akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1271|ئىنكاس: 54

كائىنات كوماندىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-19 17:34:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 17:38  

ئەسسالاممۇ - ئەلەيكۇم!

دۇنياۋى خەۋەر ! BBS  تەرجىمىسى:
شۇ يەر ۋاقتى 2014يىلى 12-ئاينىڭ 19- كۈنى .
شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايونىغا قاراشلىق ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلگە سالىدىغان بىر خەۋەر   پەيدا  بولدى.

خەۋەر مەزمۇنى بولسا:
  ئوتتۇر شەرىقتىكى كاتتا باي دۆلەت ھىساپلىنىدىغان دۇبەي دۆلىتىدىكى نىفىت سودىگىرى  مۇستافا خىلىل ئابدۇراخمان ئەپەندىم.  شۇ غۇلجىدىكى (مىنىڭ )يازغان «كائىنات كوماندىسى»قۇرۇش پىلانى توغرىسىدىكى خىتىمنى تاپشۇرۋىلىپ،زور خوشالىق ئىچىدە ماقۇللۇق بىلدۈردى.
ھەم ئۇ مۇخپىرلار كۈتۋىلىش يىغىنى ئاچتى،ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ بولسا بىزنىڭكىگە ئوخشاش  نىفىت بايلىقى كۆپ چىقىدىغان ياخشى جاي ،ھەم شۇنداقلا  ئۇلۇغ جوڭگو دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.
ئۇ يەرگە كوماندا قۇرۇش  بىز دۇبەي ھەم جوڭگو ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگىمۇ ياخشى. شۇنداق بولغان ئىكەن پۇلنى بىسىپ ياتقاننىڭ ئورنىغا  «ھەمراھ» نىڭ ئاغزىدىن چىققانلىكى پۇتبۇلچىنى  ئىلىپ  كىلىپ دۇنيانى بويسۇندۇردىغان  «كائىنات كۇلۇبى »  قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز!

چاۋاك ………………
بۇ خەۋەر مىنىڭ قۇلقۇمغا يەتكەندىكىن  مەن دەرھال  ئابدۇراخمان ئەپەندىمگە  تىلفۇن ئۇردۇم:

دۈت ……دۈت……دۈت……

-ئەسسەلەممۇ ئەلەيكۇم رەخمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ!
كەيفە ھەلۇكە!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! تەرجىمانغا بىرىڭ تەرجىمانغا!
ئاي ئەم uyghur !
( بىر ئاز ۋاراڭ - چۇرۇڭاىن كىيىن بىر ئۇيغۇر تىلفۇننى ئالدى.)
-ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇم ! ياخشمۇسىز!مەن ئابدۇراخمان ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمانى.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشىمۇسىز !
مەن تىلفۇننى جوڭگونىڭ شىنجاڭ دىگەن يىرىدىن ئۇرۋاتىمەن!
ۋەي……ۋەي……
تازا  ئاڭلانمايدىغۇ……
بىر ئاز  جىمجىتلىق تىن كىيىن ئۇياق  ئاخر گەپ  قىلدى.

-ھە  ئىگىزرەك يەرگە چىقىپ گەپ  قىلسىڭىز بوپتىكە!تازا  تاتمىدى!
-ھە …… ماقۇل……

-ئەمدىچۇ؟  تاتتىمۇ؟

-ھە تاتتى -تاتتى! گەپ قىلىڭ!

مەن شۇ  ھىلىقى ئابدۇراخمان ئەپەندىمگە  «كائىنات كوماندىسى» توغۇرلۇق  خەت يازغان بالا بولىمەن !

-ھە ئابدۇراخمان ئەپەندىم ، ماڭا ئۇ توغۇرلۇق گەپ قىلغان ئىدى. قىنى سىز  پىلانىڭىزنى  دەپ  بىقىڭ. مەن خاتىرلەپ قويۇپ ئابدۇراخمان ئەپەندىم بىلەن مۇزەككىرلىشەي!

-مەن شۇ  دۇنيادىكى ياۋرۇپادا  توپ تىپىۋاتقان ھازىرقى داڭلىق چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ (سىتىۋىلىپ) بىر كوماندا قۇراي دىگەن.لىكىن شۇ پۇل……

- ھە؟ نىمۇ ؟ پۇل؟
پۇل چوڭ مەسىلە ئەمەس، قىنى سىز  ئىلىپ كىلىدىغان چولپانلارنىڭ تىزىملىكىنى دەڭ، بىز  مۇشۇ  قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ھەممىنى ئىلىپ كىلىمىز!

-ئەمسە……  دەي  ھە؟

-ھە  دەڭ. قۇلقۇم سىزدە……


-ئەمسە  قاپقىچىدىن كىلەي ھە؟

-……


-قاپقىچى: ھازىرقى ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توپ تىپىۋاتقان ياش  تالاندلىق قاپقىچى  «كورتىيۇس»
image.jpg

مۇداپىيەچىلەر :

ئوڭ بىك :
   ھازىرقى ئىسپانىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى  بارسىلونا كوماندىسىدا  توپ  تىپۋاتقان  «دانىيار ئالۋىس»

image.jpg


ئوتتۇر بىك :
ھازىرقى فىرانسىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى  پارىژ سانىت ژىرمان كۇلۇبىدىكى «دىياگو سىلۋا»
image.jpg

ئوتتۇر بىك :
ھازىرقى ئىسپانىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى  بارسىلونا كوماندىسىدىكى :«پىك»
image.jpg
سول بىك:
ئىسانىيە A دەرىجىلىك  بىرلەشمىسىدىكى خانلىق مادرىد تىكى فىرانسىيەلىك «ۋارانى»

image.jpg
-ھەي  سىز  بادۇ  ھە؟
-ھە  با با  سىز  دەۋىرىڭ  مەن تىلفۇننىڭ  مىيەنتىسىنى  ئىچىۋىتىپ  خاتىرلەۋاتىمەن دەۋىرىڭ!

- ھە  ئۇنداق بولسا ياخشى!

ئوتتۇر مەيدان:
ھازىرقى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋىنتىس «قىرى خوتۇنلار»  دىكى فىرانسىيەلىك  «پوگبا»
image.jpg
ئوتتور مەيدان:
ھازىرقى ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى  ئىسپانىيەلىك
«فابرىگاس»
image.jpg
ئوتتۇر مەيدان:
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى خانلىق مادرىد كومانسىسىدىكى كولۇمبىيەلىك ماھىر «خامىس رودىرۇگۇس»

image.jpg
ئوڭ ھۇجۇمچى:
ھازىرقى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بارسىلونا كوماندىسىدىكى بىرازىلىيەلىك ماھىر «نىيمار»
image.jpg
سول ھۇجۇم:
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى پورتكالىيەلىك ھۇجۇمچى «كىرىستىيانو .رونالدو»
image.jpg
ئوتيۇر ھۇجۇم :
ئىسپانىيە بىرلەشمىسدىكى  بارسىلونا كوماندىسىنىڭ  يادرولۇق ھۇجۇمچىسى « لىئونىل . مىسسى»
image.jpg
-زاپاس ئەزالارچۇ؟
-ھە شىنجاڭدا  نى-نى  باللار  بار ، سىلەر پۇل چىقاساڭلارلا  مەبلەخ سىلىپ ئىسپانىيەدىكى بارسىلونانىڭ  لامايسىيە مەشىق بازىسىغا ئوخشاش بىر  ياش  مايسىلارنى تەربىيەلەش بازىسى  ئاچىمىز . زاپاسلار  شۇ يەردە  توشاق چىقىدۇ ، كىيىنچە تىخى  ما داڭلىقلارنى  يۇرتىغا  يولغا سەپ  قويامدۇ  تىخ!



گىپىم تۈگىدى .



بۇلارنى  دەپ بولۇپ  بەدىنىمدىنى  چىلىق تەر  بىسىپ  كەتتى .

بىردەم  بىر  ئەرەپچە  ۋاراڭ چۇرۇڭدىن كىيىن بىرسى  تىلفۇن تۇرۇپكىسىنى ئىلىپ  سۆزلەپ لا  كەتتى:

ئەلا خالىقۇ مەئەل يەفەسۇ لا قۇلە   نەئەم ، نەئەم     ئوكى  ، ئوكى:

بىردەمدىن كىيىن  ھىلىقى  تەرجىمان تىلفۇننى  ئىلىپ كۈلۈپ  كىتىپ  جاۋاپ  بەردى:

- ھە  سىزنىڭ  دىگەن  بۇ چولپانلارنىڭ  ھەممىسى  نى  بىزنىڭ  ئابدۇراخمان ئەپەندىم ياقتۇردىكە.   پۇل دا چاتاق يوق ، لىكىن ئۇلار  بىلەن كىم ئالاقە قىلار ؟

ۋاي سىز  ئەنسىرمەڭ  بىزنىڭ  بىر  bbs.putbol.cn  دەپ  مۇنبىرىمىزدە .«ئادەم سودىگىرى » مىندىزنى  ئوبدان تونۇيددىغانلار  كۆپ  شۇنىڭ  بىلەن ئالاقىلىشىپ   بىر تەرەپ  قىلىمىز .
ئۇنىڭ  ئۈستىگە  شىنجاڭنىڭ  مەنزىرلىرى  چىرايلىق ،  سايەھەت قىلدىغان  يەرلىرىمۇ  كۆپ  ،  ئۇلار  غۇلجىلارغا  بىر  كىلىپ  قالسا  كەتكۈسى  كەلمەيدۇ.

-ھەراس  مەيداننى  قانداق قىلىمىز؟

-ۋاي  ! ئەنسىرمەڭە  . سىلەردە پۇل  كۆپقۇ؟ نارات  يايلىقى، ياكى  كۈنەس يايلاقلىرىنىڭ  ياخشى  ئىتەكلىرىگە  5  يۇلتۇزلۇق قىلىپ  ، مەيدان  سالىمىز!

ئورگان تورىدىنمۇ   خاتىرجەم بولۇڭ  bbs.putbol.cn مۇنبىرى  .«كائىنات كوماندىسى»  نىڭ  ئورگان تورى بولىدۇ.


- ئەمسە ؟  قاچان ئىشنى  باشلايمىز؟

- بولسا  ئەتىلا كىلىڭلار .  مۇشەدە پاراڭلىشىپ ياۋرۇپاغا  بىللە  بارايلى !

- ھە  بولىدۇ  ئەمسە  ، ئەتە  بامىز  ھە.  ھەراس  ئوخشىتىپ  ئەتكەن چىيىڭلارنى  ئىچىمەن جۇمۇ.

ۋاي  ئەتكەن چاي  دەپ   قاپسىز !  سىز بىر  كىلىڭە ئۇيغۇر  خەلقىنىڭ  قانچىلىك مىھمان دوستلىقىنى بىلىپ   قالىسىز!

-ماقۇل  ئەمسە  .  ئاللاھ قا ئامانەت  ! ئەتە كۆرشەيلى!

- ماقۇل !  ئاللاھ قا ئامانەت!


يىتىپ  ئۇخلاپ  قاپتىمەن .  بىر چاغدا  سىرىتتا  ۋاراڭ چۇرۇڭ .  قارسام ئۇلار  كەپتۇ.  ئىشىكنى  ئۇرىۋەردى  ،  ئاچاي  دەپ  بولغىچە  ئۇرىۋەردى  ،  تاك …… تاك…… تاك……

قوپە  بالام  بامدات  ۋاقتى بولۇپ  كەتتى . كىچىچە  كومپىيۇتىردا  پۇتبۇل ئويناپ  ياتمايسە، ئەتىگەندە  قوپمايسە !  

ئۇف!

كۆزۆمنى  ئاچسام قولۇمدا  سونىنىڭ  رولى  ئاخشام PES دە « 大师联赛» ئويناپ ئۇخلاپ  قاپتىمەن !

ھەي  يەنە چۈشۈمكەندە!





قوشۇمچە :
بۇ مىنىڭ  كۆڭلۈمدىكى  خىيالىي  سەپ  شەكلىم ! قارسام  نەچچە ۋاقنىڭ  ياقى  داڭلىقلار  ھەرخىل  تور بىكەتلەردە ئۆزىنىڭ  خىيالىي سەپ شەكلىنى  كۆز- كۆز قىلىپ  كەتتى ، شۇنىڭ  بىلەن مەنمۇ  ئىچىم ئىچىشىپ  مۇنبەردىكى قىرىنداشلار  بىلەن ئورتاقلىشاي  دەپ  ئۈشبۇ ئەرزىمەس تىمامنى  سىلەر گە  سۇندۇم!

ھە ئۇنداقتا  سىزنىڭ  خىيالىي  سەپ  شەكلىڭىز نى بىز  بىلەن ئورتاقلاشقىڭىز  يوقمۇ؟ئەمسە  نىمگە  قاراپ تۇرسىز؟  قىنى  سىزمۇ  دەپ  بىقىپ  بىللە  ئورتاقلىشايلى.




تامام!
image.jpg
image.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +250 يىغىش سەۋەبى
جاغىستاي120 + 50 قالتىس!
FC-Messi + 50 قالتىس!
ئابلەتجان + 50 تىرىشچانلىق!
ماھىرچاق + 50 قالتىس!
پەرۋەر + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 17:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىاڭ ياخشى چىقىپتۇ ئۇكام.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 17:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tetanek يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 17:42
تىمىاڭ ياخشى چىقىپتۇ ئۇكام.

رەھمەت  ، ئاكا  تىلفۇندا  مۇشۇنچىلىك  يىزىپ  قويدۇم ن  جۆيلۆپ  يۈرۈپ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 17:53:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 17:56:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى...
  مانا ھەمراھ ئىنىمىزمۇ پەرۋەر ئىزىنى بويلاپ، ئەبجەش خاتىرە يېزىشقا باشلاپتۇ.
  تىرىشىڭ، ئۇكا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 17:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 17:53
پەرۋەر
            پەرۋەر                  پەرۋەر

ئابدۇراخمان  ئەپەندىگە  مۇشۇ  سەپ  شەكلىڭنىلا  ئەۋەتىپ  بىرەيمىكى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:03:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارانى ئوتتۇرا بىكنىڭ نوچىسى ، سول بېك ئەمەس لېكىن، ئۇنى سول بېك قىلسىڭىز، زىيان تارتىسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:10:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 18:02
پەرۋەر ئىزىدىن ھەمراھ،
كۆرەي دەپ مۇنبەردە يار ئەكسىن. ...

    ھەمراھ خېتىگە كىر قونماس،
     پەرۋەرنىڭ قانىتى سۇنماس،
      سىلەردىن ئايرىلىپ تۇرماق،
      ماڭا بىگانە - بىگانە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ، ئاپىرىن ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت سىزگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 18:20  

ھەمرا بۇرادەر مەنمۇ بىر كوماندا قۇردۇم كوماندا نامى «چوڭ ئۆتكەن»چولپانلار پۇتبول كولۇپى ، 10000 دوللار دىن كەلدۇق ئەمسە، 6-ئاينىڭ1-كۈنى بەشكىرەمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىنفىيكانىڭ مەيدانىغا تەقلىت قىلىپ ياسىغان مەيداندا سىلىنى كۈتىمەن ، مۇنبەردىكى ئەزالار ھەقسىز كىرسە بولىدۇ، باشقىلاردىن2يۈەن جۇڭگۇ پۇلىغا بىلەت ساتىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش