقىسىدا دۆلىتىگە تازا دېگۈدەك كۈچ بېرەلمىدى .
9- يەھيا تورى
مانچىستېر شەھىرى ئالدىنقى پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چىمپيۇنى بولدى ، كوتىدۇۋۇرلۇق بۇ توپچىنىڭ كىرگۈزگەن كۆپلىگەن ھەل قىلغۇچ توپلىرى بۇ لوڭقىنى ئېلىشقا زور ياردەم قىلدى ، بىراق ئوزغۇنلۇقتا سەككىز كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىلا بارسېلونا تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى ، كوتىدوۋۇر دۆلەت كوماندىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىدا گورۇپپىدىن چىقالماي يۇرتىغا قايتتى .
8- زالاتان ئىبراھىموۋىچ

ھازىرقى زاماندىكى تىپىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولغان ئىبراھىموۋىچ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىدى ، ئوزغۇنلۇقتىمۇ تۆت كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا چېلسىي تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى ، بىراق ئۇ پارىژ سان گېرمان كوماندىسى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا ئىككىنجى قېتىملىق فىرانسىيە بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈردى ، شۇنداقلا بۇ بىرلەشمىنىڭ مەرگىنى بولدى .
7- ئاندىرىيا پېرلو

يۇۋىنتۇس كوماندىسىنى باشلاپ ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچىنجى قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالدى ، شۇنداقلا ئۇدا ئۈچ يىل ئىتالىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى ، بىراق ئوزغۇنلۇق ۋە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى تازا ئوڭۇشلۇق بولماي قالدى .
6- دىياگو كوستا
ئاتلېتكا مادرىد بىلەن بىرلىكتە ئىسپان بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېلىپ بارسېلونا - مادرىد مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى ، شۇنداقلا بىرلەشمىدە كۆپلىگەن توپلارنى كىرگۈزدى ، ئوزغۇنلۇقتا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ يارىسى سەۋەبلىك بالدۇرلا ئالماشتۇرىۋېتىلدى ، دۇنيا لوڭقىسىدا قىلغان ئىشى بىر نۇقتا توپ ( ئۇ توپمۇ گۇمانلىق ) قا ئىشلىگەن بولۇپ گورۇپپىدىن چىقالماي قايتىپ كەلدى .
5- ئاريىن روبىن
بايرېن مىيۇنخېن بىلەن بىرلىكتە گېرمان بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئوزغۇنلۇقتا يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا شاللىنىپ كەتتى ، دۇنيا لوڭقىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچقا بېرىپ ئارگېنتىنادىن نۇقتا توپتا شاللىنىپ كەتتى ، كېيىن بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچىنجىلىككە ئېرىشتى .
4- توماس موللىر
بۇنىڭ كۇلۇبتا ئېرىشكەن نەتىجىللىرىمۇ روببىن بىلەن ئوخشاش بولدى ، ئەمما دۇنيا لوڭقىسىدا دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە چىمپيۇنلۇققا ئېرىشتى ، پورتۇگال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئوينىدى ، مۇشۇنداقلا ماڭسا يەنە تۆت يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى مەرگىنى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن .
3- لىئونىل مېسسى
دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ گېرمانىيەدىن شاللىنىپ كەتتى ، ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ ۋە شۇنداقلا ياۋروپا چىمپيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى بۇزدى ھەم يېڭىلاپ كەلمەكتە .
2- كىرىستىيانو رونالدو
رېئال مادرىد بۇ پەسىل ياۋروپا چىمپيۇنلۇق ، ئىسپانىيە شاھلىق ، ياۋروپا ئالىي لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ ساھىبى بولدى ، رونالدو ئىسپان بىرلەشمىسىدە ۋە ياۋروپا چىمپيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ مەرگىنى بولدى ، بىراق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىدە گورۇپپىدىن چىقالماي يۇرتىغا قايتتى .
1- مانويىل نويىر
بايرىندىكى باشقا سەبداشلىرىغا ئوخشاش گېرمانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى ، دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئاجايىپ ئىپادىسى بىلەن چىمپيۇنلۇققا شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسىدىكى « ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى » مۇكاپاتىغا نائىل بولدى .
ئەسلىي مەنبەدە رەسىملىرى يوق ئىكەن ، رەسىملەرنى ھەر جايلاردىن تېپىپ قىستۇرغان بولغاچ سەل ئېگىز-پەس چىقىپ قالدى ، ئۆزۈر ...
|