akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1398|ئىنكاس: 32

قىسقا خەۋەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-19 17:34:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  
                      730_1404448_434157.jpg
1.مېسسى دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ قىزدوستى ھەم ئوغلىنى ئېلىپ ئىتالىيەدە ساياھەت سەپىرنى باشلىدى. تاراتقۇلارنىڭ قارشىچە مېسسىنىڭ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيەنى تاللىشى يۆتكىلىش خەۋەرلىرنىڭ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمىش.تاراتقۇلارنىڭ قارشىچە مېسسى ئەنگىلىيەگە ساياھەتكە بارسا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە قېتىلىش خەۋەرلىرى يېغىپ كىتىدىكەن، پارىژغا ساياھەتكە بارسا ،فىرانسىيە بىرلەشمىسىگە قېتىلىش خەۋەرلىرى ئالامنى بىرئالىدىكەن. شۇڭلاشقا مېسسى ئىتالىيەگە ساياھەتكە بارغانمىش.

                     U333P6T12D7452866F44DT20141219153528.jpg

2.گىرمانىيە تاراتقۇلىرنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىردە كۆرسىتىلىشچە ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۈرمىدە يېتىپ چىققان، ئىلگىرى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسدا توپ تەپكەن (مۇداپىيەچى) بۇرېن 18-چىسلا تۈرمىدىن چىققان بۇلۇپ شۇ كۈنىلا گىرمانىيەدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇلغان. مەزكۇر توپچى  بىرازىلىيەلىك بۇلۇپ ،بايرىن مىيۇنىخىن كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ۋاقىتلىدا ئىجارىگە ئالغان ئۈيۈگە ئوت قۇيۇپ 1مىليۇن 500مىڭ ياۋرۇ ئىختىسادى زىيان كەلتۈرگەن.ھەم 2يىلدىن ئاتۇق كىسىلگەن. بۇ توپچىنىڭ بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى سان پاۋلو كۇلۇبىغا قېتىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرىمىش.

                     20141219145014503b0_550.png

3. سېرىق ھەرە قۇشۇننىڭ داڭلىق توپچىسى رىئوس شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوق ئەھۋالدا ماشىنا ھەيدەپ 2011-يىلدىن ھازىرغىچە جەمئى 5قېتىم ئاپتومبىلنى يۇقىرى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ جەرىمانىگە ئۇچىرغان . ھازىرغىچە ھىچقانداق ئۇرۇن ۋە شەخىس بۇ بايۋەتچىنىڭ شوپورلۇق كىنىشكىسى يوق ئىكەنلىگىنى بايقىمىغان. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۈرئەتنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قىلمىشى سادىر بولغاندا ئاندىن رىئوسنىڭ پىراۋىسى يوقلىقى ئاشكارلانغان.ھەم دورتىموند تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن 540مىڭ ياۋرۇ جەرىمانە قۇيۇلغان. بۇ گىرمانىيە قاتناش ساھەسىدە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور سوممۇلۇق جەرىمانە دەپ قارالدى.

                      65c07d4d2721eecc262950579ea787894b06ae66.jpg

4.ھازىر دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىغا قاتنىشىۋاتقان خانلىق مادىرىدنىڭ  كومانداباشلىقى ،  ۋارتار كاسىيلاس 700-مەيدان مۇسابىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. خانلىق مادىرىد تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەيدان چىققان كوماندا باشلىغى  راھۇل 741مەيدان ،سانچىس 710مەيدان، كاسىيلاس ھازىر 3-ئۇرۇندا تۇرماقتا.لېكىن بۇلاردىن ئېشىپ كىتىش قىسقىغىنە ۋاقىت مەسىلىسى بۇلۇپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:04:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر ئاخىرى توغرا گەپ قىلدى.
   ئەگەر مائاشىنىڭ يېرىمىنى بارسېلونا كۆتۈرسە، يۆتكىلىش ھەققىنى 20 يىلغا بۆلۈپ تۆلەشكە قوشۇلسا، تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە 45 مەيدان ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، 60 توپ كىرگۈزەلىسە ئاندىن رەسمىي يۆتكىلىپ كېلىشىگە قوشۇلۇشنى ئويلىشىشقا باشلايمىز. ھە راست، ئالبانى قوشۇپ بەرسە ئىتتىكرەك قوشۇلىمىز. بولمىسا، بىز يەنە بازار ئايلىنىپ باقايلى. بارسېلونامۇ خېڭدا بىلەن دېيىشىپ باقار يا بولمىسا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 19:10:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفراسىياب يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 18:57
بالىسى بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇنى ئايالى دەپ ئىلىش  ...

ھې ھې ، مۇنبەردىكى باللانى ئۇبدان بىلىمە.ئايالى دەپ ئېلىپ قويسام كەچكىچە ئېسلىۋالىدۇ. قاچان توي قىلدى دەپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:11:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسا قايتا -قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق تورىسنىڭ كەلگۇسىدە ئىچىلىپ كىتىشىگە كۆزى يىتىپ ئەمدى مىسىسى ئىپادىسى تۆۋەنلەيدۇ دەپ قاراپ  تورىس بىلەن مىسسىنى تىگشىدىكەن دىگەن خەۋەرلەر يالغان ئەمەسكەندە ئەھۋالغا قارىغاندا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 17:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 17:57:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
540 مىڭ ياۋرۇ بىزنىڭ پۇلغا سۇندۇرغاندا 4مىلىيوندىن جىقراق بولىدىكەن،لىكىن ئاۋۇ سېرىق ھەرە ئۈچۈن
ھېچقانچە پۇل ئەمەس،دورتمونىتتا ئۈچ ئايدا تاپقان بىلەن بىر قېتىم كۇلۇپ ئالماشسا بىر ئايغا يەتمىگەن
ۋاقىتتا تاپىدۇ ئۇنچىلىك پۇلنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:01:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا تۈزۈك ساياھەت قىلالمىغىنى قىززىقكەنغۇ . قىزدوستى ئ‍ەمەس خوتۇنى دەڭلا مېسسى چىركاۋدا توي قىلغان بولغاندىكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  مۇشۇ  داڭلىق  پۇتبۇلچىلار  خاتىرجەم  بىر  خالىغان يەرلىرىگە بىرىپ  ساياھەت  قىلالمىغان  غۇلجىغىلا  كەلگەن بولساڭ  ، بىزمۇ  خەۋەر  بىرەتتۇقتە ، «كائىنات  كوماندىسى» غا  راسلا  كەپتۇ  دەپ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:03:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ  يېڭى خەۋەرگە  قارغاندا    مىسسى نى  مىلانغا   يۇتكىلىدىكەن  دەيدىغۇ   .........ئى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ھەممە يەردە گەپ تىپىش ئاۋۇپ كىتىپتۇ پىتنە پاساتلار نىمانچە كۆپ     ئۇنداق ئادەم جۇڭگۇ ياكى فىلپىنغاغا كەلماي   گەپ چىقمايتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالا ئۆزىنى ئۇ ئالەمگە بىراقلا يۆتكىلىپ كىتەي دەپ قالدىمۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويىسنىڭ قىلغان ئىشىنى ئازراق يول قىلىپ بولسىمۇ پىراۋا ئىلۋالمىغان بولغىيمىتى،تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قاپتۇ مانا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 18:23:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش