akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1521|ئىنكاس: 39

يۆتكىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-20 20:42:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق دوسىتلارغا لاچىندىن سالام.
پۇتبول ساھەسىدە تارىختىن بۇيان توپچىلارنى بىر كولۇپتىن يەنە بىر كولۇپقا يۆتكىلىشى داۋاملىشىپ كەلمەكتە، بۇيۆتكىلىشتىن ئادەتتىكى توپچىدىن تارتىپ تارىختىن بۇيان نامى  ئۆچمىگەن رىۋايەتلىك داڭلىق توپچىلارمۇيۆتكىلىشتىن خالى بولغان ئەمەس، بۇ توپچىلارنى بەزىلىرى ھەتتا بىر بىرلەشمىدىكى قان رەقىپلىرىگە يۆتكىلىپ مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇرغان، بۇتوپچىلارنىڭ يۆتكىلىش سەۋەبى بولسا شۇ ئۆزى توپ تەپكەن كولۇپ بىلەن ئازتولا مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى شۇتوپچىنى ساتماقچى بولغان كولۇپ شۇتوپچىنى ساتقاننىڭ بەدىلگە كولۇپنىڭ ئىقتىسدىنى ياخشىلىۋىشنى ئۆمۈت قىلىدۇ، يەنە بىر سەۋەپ بولسا شۇ توپچى ئۆزى خالاپ باشقا كولۇپقا يۆتكەلگەن بولشى مۈمكىن،ھەمدە شۇ توپچىنى سىتىۋالماقچى بولغان كولۇپ تەرەپمۇ كولۇبىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي  سىتىۋىلىشى توپچىلارنىڭ يۆتكىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولشى مۈمكىن.

1. 1905. يىلى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە توپ تىپىدىغان كوممون ئىسىملىك توپچى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى ساندىرلاد كولۇبىدىن  يەنە شۇ ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى مىدىرس شەھرى كولۇبىغا 100 مىڭ ياۋرۇ بىلەن يۆتكەلگەن.(پۇل بىرلىكى فونىستىرلىڭ بىلەن ئىلىندى.)

IMG_aAwsokgcqNE_0.jpg

2. 1961. يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بارسىلونا كوماندىسىداتوپ تىپىدىغا لۇيىس سۇئارىز ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىنتىر مىلەن كوماندىسىغا152 مىڭ فونىستىرلىڭ بىلەن يۆتكەلگەن.

IMG_aAwsokgcqNE_1.jpg
3. 1973. يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كولۇپ ئاجاكىس كوماندىسىدا توپتىپىدىغان يوھان كىرويۈف ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى دۇنياۋى كولۇپ بارسىلونا كولۇبىغا922 مىڭ فونىستىرلىڭ بىلەن يۆتكەلگەن،بۇسودا بارسىلونا كولۇبىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان سودىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كىرويۈف بارسىلونادىكى كەسپى ھاياتىدابارسىلونا كولۇبىنى نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئىرىشكە كۆپ كۈچ چىقارغان توپچىلارنىڭ بىرى، شۇڭا بارسىلونا كولۇبى ۋە بارسىلونا مەستانىلىرى ئۇنى ئىسىدىن چىقارغىنى يوق. ،  

IMG_aAwsokgcqNE_2.jpg
4. 1982.يىلى ئارگىنتىنا بىرلەشمىسىدىكى  بوكا ياشلار كوماندىىسىدا توپ تىپىدىغا دىياگو مارادونا نى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كولۇپ بارسىلونا كولۇبىغا3 مىليۇن فونىستىرلىڭ  يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلغان. ئارگىنتىنابىرلەشمىسىدىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە كەلگەن مارادونا يۇلتۇزلا توپىدىكى نۇرسىزيۇلتۇزدىن باربارائىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇپ بىر نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزغا ئايلاندى.  ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بىرمەزگىل توپ تەپكەندىن كىيىن ئىتالىيە بىلەشمىسىدىمۇ توپ تىپىپ ئوخشاشلا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ پۇتبول تارىخىغا ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرۇپ تارىختا بىردىنبىر پۇتبول شاھى دىگەن نامنى قالدۇرۇپ قويدى.

IMG_aAwsokgcqNE_3.jpg

5. 1987. يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەيىخوۋېن كولۇبىدا توپ تىپىدىغان گۇللىت ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كولۇپ ACمىلەن كولۇبىغا6 مىليۇن فونىستىرلىڭ بىلەن قىتىلغان گۇللىتمۇ مىلەن كولۇبىغا كۆپ كۈچ قوشقان توپچىلارنىڭ بىرسى.
IMG_aAwsokgcqNE_4.jpg
6. 1990. يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى  فىلرونسا كولۇبىدا توپ تىپىدىغان روبىرتو باگگو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋىنتىس كولۇبىغا8 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلغان، روبىرتو باگگو يۇۋىنتىسقا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى كەلتۈرگەن شۇڭا ئۇنى يۇۋۇنتىسلىقلا ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
IMG_aAwsokgcqNE_8.jpg
7. 1992. يىلى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق كولۇپ مارسىل كولۇبىدا توپ تىپىدىغان جىئان پىئىررى پاپىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كولۇپ ACمىلەن كولۇبىغا 10 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلغان.
IMG_aAwsokgcqNE_6.jpg
8. 1992. يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى سامپىدورىيە كولۇبىدا توپ تىپىدىغان ۋىيالى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى تاغىل ئات يۇۋىنتىسقا 12 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلغان.
IMG_aAwsokgcqNE_7.jpg
9. 1996. يىلى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى بىلەكبۇرىن كولۇبىدا توپ تىپىدىغان ئالەن شىرئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى نىيۇكاستىل كولۇبىغا18 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلغان، ئالەن شىر ئىنگىلاد بىرلەشمقسىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن  پۈتۈن دۇنيا تونۇلۇپ كەتكەن.
IMG_aAwsokgcqNE_5.jpg
10. 1997.يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق كولۇپ بارسىلونا كولۇبىدا توپ تىپىدىغان رونالدو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى  ئىنتىر مىلان كولۇبىغا 19.5 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلغان. رونالدۇ ياۋرۇپا بىرلەشمىلىرىدە توپ تەپكەن ھاياتىدە ئۆزىگە ۋە كولۇپقا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ پۇتبول تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇرغاندىن سىرىت تاشقى پىلانىت ئادىمى دىگەن نامنى ئىلىپ يىشىل مەيداندىن ئايرىلدى.
IMG_aAwsokgcqNE_9.jpg
11. 1999.يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۆك بۈركۈت لازىئو كوماندىسىدا توپ تىپىدىغان كىرىستىيان ۋىرى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار ئىنتىر مىلان كولۇبىغا32 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلش ھەققى بىلەن قىتىلغان، بۇ يۆتكىلىش شۇچاغدائىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قىممەت يۆتكىلىش بوپقالغان.
IMG_aAwsokgcqNE_10.jpg
12. 2000. يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى پارما كولۇبىدا توپ تىپىدىغان ھىرىمەن كىرىسپو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۆك بۈركۈت لازىئوغا36 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلغان، ئۇلازىئوكوماندىسا كۆپ توھپە قوشقان ماھىرلارنىڭ بىرسى.
IMG_aAwsokgcqNE_11.jpg
13. 2000. يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كولۇپ بارسىلونا كولۇبىدا توپ تىپىدىغان لۇيىس فىگو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى يەنە بىرزەردار ھەمدە بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئەشەددى رەقىبى بولغان خانجەمەتى مادرىت كوماندىسىغا 37 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلدى.
IMG_aAwsokgcqNE_12.jpg
14. 2001. يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى تاغىل ئات يۇۋىنتىستا توپ تىپىدىغان داڭلىق ماھىر زىدانى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى  داڭلىق كولۇپ خانجەمەتى مادرىت كوماندىسىغا46 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلدى، بۇسودا خانلىق مادرىت كولۇبىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان سودىلىرىنىڭ بىرى .
IMG_aAwsokgcqNE_13.jpg
15. 2009. يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ACمىلەن كوماندىسىدا توپ تىپىدىغان دۇنياۋى چولپان كاكا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كولۇپ خانجەمەتى مادرىت كولۇبىغا57 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۇقرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلدى، ACمىلان كولۇبىدا قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان كاكا ئەكىسچە خانلىق مادرىت كوماندىسىدا ئىپادىسى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇسودا خانجەمەتى مادرىت كوماندىسىنىڭ زىيان تارىتقان سودىلىرىنىڭ بىرى بولدى.
IMG_aAwsokgcqNE_14.jpg
16. 2009. يىلى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى قىزىل ئالۋاسىتى مانچىستىر بىرلەشمىسىدە توپ تىپىدىغان پورتىگالىيەلىك كىرىستىيانو رونالدونى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى خانجەمەتى مادرىت كوماندىسىغا 80 مىليۇن فونىستىرلىڭ ئەڭ يۇقرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتىلدى. خانجەمەتى مادرىت كوماندىسى رونالدونى ئەڭ يۇقرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىتۋالغان بولسىمۇ بۇسودىنىڭ ئۈنمىنى ئومدانلا كۆردى، رونالدو2009. يىلى خانلىق مادرىتقا قىتىلغاندىن تاھازىرغىچە قالتىس ئىپادىسى بىلەن مادرىتقا كۈچ قوشۇپ كەلمەكتە.
IMG_aAwsokgcqNE_15.jpg
17.  2013. يىلى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى توتىخام كوماندىسىدا توپ تىپىدىغان ۋىلىشلىق بىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كولۇپ خانجەمەتى مادرىت كولۇبغا دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت بولغان84 مىليۇن فونىستىرلىڭ يۇقرى مۇئاش بىلەن قىتىلدى.
IMG_aAwsokgcqNE_16.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 20:58:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئارىزنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنىمۇ قېتىۋاتقان بولسىڭىز ئىسىل بولاتتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 20:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زادى قانداق گەپ  زادى بىلنىڭ يۆتكىلىشى قىممەتمۇ رونالدونىڭمۇ ؟؟  بەزى خەۋەرلەردە رونالدونى 96 مىليۇن ياۋرۇغا، بىلنى 91 مىليۇن ياۋرۇ دەپ ئىلىنىپتۇ ، ئىنىق چۈشەنچە بىرىدىغانلار بارمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 20:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئالانشېر  بىلەن  باگىئۇئونىڭ  رەسىمى  ئالمىشىپ  قاپتۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 20:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 20:54
、ئالانشېر  بىلەن  باگىئۇئونىڭ  رەسىمى  ئالمىشىپ  قاپتۇ   ...

بىر ئوڭشاپ بەرمەملا مەھمۇدىيە تىلفوندا بۇتىمىنى ئەتىگەننىڭ ياقى بەك تەستە يىزىپ بولدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 21:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادونا بىردىنبىر پۇتبول شاھىمىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 21:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە نېيمار مۇ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 21:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇلار بۇتىزىملىكتە يوقكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 21:25:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېمىدىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نەرسىنى كۆرەلەيمىز:
   1. ياۋروپادا پۇتبولنىڭ كەسىپلىشىشى تولىمۇ بۇرۇن باشلانغان.
   2. پۇل پاخاللىشىش سۈرئىتى تولىمۇ تېز بولغان.
   3. داڭلىق، ئېسىل، نادىر تەنھەرىكەتچىلەر ئەزەلدىن ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن.
بۇرادىرىمىز لاچىن بىتاپ ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇشبۇ تېمىنى پۈتتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ تېزرەك سەللىيمازا ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 21:25:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە 5-10يىلغىچە كىرسىز يۈز بەرمەي قالسىلا80مىليونمۇ ئادەتتىكى توپچىلارنى يۆتكەيدىغان سومما بولۇپ قالغۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 21:25:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر تورىدىن كۆرگەندەك ئىسىمدە بۇ تېمىنى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 21:26:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 21:08
مارادونا بىردىنبىر پۇتبول شاھىمىكەن

پىلى بولسا  ۋەزىرلىككە چۈشۈپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش