ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 683 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، پارىژ سانت-گىرمان ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولغان. شۇ كۈنى قاتار مەبلەغ باشقۇرۇش ئىدارىسى رەسمى ھالدا پارىژ سانت-گىرمان كۇلۇبىنى سىتىۋالغان. قاتارلىقلار پارىژ سانت-گىرمان كۇلۇبىنى سىتىۋالغاندىن كىيىن، 1970-يىلى قۇرۇلغان ئوتتۇرۇھال دەرىجىدىكى كۇلۇب فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇبقا ئۆزگەرگەن. دىياگو-سىلۋا، ئىبرايىموۋىچ، كاۋانى قاتارلىق داڭلىق توپچىلار كۇلۇبقا قوشۇلۇپ پارىژ سانت-گىرمان ئۇدا ئىككى پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، ئۇزغۇنلۇقتىمۇ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان.
پارىژ سانت-گىرماننى سىتىۋالغاندىن كىيىن قاتارلىقلارنىڭ قەدىمى توختاپ قالمىدى، قاتارلىق تەنتەربىيە مەبلەغ سالغۇچى ناسىر-ئەلئەلى يىقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى بىر كۇلۇبنى سىتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئاشكارلىشىچە قاتار ھۆكۈمىتى بىلەن سىتىۋالماقچى بولغان كۇلۇب توختام تۈزۈشكە تەييارلىق قىلىپ بولغان.
يىقىندىن بۇيان ‹ كۈندىلىك ئەينەك خەۋىرى ›، ‹ قۇياش خەۋىرى › قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، قاتار ھۆكۈمىتى 1 مىليارت فونىستېرلىڭ باھا بىلەن توتتىنھام رىس كۇلۇبىنى پۇتۈنلەي سىتىۋالماقچى بولغان. ‹ كۈندىلىك پوچتا خەۋىرى ›نىڭ دىيىشىچە، قاتار 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن ئىلگىرى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبتىن بىرنى سىتىۋىلىپ سىتىۋالغان كۇلۇبنى تەشۋىقات سەھنىسى قىلماقچى بولغان، بۇ دەل توتتىنھام رىس كۇلۇبى ئىكەن. رىس كۇلۇبى ھازىر بىرلەشمىدە رەت تەرتىپتە 7-ئورۇندا بولۇپ، نەتىجىسى تازا ياخشى ئەمەس. ئەگەر قاتار ھۆكۈمىتى رىس كۇلۇبىنى سىتىۋالسا، رىس كۇلۇبى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
|
|