elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 790|ئىنكاس: 16

ئىنگلاند بىرلەشمىسى تارىخى مەرگەنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-19 02:28:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 02:34  

ئنگلاند ھازىرقى زامان پۇتبولى بارلىققا كەلگەن جاي، كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسنىڭ تارىخىمۇ دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن. ئىنگلاندتا تۇنجى بىرلەشمە 1888-يىلى بارلىققا كەپتىكەن. ئەلۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى كەسپى پۇتبول كوماندىسىمۇ ئىنگلاندتا بارلىققا كەلگەن. 1855-يىلى قۇرۇلغان شېففىلد بىرلەشمە كوماندىسى ھازىرقى زامان پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كەسپى كوماندا(مەن ئىزچىل ميۇنخىن 1860 كوماندىسىنى ئەڭ قېرى كوماندا دەپ ئويلاپ كەپتىكەنمەن، تېخى بايا خاتالاشقىمنى ئۇقتۇم). ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان ئىنگلاند بىرلەشمىسى بولسا 1992-يىلى شۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىنگلاند A دەرىجىلىك بىرلەشمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھىس قېلىشمچە ھازىرقى تەھرىرلەر ئىنگلاند بىرلەشمىسى خۇددى 1992-يىلىدىن باشلانغاندەك تەرىقىدە خەۋەر يازىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھە دىسە 1992-يىلىدىن بۇيانقى ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ سان سىفىرلىرىغا كۈچۈپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 100 يىلدىن ئارتۇق كەسپى بىرلەشمە تارىخىنى يوققا چىقىرىۋىتىپ بارىدۇ. يېقىندا كۆككە كۆتۈرىۋەتكەن رۇنى،لەمپارد، ھېنرىلارنىڭ 175 توپىنى ئىنگلاندنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە تارىخىدا سېلىشتۇرساق يوقلا رىكورتلار ئەسلى.
بۈگۈن ئىزدىنىپ  ئېنگلاند ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى تارىخى مەرگەنلەرنى ئىزدەپ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن 5 مەرگەننى تىزىپ چىقتىم:
1.jpg
1. گېرىفۇس 357 توپ (50،60-يىللاردا رېس ۋە چېلسدا توپ تىپىپتىكەن. 1961-يىلى مىلەندىمۇ بىر نەچچە ئاي توپ تېپىپ بېقىپتىكەن. مىلەندە 10 مەيدان مۇسابىقىدە 9 توپ ئۇرغان رىكورتى باركەن.)
2.jpg
2. بۇرۇم 317 توپ (ھېلىقى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇزغۇنلۇق چىمپيونلۇق سانى بىرلەشمە چىمپيونلۇق ساندىن كۆپ بولغان دېربى ناھيىسى كوماندىسىدا توپ تىپىپتىكەن)
3.jpg
3. دېئىن 310 توپ. (ئېيۋېردۇندا توپ ئويناپتىكەنتۇق.كەسپى ھاياتىدا 37 قېتىم قالپاق كىيىپ، بىر پەسىلدە بىرلەشمىدە 60 توپ ئۇرغان رىكورتى باركەن. ، قارىغاندا مېسسىنىڭ 50 توپىنى تارىخىتىكى ئەڭ چوڭ رىكورت دەپ بىز ھەم سىنانىڭ دۆت تەھرىرلىرى خاتا ئويلىۋاپتۇق.)
4.jpg
4. گوردىن خودسېن 287 توپ. (ئىنگلاندنىڭ تېرىنى خودسىن شۇمىكى دەپ ئىزدەپ باقسام ئەمەسكەن. لىۋىرپۇلنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسىكەن. )
5.jpg
5. ئالان شېر 283 توپ (بۇنىڭ ئىچىدە ئىنگلاند بىرلەشمىسى ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن 1992-يىلىدىن كىيىن ئۇرغان توپ سانى 260 توپكەن.)



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 06:36:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تۇپچىلاركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 08:26:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇنى بېكخاملار بىر يەردىلا قالغۇدەكقۇ بۇلارنىڭ ئالدىدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 08:57:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈپ باققىنىم شىللېر ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 09:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس توپچىلار بولغانكەن ، بولسا ماتىريالىنى تەپسىلى يىزىۋەتكەن بولسىڭىز ئىش بولاتتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 10:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەن شىر دىگەن ئىسىم تونۇش ئاڭلىنىۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 10:31:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى 10مەرگەننى يوللىغان بولسىڭىز ياخشى بولار ئىكەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 10:54:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىفىلىد  دىگەن  كوماندىغا  بىرەرۈ باي  مەبلەغ   سېلىپ   زەردارلاردىن  قىلغان  بولسا  بولاتتىكەن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:29:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت ئېنگېلاند بىرلەشمىسىدە كىرگۈزۈلگەن توپلار بولسا ھەقىقەتەن كۆپكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 11:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 12:12:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئىزدەنسىلا   خىلى  جىق  نەرسىلەرنى   بىلەلەيدىكەن!
كۆپ  ئەجىر قىلىپسىز!  كۆپ رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-19 13:13:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناسىن بۇرادەر تىما يازماي يېزىپ قالسا رەسمى يېزىپ قۇيىسىلە  جىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 22:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش