ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 679 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ بولسا بىر ساتىرىك ئەسەر، ھەجىۋى شەكىلدە يىزىلدى، خاتالىق بولسا تەنقىدى تەربىيە بىرەسىلەر.
كەمىنە دائىم خىيال سۈرۈشكە ئامراق تۆۋەندە مەن مۇنداق بىر خىيالىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
بىر كولۇپ قۇرسام ، بۇ كولۇپتىكى ئەزالار بولسا بۇرۇن داڭىق قازىنىپ ھازىر نامى تازاكۆپ تىلغا ئىلىنمايدىغان ئەزالار، ئۇلارنىڭ ئىسمى :ۋالدىس(ۋارتار)، كاكا، ئوزىل، نىدۋىد، بالاتولى ، پودلىسكى، قالغانلىرى مۇشۇ قەشقەردىكى يىتىلىۋىتقان يەرلىك توپچىلار ھەممىنى چەتئەلدىن كىرگۈزسەك سەل قىممەت توختاپ قالىدۇ، شۇڭا قالغانلىرى ئۆزىمىزنىڭ ئاغىنىلىرى، بۇ كولۇپنىڭ مەشھۇر نامى بولسا «چوڭ ئۆتكەن» نوچىلار پۇتبول كولۇپى. كولۇپ رەئىسى بولسا مىنى ئارزۇلاپ، ئارمانلاپ پەپىلەپ چوڭ قىلغان بۈزرۈكۋار ئاتام، كولۇپ تىرنىرى بولسا يۇۋۋىنتىستا توپ تەپكەن تۆمۈر پۇت نىدۋىد ئەپەندى، تىرنىرمۇ سەل تەجىربىلىك بولمىسا بولمايدۇ شۇڭا قىممىت باھادا تەكلىپ قىلىمەن.
مەن ئۆزۈم بولسام زاپاس ئەزا، قوشۇمچە كولۇپ دوختۇرى، چۈنكى مۇسابىقە باشلانغاندا تازا پۇت قولۇم قىچىشىپ تۇرالمايمەن شۇڭا زاپاس ئەزا دىسەم بولايمىكى دەپ ئويلايمەن، ئەمدى ماۋۇ دوختۇرلۇق بولسا ئەتىدىن باشلاپ كىرەمباغدا15 كۈن پاراكتىكا قىلسام، پاراكتىكا ۋاقتى توشسا ئاندىن ئاتۇش شەھرىگە چىقىپ رەھمىتى سامساق باينىڭ ۋارىسلىرىدىن سۇنۇق داۋالاشنى ئۈگەنسەم كۇپايە، ئاندىن ئۇيغۇرچە،زاڭزۇچە، جۇڭيىچە دورىلار ۋە غەرىپچە دورىلارنىڭ يامىنىدىن 3يىشىك دورا قىلىپ تەييارلاپ ئۆزۈم دوختۇرلۇق قىلىمەن، ھەپتىدە بىر ئۇلارنىڭ تومۇرىنى ھەقسىز تۇتۇپ رىتىسىپ يازىمەن.
تاكتىكا جەھەتتە ئايدا بىر تىرنىرلار چىيى ئۆتكۈزۈپ 5چوڭ بىرلەشمىنىڭ تىرنىرلىرىنى بىرنى قويماي يىغىمەن، ئەگەر ئۇلار كەلمىسە قاتار چاي دىگەننى باھانە قىلىپ يىغىمەن ئاندىن ئۇلار ئۆز خىراجىتى بىلەن كىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ مەن ئارلىقتىن نەپ ئالىمەن ، ئاندىن ئۇلاردىن تاكتىكا توغرىسىدا گەپ ئىلىپ ئارتۇقچىلىقى بولسا قوبۇل قىلىمەن دە دەرھال ئىشقا سالىمەن پىلان دىگەن مانا.
يازلىق ۋە قىشلىق يۆتلىلىش بازىرىدا ئادەم ئالمايمەن بەلكى ئادەم ساتىمەن بۇمۇ پايدا دىگەن گەپ، پەۋقۇللادە ئادەم لازىم بولسا ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالىغا بىقىپ روسىيەدەك ئىقتىسادىي ئاپەت يۈز بەرگەن دۆلەت كولۇپلىرىدىن ئەرزان باھادا ئادەم ئىجارىگە ئالىمەن، مەسلەن روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە، زىنىت قاتارلىق روسىيەنىڭ كوزۇر كولۇپلىرىدىن ئىجارە شەكلىدە ....
ھىيىت-بايرام كۈنلىرىدە دەم ئىلىشقا قويۇپ بىرىمەن ، ھەر قۇربان ھىيىتتا 1قۇردىن مۆتىۋەر ماركىلىق شىم كاستۇن ۋە بىر جۈپتىن موزدوزلار كالىنىڭ خىرومىدىن تىككەن باجاڭگور ئاياغ سوۋغات قىلىپ بىرىمەن. گەرچە ماشىنا سوۋغات قىلالمىساممۇ.
بۇ ئەزالارنى ئەنگىلىيەدەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە سىرىتتىن قاتناشتۇرىمەن، مىھمان مەيدان بولسا قەشقەر بەشكىرمگە ياسايمەن، چوڭ دادامدىن مىراس قالغان150مو يەر بار شۇ يەرگە بىنفىيكا كولۇبىنىڭ مەيدىنىغا تەقلىت قىلىپ بىر مەيدان ياسايمەن، ئاندىن خەلىقئارانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەستانىلەردىن50يۈەن، مەملىكىتىمىز پۇقرالىرىدىن10يۈەن باھادا بىلەت ساتىمەن ، 5يۇلتۇزلۇق مىھمان سارايدىن بىرنى سالىمەن، مەيدان بىلەن مىھمان سارايغا ئىنىمنى خوجايىن قىلىمەن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|