ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2725 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-20 11:12
شىنلاڭ تەنتەربىيسى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىرى
مورىنىيو كوماندا يادىروسى بىلەن توختام ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى .
يىقىندا ئىنگىلاند تاراتقۇلىرى توختىماي ، چىلسى ئوتتۇرا مەيدان يادروسى خازاردنىڭ توختام ئۇزارتىش خەۋىرىنى تارقىتىشقان ئىدى ، مورىنىيو ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئىنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ، كۇلۇپنىڭ خازارد بىلەن توختام ئىمزالاش ئىشىنىڭ راس ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى . ئۇ يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ :خازارد ھەقىقەتەن مۇنەۋەر ماھىر ، ئەمما ئۇ تىخى ياش ، ئۇ بىز بىلەن بىرگە نۇرغۇن لوڭقىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئىھتىياجلىق دىدى .
مورىنىيو يەنە چىلسىنىڭ كونا رەقىبى مانچىستىر بىرلەشمىسى توغرىسىدا توختىلىپ : ئۇلارغا بۇ يىل سەل قاراشقا بولمايدۇ ، ئۇلاردا ئىلگىركىدەك چىمپىيۇن بولالىغۇدەك ئەمىلىي كۈچ بار ، دىدى .
كاكا ۋە كارولىنا بىرلىكتە روژىدسىۋا ئۆتكۈزدى .
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ، مىلاننىڭ سابىق رىۋايەتلىك توپچىسى كاكا ، ئۆزىنىڭ مىكىرو بىلوگىدا بىر پارچە سۈرەتنى ئاشكارلىغان بولۇپ ، بۇ سۈرەتتە ، كاكا ۋە يىقىندا ئاجىرشىپ كەتكەن ئايالى كارولىنا باللىرىنى قۇچاغلاپ تۇرغان بولۇپ ، ھىسيات ناھايىتتى تەبىي بولۇپ ، ھىچقانداق غەيرىلىك يوق ، يەنە كىلىپ ، كاكا بۇ سۈرەتنى ئالاھىدە ئىزاھلاپ ، بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ ئاتىغان .بۇ سۈرەت روژىدسىۋو بايرىمىلىق ئويۇن كۆرۈشنىڭ ئالدىدا تارتىلغان ئىكەن .
بۇ ئىككىسى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ، 9 يىللىق نىكاھ ھاياتىنى ئاخرىلاشتۇرغانلىقىنى ئىلان قىلغان بولۇپ ، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى .
مەنچىنى : بالاتولى ئىبىرايىموۋىچتىن ئۈگىنىش كىرەك .
چىۋو كوماندىسىنى 2-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن ، مەنچىىنى ئىنتىر مىلانغا قايتقاندىن كىيىنكى بىرلەشمىدىكى تۇنجى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى ، ھەپتە ئاخرىدىكى لازىئو بىلەن ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇسابىقىمۇ ناھايىتتى مۇھىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . مەنچىنى مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بالاتولىنى تىلغا ئالدى .
بالاتولىنىڭ ئىنتىر قايتىشى توغىرلۇق چىققان خەۋەرلەرگە قارىتا ، مەنچىنى بۇ خۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى ، ئۇ بالاتولىنىڭ يىقىندىن بۇيان توختىماي چاتاق تىرىۋاتقانلىقىنى ، شۇ سەۋەپتىن لىۋىرپولغىمۇ ئىش تىرىپ بەرگەنلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى ، ھەم : بالاتولى ئىبىرايىموۋىچتىن ئۆگىنىش كىرەك ، دىدى .
ئۇ يەنە ، ئىبىرايىموۋىچ منەۋەر بىر پوتبۇلچى ، ئ نەچچە يىلدىن بىرى تىرىشىپ مەشىق قىلدى ، نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئىرىشتى ، ئەمما بالاتولى تىخى ياش تۇرۇپ ئويلايدىغىنى ناھايىتتى كۆپ ، يەنە كىلىپ نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمەس دىدى .
ۋىنگىر كىتىشى كىرەكمۇ ؟
يىقىندا ئىلىپ بىرلغان بر قىتىملىق سىتاستىكىلاپ تەكشۈرۈشتە ، ۋىنگىرنىڭ ئارسىنالدا قىلىشنى خالايدىغان ئارسىنال مەستانىلرى 78 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە قۇياش گىزىتى بىلەن يۇگوۋ بىرلىشىپ بىر تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان بولۇپ ، 424 ئادەم بۇ قىتىملىق رايىنى سىناشقا قاتناشقان .
سىزنىڭچە ۋىنگىر ئارسىنالدا قىلىش كىرەكمۇ دىگەن سۇئالغا ، 78پىرسەنت ئارسىنال توپ مەستانىسى ھە دەپ جاۋاپ ، 15 پىرسەنتى ياق دەپ جاۋاپ بەرگەن ، 7 پىرسەنتى بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ دىگەن .
ئارسىنال ۋىنگىرنىڭ يىتەكچىلىكىدە چىمپىيۇن بولالامدۇ دىگەن سۇئالغا ، 50پىرسەنىت مەستانە ، بولالايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن ، 32 پىرسەنتى ياق دەپ جاۋاپ بەرگەن ، 18 پىرسەنتى ىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن .
ئارسىنال بۇ يىلقى بىرلەشمىدە ھازىرچە 6-ئورۇندا بولۇپ ، بىرىنجى ئورۇندىكى چلسىدىن 13 نۇمۇر كەينىدە .
مانچىستىر شەھرى ۋارتار بىلەن توختام ئۇزارتتى .
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە ، مانچىستىر شەھرى كۇلۇبى ئورگان تورىدا ، كوماندىنىڭ ئاساسلىق ۋارتارى خارىت بىلەن داۋاملىق توختام ئۇزارتقانلىقىى ئىلان قىلدى .
يىڭى توختام بەش يىللىق بولۇپ ، مۇددىتى 2019-يىلى توشىدۇ . ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، خارىتنڭ يىڭى توختامدىكى ئىش ھەققى 100مىڭ فونىستىرلىڭغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇ قىتىمقى توختام ئۇزارتىش ، مانچىستىر شەھرىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، ئالتىنجى يادرولۇق ئەزاسى بىلەن توختام ئۇزارتىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
خارىت مۇخپىرلارنىڭ توختام ئۇزارتىش مەسىلىسى توغۇرلۇق سورىغان سۇئالىغا قارىتا ، ئۆزىنىڭ مانچىستىر شەھرى كۇلۇبى بىلەن توختام ئۇزارتالىغىنىدىن ناھايىتتى خۇشال ئىلەنلىكىنى بىلدۈردى ، ھەم بۇ توختام ئۇزارتىشنىڭ ئۇنىڭ مانچىستىر شەھرى كۇلۇبىدا خىلى ئۇزۇن توپ تىپىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى ، كۇلۇپ بىلەن بىرلىكتە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئىنزاگى : مىلان بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىغا يەنە قايتالايدۇ .
كىلەر ھەپتە ئا س مىلان كوماندىسى ، مىھمان مەيداندا ، ئولىمپىك پوتبۇل مەيدانغا بىرىپ ، بىرلەشمىدە رەت-تەرتىپتە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان رىم كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . ئەگەر مىلان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يىڭىپ ئۈچ نۇمۇرنى قولغا ئالالىسا ، ئالدىنقى ئۈچىنجىلككە يىقىنلىشىپ ، ئۇزغۇنلۇق دائىرسىگە كىرەلىشى مۇمكىن .
مىلان تىرىنىرى ئىنزاگى مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، رىم كوماندىسىنىڭ ناھايىتتى كۈچلۈك رەقىب ئىكەنلىكىنى ، ئەمما مىلاننىڭمۇ بۇ جەڭگە پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى .
مۇخپىرنىڭ بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىشكە ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟ دىگەن سۇئالىغا ، ئىنزاگى :ئەگەر سىز مىلاننىڭ تىرىنىرى بولسىڭىز نمە دەپ جاۋاپ بىرەتتىڭىز ؟ دەپ قايتۇرما سۇئال قويدى ۋە كەسكىن قىلىپ ، مىلان چوقۇم بارا-بارا بىرلەشمىنىڭ چمپيۇنلۇق ئورنىغا قايتىپ كىلىدۇ ، بىز چوقۇ بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىمىز دەپ جاۋاپ بەردى .
ئۇ يەنە تورىسنىڭ بۈگۈن مەشىقنى باشلىغانلىقىنى ، رىم بىلەن بولغان مۇسابىقدە مەيدانغا چىقىش ئىھتىمالى بارلىقىنى ئىيتتى .
بارسىلونا تىرىنىر ئالماشتۇرمايدۇ .
بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيان ، بارسىلونانىڭ بىرلەشمىدىكى قەدىمى دىگەندەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى ، بىرىنجلىكنى تارتقۇزۇپ قويۇش ، تەڭلىشش ، ئۇتتۇرۇش دىگەندەك كۆڭۈلسىز نەتىجىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى بىلەن ، مەستانىلەرنىڭ باش تىرىنىر ئىنىرىكقا بولغان ئىشەنچىسى تەۋرىنىپ ، ھەرخىل خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى .
بۇ خەۋەرلەرگە قارىتا ، مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ، بارسىلونا رەئىسى بارتومىۋۇ ئىنىق قىلىپ : كۇلۇپ تەرەپ باش تىرىنىر ئىنىرىكقا ئىشىندۇ ، بىز ئۇنىڭ بارسىلونانى يىتەكلەپ چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىشىگە ئىشىنىمىز ، ھەم ئۇنى قوللايمىز ، دىدى . ھەم مەستانىلەرنىڭمۇ ئۇنى قوللىشىنى ئۈمۈد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
مانچىستىر بىرلەشمىسى توپچىلىرى دوختۇرخانىنى يوقلىدى .
مانچىستىر بىرلەشمىسى توپچىلىرى ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى دوختۇرخانىغا بىرىپ ، كىسەللەرنى يوقلىدى ھەم ئۇلارغا روژىدسوۋ بايرىمىلىق سوۋغا بىرىش بىلەن بىرگە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ، ئۇلارنى ئالەمچە خوش قىلىۋەتتى .
شىۋىنسىتايگىر : كىرگۈزگەن توپۇمنى رىبىرغا بىغىشلايمەن.
بۈگۈن سەھەر ئىلىپ بىرىلغان كىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسدە ، بايرىن كوماندىسى رەقىبىدىن بىر توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، شىۋىنسىتەيگىرنىڭ ئىختىيارى توپى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، شۇنداقلا ئاخىرقى مىنۇتلاردا گوللاندىيلىك ئۇچار ئادەم روببىننىڭ بوغۇزلاپ تاشلىشى بىلەن قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرغا ئىرىشتى .
مۇسابىقىدىن كىيىن شىۋىنسىتايگىر مۇخپىرلارغا ، ئۆزىنىڭ كىرگۈزگەن ئىختىيارى توپىنى ، سەبدىشى رىبىريغا بىغىشلايدىغانلىقىن ئىيتتى ، سەۋەبى بولسا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن ، شىۋىنسىتايگىر ئىختىيارى توپ مەشىقى قىلىپ باقمىغان بولۇپ ، بۇ قىتىملىق ئىختىيارى توپنى ئەسلى رىبىرىي تىپىش كىرەك بولۇپ ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ توپنى شىۋىنسىتايگىرغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئىكەن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|