ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 93 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئون يىلدا 401 توپ ، 160 ياردەمچى پاس ، ئاران 27 ياش !!
كىچىدىن ئوينالغان ، بارسىلونا 6-0 گىرانادانى يەڭگەن مۇسابىقىدە ، مىسسىي 2 توپ ئۇرۇپ ، ئىككى ياردەمچى پاس چىقاردى ، شۇنداقلا كەسپى ھاياتىدىكى 400 توپلۇق ئۆتكەلنى بىسىپ ئۆتتى .
27ياشلىق بۇ ئارگىنتىنالىق ، بارسىلوناغا ۋاكالىتەن 432 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، 359 توپ كىرگۈزدى ، ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 93 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، 42 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، جەمئى 525 مەيدان مۇسابىقىدا 401 توپ ئۇرۇپ ، مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى .
2004-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىلىپ بىرىلغان كاتالونىيە دىربىسىدا ، رەقىبى ئىسپانىيلىكلەر كوماندىسى بىلەن ئىلىپ بىرلغان مۇسابىقدە ، زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشكەندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر بولغان ئون يىل ئىچىدە ، ئۇ يىشىل چىملىقتا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ، شانلىق تارىخلارنى ياراتتى .
مىسسىي ئۇرۇپ كىرگۈزگەن بۇ 401 توپنىڭ 331 ى سول پۇت بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن ، 53 ى ئوڭ پۇت بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن ، 15 ى كاللا بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن ،بىر توپ مەيدە بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن ، بىر توپ بولسا مارادانا ئۇسلۇبى بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن .
مىسىسىي ئىسپانىيە بىرلەشمىسدىكى كۈچلۈك رەقىبلىرىگە دىگۈدەك كۆپ توپ ئۇرغان بولۇپ ،رىئال مادىرتقا 21 توپ ، مادىرىت ئاتلىتكىغا 20 توپ ، ئوساسۇناغا 19 توپ ، سەرۋىلىيەگە 18 توپ ، خىتافى بىلەن ۋالۇنسىيەگە 15 تىن توپ ئۇرغان
مىسسىي بۇ 401 توپنىڭ 248 نى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ، 29 نى شاھلىق لوڭقىسدا ، 10 توپنى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا ، 67 توپنى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا ، بىر توپنى ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا ، تۆت توپنى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسدا ، 42 توپنى دۆلەت كوماندىسىدا ئۇرۇپ كىرگۈزگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، مىسسىي ئۇرۇپ كىرگۈزگەن 401 توپنىڭ ،
347سى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىن ئۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن ، 54 چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن ئۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ توپلارنىڭ ئىچىدە 53 نۇقتا توپ ، 23 ئىختىيارى توپ ئىكەن
1987- يىلى 6- ئايدا تۇغۇلغان بۇ ئارگىتىنالىق چولپان ، ئەمدىلا 27 ياش بولۇپ ، پوتبۇل دۇنياسىدا بۇنداق ياش تۇرۇپ 400 توپلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن چولپانلار ساناقلىقلا ئىكەن . پوتبۇل پادىشاھى دەپ ئاتالغان پىلى ، 23 يىشىدا بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن ، گىرمانىيلىك بومبا پارتىمانچى گىراد موللر 26 يىشىدا بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن ، پوسكاش 28 يىشىدا ، كىرستىيان رونالدو 29 يىشىدا بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن ، دىسىتفانو 29 يىشىدا ، تەنھا بۆرە رومارىيو ، رائوللار بولسا 33 ، 34 يىشىدا بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن ، تاشقى پىلانىت ئادىمى بولسا بۇ ئۆتكەلدىن 33 يىشىدا ئۆتكەن .
مىسسىنىڭ يۇقارقى نەتىجىلىرنى كوماندىدىكى سەپداشلىرىنىڭ ئىتتپاقلىشىپ ، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .
بۇ جەرياندا ، ئارۋىس 37 قىتىم ، شاۋى 32 قىتىم ، ئىنىستا 30 قىتىم مىسسىيغا ياردەمچى پاس بەرگەن .
مىسسىي بۇ 401 توپتىن باشقا يەنە ، 160 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن بولۇپ ، بارسىلونادا 135 قىتىم ، ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا 25 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن .
پۇتبول كۇلۇبى |
|