akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1783|ئىنكاس: 35

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-20 13:50:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 22:20  

selva.jpg


مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى يادروسى ھېسابلىنىدىغان داۋىد سېلۋا يېقىندا ئاخپارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، مۇخپىرلارنىڭ دائىم چولپانلاردىن سورايدىغان‹‹ سىزنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى قانداق بولىشى كېرەك؟›› دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى ياخشى سەپ شەكلىنى تۇزۇپ چىققان. ئەجەپلىنەرلىكى بۇ تىزىملىككە مىسسى كىرگەن بولسىمۇ رونالدو كىرەلمىگەن. ئۇ بۇ سەپ شەكلىنى 4-4-2 شەكلىدە تىزىپ چىققان ھوجۇمدا بولسا مىسسى بىلەن تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدونى تىزغان.( ئۇ بۇ سەپ شەكلىگە رونالدونى تىزماسلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەپتۇ...)

730_1403264_640864.jpg


ئەتە سەھەردە مادرىد كوماندىسى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنى ئوينايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ خوشنا رەقىپلىرىدىن بولغان بارسلونا ئەزالىرى تۈرلۈك دەم ئېلىشلار بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان موشۇنداق كۈندە مادرىد كوماندىسى بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن يەنىلا تىرىشىپ مەشىق قىلماقتا. رودرېگىزنىڭ يارىسى يەنىلا تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەن بولۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈش-چۈشمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. مودرېچمۇ ئوخشاشلا يارىدار ھالەتتە. ئېسكو بۇ قېتىممۇ ئاساسلىق ئەزالىق ھالىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئەنچلودى بۇ مەيدان مۇسابقىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ‹‹ بۇ مەيدان مۇسابىقە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. بىر ھەر-بىر مەيدان مۇسابىقىگە چوقۇم ئەھمىيەت بىرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ تەييارلىقىمىز ئاللىقاچان پۇتتى. ھازىرقى كەيپىياتىمىزمۇ ئىتايىن ياخشى.›› دېدى.

ئۇ يەنە جامىس بىلەن راموسنىڭ مەيدانغا چىقىش-چىقماسلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ :‹‹ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاشمايدۇ. جامىس ھازىر ئاساسەن مەشىق مەيدانىغا قايتىپ كەلدى. راموستا بولسا يەنىلا ئازىراق مەسىلە مەۋجۈت. مەن ھەرئىككىسنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.›› دېدى.  


ruyis.jpg


رۇئىسنىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرى يېقىندىن بېرى گېرمانىيە ئاخپارات ۋاستىللىرنىڭ قاتتىق بەس-مۇنازىرە قىلىشغا ئايلىنىپ قالدى. ھەر تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ ئېيتشىچە رۇئىسنىڭ يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولغان كۇلۇپلار خانلىق مادرىد كوماندسىى بىلەن بارسلونا كوماندسىى ئىكەن. 2000-يىلىدىن 2007-يىلغىچە دورتموند كوماندىسىدا توپ تىپىپ كېيىنكى 2008-يىلى مادرىد كوماندىسغا يۆتكەلگەن  مېتزىلدىېر Christoph Metzelder ‹‹ ئەگەر مەن رۇئىسنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام بارسلونا كوماندىسى بىلەن مادرىد كوماندىسدىن مادرىد كوماندىسىنى تاللىغان بولاتتىم›› دەپ رۇئىسقا يول كۆرسەتكەن. قارىغاندا بۇ قېتىملىق بازاردا بارسلونا كوماندسى بىلەن مادرىد كوماندىسى سودىدىكى رەقىپلەردىنمۇ بوپ قالغىدەك.

xahlik.jpg


ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقسىنىڭ چەك تارتىشىدا مادرىد كوماندىىسى بىلەن مادرىد رىقابەت كوماندىسى 16-كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدىلا ئۇچرىشىپ قالدى. بىرلەشمىنىڭ بېشىدا مادرىد كوماندسىىنىڭ يېڭى ئەزالار بىلەن بولغان ماسلىشىنىڭ ئاستا بولىشى ۋە تىرنىرنىڭ توختىماي تاكىتىكا ئۆزگەرتىشى ۋە ئاساسلىق ئەزالارنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ۋە مادرىد رىقابەت كوماندىسىنىڭ ناھايتى ياخشى بولغان ئىپادىسى بىلەن مادرىد كوماندىسى مادرىد رىقابەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. شۇ سەۋەپلىك بىرلەشمىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىلىر خېلىلا جاپالىق ئۆتتى. ھازىرقى ۋاقىتنى ئېلىپ ئېيتساق مادرد كوماندسىنىڭ ئەھۋالىىدا ناھايتى چوڭ ئىلگىرلەش بار. ئىزچىل يېڭىش قەدىمى توختىماي كىلىۋاتىدۇ. موشۇنداق ئەھۋالدا بۇرۇنقى قان رەقىبى بولغان مادرىد رىقابەت كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش ئانچە خوشاللىنارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى مادرىد رىقابەت كوماندسىى ئۆتكەن پەسىل بارسلونا بىلەن مادردتىن ئىبارەت ئىسپانيە بىرلەشمىسىدىكى ئىككى ھۆكۈمراننى قارىتىپ قويۇپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن كۇلۇب. ئۇنداقتا مادرد كوماندسىى بۇ بەڭۋاش ئۇكىسىنى بوي سۇندۇرالامدۇ-يوق ؟ قىساس ئېلىش-ئالامماسلىق يەنىلا مادرىد كوماندسىنىڭ قولىدىكى ئىش.

karlos.jpg


خان مادرىد كوماندىسىنىڭ داڭلىق يان بېكى روبىرتو كارلوس يېقىن بۇيان قاتتىق غۇلغۇلا بولىۋاتقان ئالتۇن توپ ھەققىدە سۆز قىلىپ بىر-قانچە ئېغىز سۆز قىلغان . ئۇ مادرىد كوماندىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە ‹‹ كىشىلەر ئىلگىرى ئالونسو بىلەن دىمارىيا كوماندىدىن ئايرىلغاندا ھەرخىل گۇمانى قاراشلاردا بولغان، ھەتتا تېرنىرنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغان. بىراق ھازىر سىلەر مادرد كوماندسىىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭلار !! ››

ئالتۇن توپ ھەققىدە قىلغان سۆزىدە ‹‹ رونالدو بولسا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى، مېسسىمۇ ئىنتايىن قالتىس. بىراق رونالدونىڭ ھازىرقى ئىپادىسى مېسسنى بېسىپ چۈشىدۇ. خۇددى مېسسى ئىلگىرى رونالدونى بېسىپ چۈشۈپ ئالتۇن توپ ئالغاندەك
...››




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:54:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xah-diyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 14:59  

مادرىتنى ياكى بىرەر ئەزاسىنى ماختاپ قويغان ئادەمنىڭ ھەممىسى بەزىلەرنىڭ  نەزىرىدە ناھايتى توغرا گەپ قىلغان بولىدۇ ھە؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
زېرەك + 1 تاغتۇرا

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:38:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەردىكىسى دىياگو سىلۋا ئەمەس داۋىد سىلۋا.

كارلوسنىڭ «بىراق رونالدونىڭ ھازىرقى ئىپادىسى مېسسنى بېسىپ چۈشىدۇ. خۇددى مېسسى ئىلگىرى رونالدونى بېسىپ چۈشۈپ ئالتۇن توپ ئالغاندەك» ما گېپى نەخ جايىنى تېپىپتۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +21 يىغىش سەۋەبى
bughraoghli + 20 مەنمۇ شۇ ئويدا
xah-diyar + 1 كۆپتۈرمە

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 16:55:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلۋانىڭ سەپ شەكىلىگە قارشى سەپ شەكلى

                                   نويىر


مارىسلو            خومىلىس             پى پى                 ئالابا


          ئالونسو             شىۋىنستايگىر           فابىرگاس


          س رونالدو              ئىبرايىم                رونى   


تىرىنىر مورىنىيو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:11:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى كەلگەندە بىر نەرسە دەيلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 13:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويۇننىڭ قىززىقى 16نىڭ ، 8 نىڭ ئىچىدىلە چىقامدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:03:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ياختۇرىدىغىنى ئايرىم بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:03:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيييييي   ئەمدى نىم دەيمىز بۇ رۇيىسقا  نەگە كەلگۇسى كەلسە چاقانراق كەلسە بولاتتى ، سىلۋانىڭ سەپ شەكلىگە كەلسەك ئوتتۇرا مەيدان تازا ياقمىدى ماڭا  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكىنى ناۋدا مەغلۇپ قىلۋەتسەك 8 كۈچلۈكتە بارسلونا بىلەن ئۇچىرشىپ قېلىشمىز 90 پىرسەنىت بوپ قالدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:09:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بارسىلونانىڭ ئادەم ئىلىش ھۇقۇقى بوغان بولسا رىئوس چۇقۇم بارسىلونانى تاللايتى  ، بىراق ھازىر ئەھۋال باشقىچە  قانداق بولاكىن ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:10:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خىيالىي سەپ  شەكلىمنى  چىقىرىپ  قويسام ،«كائىنات كوماندىسى»  دىگەن تىمامنى   ، سىلۋا  كۆردىمۇ  نىمە.  سەپ  شەكلىدە  تولىراق  بۇرۇنقى  ئەزالار   كۆپكەن.  ئۇمۇ  ماڭا ئوخشاش   سەپ  شەكلىگە  ئۆزىنى  قاتماپتىدە!

مادرىدنىڭ   ئۇ لوڭقىنى  ئىلىشى   99%.

بارسىلونانىڭ  ئەزالىرىمۇ  دەم ئالمىغاندۇ؟  بۈگۈن مۇسابىقىسى  بارغۇ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رامۇسمۇ يارداما ؟؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:11:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارلوس   توغرا  گەپ  قىلىپتۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:11:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 14:32  

سېلۋانىڭ بۇ سەپ شەكلى ئۆزىنىڭ شەخسي ھېسىياتى بۇيىچە تۈزۈپ چىققانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن،  رونالدومۇ سەپ شەكلى تۈزۈپ چىقسا سېلۋاغا نۆۋەت تەگمەسلىكى

ھەي كارلوسنىڭ گىپى چىقسا بىرخىل ھاياجان باسىدۇمىنى، كارلوس لىللاھ گەپ قىپتۇ، ئالتۇن توپ توغرىسىدا مېنىڭ قارىشىم بىلەن كارلوسنىڭ قارشى ئوخشاشكەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-20 14:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد ئاتلىتكا بۇلتۇرقىدەك بەك كۈچلۈك ئەمەستەك بۇ يىل ؟؟؟ئاتلىتكىنى مەغلۇپ قىلىپ بارسىلونا بىلەن يەنە بىر مەيدان تۇتۇشىشىنى ئۈمۈت قىلمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش