akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1447|ئىنكاس: 21

بايرېن مىيۇنخېن خەۋىرى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-18 17:51:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 17:58  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...





43f49896aa7b416991dcaf59267c626d5526ef83.jpg

گىرمانىيە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ غۇللۇق توپچىسى ئالابا يەنە 2014 - يىللىق ئاۋىستىرىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى ، ئالابا ئاۋىستىرىيەلىك پۇتبول چولپىنى بولۇپ بۇ يىل 22 ياش ، ئالابا بايرېن كوماندىسى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىللىرىدە ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولىۋاتقان ياش چولپان ...



ae102aebb70bcade59a8929cc7b92213f4548f4f.png

بايرېن كوماندىسىنىڭ شىۋىتسارىيەلىك توپچىسى شاچىرى قىشتا كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ، سەۋەبى بولسا شاچىرى ئۇزۇن مەزگىل زاپاس بولۇپ قالدى ، ئىلگىرى ‹‹ شىۋىتسارىيەلىك مىسسى ›› دەپ نام ئالغان بۇ توپچى زاپاس بولۇپ قىلىشنى خالىمىدى ، ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ توپچى گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ۋولفىسبۇرگ ياكى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى لىۋىرپۇل كوماندىسىغا يۆتكىلىشى مۇمكىن ...



ae102aebb70bcade59a8929cc7b92213f4548f4f.png

نورۋىگىيەلىك يىتىشىۋاتقان ۋە تىزلا چاقنىغان ياش چولپان ئودىگارد گىرمانىيە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىغا مۇقىملاشتى ، ئودىگاردنىڭ يىقىندا يۆتكىلىش خەۋىرى جىقلاپ كەتكەن ئىدى ، ئودىگاردغا ئەڭ يىقىنلاشقان كوماندا دەل بايرېن ، يىقىندا ئودىگاردنىڭ بايرېن كوماندا ئەزالىرى بىلەن مەشىق قىلغان رەسىمى ئاشكارلانغان بولۇپ ئودىگاردنىڭ بايرېنگە كىلىش خەۋىرىنىڭ راسلىقىنى تىخىمۇ ئىسپاتلاندى ، بايرېن كوماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىمۇ بۇ توپچىنى ئالاھىدە ماختىغان ، ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بايرېن كوماندىسى بىلەن ئودىگارد بىرىنجى ئايدا توختاملىشىدىكەن ...



bb5edbdb677b497ec7cb5e5a886bd0d52772403b.jpg

بايرېن كوماندىسى ئورگان تورى خەۋىرى : بايرېن كوماندىسى ئۆز توربىتىدە ئىلان قىلىپ 33 ياشلىق زاپاس ۋارتا سىتاركى بىلەن 2016 - يىلغىچە ، چاقناۋاتقان 18 ياشلىق بايرېن كوماندىسىنىڭ ئۈمۈدلىك توپچىسى گۇادىنو بىلەن 2018 - يىلغىچە توختام ئۇزاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى ...



adae8f58d109b3deef82c8ddcfbf6c81810a4ca2.jpg

بايرېن كوماندىسىنىڭ گوللاندىيەلىك داڭلىق توپچىسى روبىن ئالدىنقى كۈندىكى مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ بايرېن كوماندىسىدا ئۇرغان توپى 100 گە يەتتى ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 65 توپنى گىرمانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ، 14 توپنى گىرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، 2 توپنى گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، 18 توپنى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ، 1 توپنى باشقا مۇسابىقىدە ئۇرغان ...



d59396d4b31c8701b1676e52247f9e2f0508ff96.jpg

گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يىڭى رەت - تەرتىپى ...


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 17:54:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 17:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 17:54
دورتمونىد 3-لىك ئورنىدا مۇقىپ ئولتۇرۋاپتۇ، يارايسىلەر. ...

3-لىكتىمۇ مۇقىم ئولتۇرالماي بەزىدە تېخى ئىككىنچىمۇ بولۇۋالىدىكەن دېسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 18:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇمۇر پەرقى نىمانداق ئاستىن ئۈستۈن، مۇشۇ بايرىن بىلەن ئانچە خۇشۇم يوق.   سېرىق ھەرىلەرنىڭ خەتەرلىك رايۇندىن تىزاراق چىكىتىشىگە تىلىكتاشمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 18:04:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 18:12:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولفىسبۇرگنىڭ ئەلپازى يامان ئەمەسقۇ ؟ دىبۇراينىمۇ بارغانسىرى ياخشى ئوينىۋىتىپ بارىدۇ. ماۋۇ مىنشىنگىلادباخ پەسىل بېىشدا بايرىن بىلەن تەڭدە تەڭ دېگۈدەك مېڭىۋاتقان، كىرامىرنىڭ نەس توپ ئۇرۇپ قويىشى بىلەن ئارقىغا قاراپ ماڭدى دېسە. دىماتىئو كەلگەندىن بېرى چېلسىغا ئۇتتۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇتۇپ كىلىۋاتىدۇ.
ئالابا چاقناۋاتقان قارا ئالتۇنلارنىڭ بىرسى.
ئودگارد رەسمى توختام ئىمزالىغاندا ھە دەيلى، بولمىسا تۈنۈگۈن ئارسىنالدا مەشق قىلغان ئادەم بۈگۈن بايرىندا مەشق قىپتۇ. ما شۇمنىڭ خەۋرى خېلى چولپان توپچىلارنىڭ خەۋرىدىنمۇ جىق چىقىپ كەتتى دېسە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 18:28:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئالابا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 18:47:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بەيرىنگە كەينىدىكىلىرى يىتىشەلمەيدىغان ئوخشايدۇ ئالغا بەيرىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 19:06:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرماندا بەيرېنغا تېتىغۇدەك كوماندا قالماپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 19:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورتىمۇد كىلەركى يىلدىن تارتىپ ئوڭشالمىسا بولمىغىدەك................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 19:31:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 19:38  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

مۇشۇ  ئالابانى  خىلى  ۋاققىچە گىرمانىيەلىك  دەپ  بىلىپتىكەنمە، مۇشۇ يىلدىكى  «دۇنيا لوڭقىسىدا ئاۋىستىرىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، قالتىس مۇداپىيەچىدە بۇ ،  ساڭىمۇ مۇبارەك بولسۇن!

شاچىرىغا كەلسەك بۇنىڭغا لىۋىرپول ھەقىقەتەن ماس كىلىدۇ، ھەر ئادەمنىڭ ئۆز بەختىنى تىپىش ھوقۇقى بار ئەمەسمۇ؟ بولسا لىۋىرپولدا چاقناپ كەت ، مىسسىغا ئوخشىتىلغانكەنسە، ئۆزەڭنى ئىسپاتلا،

مۇشۇ ئوۋدىگار دىگەن بالىنى بەيرىن ئىسسىقلا  سوقىۋالدىدە كاساپەتلەر .  ئادەمنىڭ (بارسىلونانىڭ)  كۆزىنى قىزارتىپ.

بەيرىننىڭ  شۇنداق  قىرى ۋارتالىرىمۇ  بارتىكەندە،  بىچەرىلەر  نويىرنىڭ ئاستىدا كۆملۆپلا قاپتۇ.لىكىن ئا كىچىك بالىدا ئۈمۈد باردەك چىراي !

روبىننىڭ كەسپى ھاياتىدىكى  توپى جەمىي نەچچە بولغىيتى؟

« بىرلەشمە لوڭقىسى مىنىڭ خوتۇنۇمغا ئوخشايدۇ.»
                                                                     -  گۇادىيۇۋالا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-18 19:42:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرماندا بەيرىنگە قان رەقىپ بولغۇدەك كۇلۇب يوق.مادرىد بىلەن بارسىلونادەك شۇڭا بەزىدە بەيرىننىڭ گىرماندىكى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقى  بەك چوڭ بىلىپ كەتمىگۈدەك...(شەخسى قاراش)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 16:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش