akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1033|ئىنكاس: 21

قىدرا مادرىدتىن ئايرىلماسلىق قارارىغا كەلدى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-19 11:13:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ki.jpg
قىدرا مادرىدنىڭ مۇئاشىدىن رازى بولمىغاچقا كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتماي مادرىدتىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان. لىكىن يىرىم پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قىدرا تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ مادرىدتا قالماقچى بولغان. مادرىد تەرەپ قىدرانىڭ قارارىنى ئۇقۇپ، قىشلىق بازاردا لۇكاس-سىلۋانى قوشۇۋىلىش سودىسىنى توختاتقان.

بۇ يىل يازدا مادرىد كۇلۇبى قىدرانىڭ يىللىق مۇئاشىنى 7 مىليون ياۋرۇغا ئۆستۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغاچقا، قىدرا توختام ئۇزارتماي مادرىدتىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان. ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال كۇلۇبى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا 25 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن قىدرانى قوشۇۋىلىپ ئۇنىڭغا 7 مىليون ياۋرۇ يىللىق مۇئاش بەرمەكچى بولغان. لىكىن ئىسپانىيە تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، يىرىم پەسىللىك مۇسابىقىدىن كىيىن، قىدرا مادرىدتا قىلىشنى قارار قىلغان. قىدرانىڭ ۋاكالەتچىسىمۇ مادرىد بىلەن قىدرانىڭ توختام ئۇزارتماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

قىدرانىڭ مادرىدتا قىلىشنى قارار قىلىشى مادرىد ئۈچۈن پايدىلىق، مادرىدمۇ قىدرانىڭ قارارىدىن خۇشال بولغان، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا يول قويۇش ئارقىلىق توختام ئۇزارتماقچى. قىدرانىڭ ھازىرقى يىللىق مۇئاشى 3 مىليون ياۋرۇ بولۇپ، مادرىد قىدراغا باجدىن كىيىن 5 مىليون ياۋرۇ يىللىق مۇئاش بەرمەكچى بولغان.

ben.jpg
ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى لېۋىرپۇل كۇلۇبى يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا سۇئارىزنى سىتىۋەتكەندىن كىيىن ھوجۇمچىنىڭ دەردىنى خىلىلا تارتتى، يازدا قوشۇۋالغان بالوتتىلىمۇ لېۋىرپۇل كۇلۇبى بىلەن مەستانىلەرنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقالمىدى، شۇڭا لېۋىرپۇل كۇلۇبى قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا ھوجۇم كۈچى كۈچلۈك داڭلىق ھوجۇمچى قوشۇۋالماقچى. ئەنگىلىيە ‹ كۈندىلىك چولپانلار خەۋىرى ›نىڭ ئاشكارلىشىچە، لېۋىرپۇل كۇلۇبى 1-ئايدىكى قىشلىق بازاردا مادرىدنىڭ فىرانسىيەلىك ھوجۇمچىسى بىنزىمانى 50 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن قوشۇۋالماقچى بولغان. بۇ باھا مادرىد ئۈچۈن خىلى يۇقىرى باھا ھىسابلىنىدۇ، لىكىن مادرىد تەرەپ بىنزىمانى قويۇپ بىرەمدۇ يوق بۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. لېۋىرپۇل تەرەپ بىنزىمانى قوشۇۋىلىش ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  فىلىرونتو ؛ قىشلىق بازاردا  قىدرانى بېنىزىمانى ساتمايمىز، يەنە قىممەت باھالىق توپچىلاربولسا سېتىۋالىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 13:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
50   مىليۇن    بەك   ئاز     ،،،،سۇئارىز    جېنىدا   80مىليۇنغا   يارىغان   تۇرسا   ،    لېكىن      ساتمايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېنزىماغا ئوخشاش كەمتەر ھوجۇمچى كەم ئۇچرايدۇ.  يەنە بىر داڭلىق ھوجۇمچىنى سېتىۋالسا رونالدو بىلەن شەرەپ تالىشىدىغان ياكى ئورنى ئىسسىمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. مېنىڭچە مادىرتنىڭ بېنزىمانى ساتمىغىنى ئەڭ ياخشى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:19:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىدىرانىڭ توختام ئۇزارتقىنى ياخشى بوپتۇ! لىكىن بىنزىمانى ساتماسلىقىنى ئۆمۈد قىلمەن! مادرىدقا بۇندىن كىيىن بۇنىڭدىن ياخشى ئوتتورا ھۇجۇمچىنىڭ چىقىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنزىما بىزنىڭ BBCگورپىنىڭ ئەڭ موھىم بولغان قىسمىنڭ بىرسى! ئەگەر بىنزىمانى سىتۋەتسەك بۇگورپا بۇندىن كىيىن ھازىرقىدەك كۈچلۈك بولالىشى ناتايىن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئارىزنى سېتىۋالسا بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:41:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىدرا ھۇشۇنى تىپۋاپتۇدە ياخشى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:54:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىنىزمانى  سىتۋەتسە قەتتى بولماسمىكى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 12:12:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىدرانىڭ تۈنۈگۈنكى ئون چوڭ يۆتكۈلۈشكە كىرمىگىنىدە بىرگەپ باكەندە ،

رونالدونى ساتساق ساتىمىز بىنزىمانى ساتايمىز ،لىكىن چوقۇم زاپىسىغا بىر ھوجۇمچى ئەكىلىمىز بولمىسا بۇ بالا ئىچىلالامايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 12:23:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد  كەرىم بىلەن  2020  يىلغىچە  توختام  تۈزۈۋاتاتتىيا؟
مىمىڭچە  بىنزىمانى  سىتىۋەتسە ، خىلى  ۋاققىچە  ھۇجۇمچىنىڭ  دەردىنى  تارتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 12:29:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپادىسى تۇراقلىق مېڭىۋاتقان بېنزىمانى ساتىدىغان ئىش يوقتە ، پۇرچاق بىلەن ئاۋۇ خىسەي دېگەنلىرى بېنزىمانىڭ پوقىنى دورىيالمايدۇ .
سەمىي قىدراغا كەلسەك  ... ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىپادىسىنى تېپۋالمىسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى ،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا كەتمەيمەن دېگەنگە ئۇنىماي يولغا سەپ قويىدۇ ،ئارقا بەل ھازىر تونى كىروس بىلەن مودرىچ ئىككىسدىن ئاشمايدۇ ،رىقابەت بەكلا كەسكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 12:29:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بولغاندا مادىرىد  تەرەپ بىنزىمانى ھازىر ساتمايدۇ ، بىنزىمانىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن . مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ياكى كۇلۇپتا بولسۇن بىنزىما ئاللىبۇرۇن يادرولۇق توپچىغا ئايلاندى ،بۇ ھەممىگە ئايان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش