ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1845 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-20 19:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!!!
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىتالىيە ‹‹دولىن تەنتەربىيە گېزىتى›› 2014-يىللىق ياۋروپا ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى نامزاتىنى تاللاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە لېۋىرپول ئالدى ھۇجۇمچىسى سىتېرلىڭ رەقىبلىرى ئاجاكىسنىڭ يېڭى يۇلتۇزى مېرىك، مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى جانۇزاي، بارسېلونا قوش يۇلتۇزى مونىر ۋە ساندېرو قاتارلىق توپچىلارنى يېڭىپ بۇ يىللىق ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى شەرىپىگە نائىل بولدى.
ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى 2003-يىلى ئىتالىيە ‹‹دولىن تەنتەربىيە گېزىتى›› تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ مۇكاپات ياۋروپادىكى كۇلۇبلار ئۈچۈن كۈچ قوشۋاتقان ، 21 ياشتىن تۈۋەن ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىقا بېرىلىدۇ، ياۋروپادىكى 20 دۆلەت تاراتقولىرى ۋە 30 دىن كۆپ مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىپ بېلەت تاشلىشى ھەمدە ‹‹فىرانسىيە پۇتبول ژۇرنىلى››، ‹‹كۇلۇب گېزىتى››، ‹‹ماركا گېزىتى›› ۋە ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتى›› قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تاللىشى ئاستىدا بارلىققا كىلىدۇ.
ئالدىنقى 11 نۆۋەتلىك ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى ساھىبلىرى :
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقتى ئىسمى دۆلەت تەۋەلىكى مۇكاپاتلانغان ۋاقىتتىكى كۇلۇبى
2003-يىلى ۋاندېفات گوللاندىيە ئاجاكىس
2004-يىلى رونى ئېنگىلاند مانچېستىر بىرلەشمىسى
2005-يىلى مېسسى ئارگېنتىنا بارسېلونا
2006-يىلى فابرېگاس ئىسپانىيە ئارسىنال
2007-يىلى ئاگۇيرو ئارگېنتىنا مادىرت ئاتلىتكا
2008-يىلى ئاندېرسېن بىرازىليە مانچېستىر بىرلەشمىسى
2009-يىلى پاتو بىرازىليە ئاس مىلەن
2010-يىلى بالوتېلى ئىتالىيە مانچېستىر شەھىرى
2011-يىلى گوتېزى گېرمانىيە دورتموند
2012-يىلى ئېسكو ئىسپانىيە مالاگا
2013-يىلى پوگبا فىرانسىيە يۇۋېنتىس
2014-يىلى سىتېرلىڭ ئېنگىلاند لېۋىرپول
|
|