ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8122 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-18 14:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
خانلىق مادرېد كۇماندىسى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان پەيىتتە مادرېد رەئىسى فىلورىنتىنو ئىسپانىيە تاراتقۇسى سېر رادىئو ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى . ئالتۇن توپ مۇكاپاتى توغرۇسىدا سۇرالغان سۇئالغا ئۇ : ‹‹ ئەگەر ئالتۇن توپ مۇكاپاتى رونالدوغا بىرىلمەيدىكەن ، ئۇنداقتا بۇ پۇتبول تەنھەركىتىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك بۇلىدۇ . ›› دەپ جاۋاپ بەردى . مۇخپىر مېسسى ياكى نېيمارنى مادرېدقا قۇشىۋېلىش ئارزۇسى بار يوقلىقىنى سۇرىغاندا ئۇ جاۋاپ بىرىپ : ‹‹ ھازىر مادرېد دۇنيادىكى ئەڭ مۈنەۋەر توپچىلارغا ئىگە ، شۇنداق تۇرۇپ بىز نىمىشقا يەنە مېسسى ياكى نېيمارنى قۇشىۋېلىشنى ئويلىغۇدەكمىز . ›› دىدى .
دىمارىيا بارسىلونا ۋە مانچىستىر شەھرىنىڭ كوزۇر توپچىلىرى بولغان مېسسى بىلەن ئاگۈيرو ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئارگىنتىنانىڭ يىللىق ئەڭ مۈنەۋەر توپچىسى بۇلۇپ باھالاندى .
ئىسپانچە :Olimpia de Plata al Mejor Futbolista دەپ ئاتىلىدىغان بۇ باھالاش ئارگىنتىنادىكى ئەڭ مۇھىم مۇكاپات تۈرى ھىساپلىنىدۇ . بۇ مۇكاپات 1970-يىلى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ پۇتبول شاھى مارادونا 4 قېتىم ئىرىشكەن . 2008-يىلىدىن كىيىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ھەر يىلى ‹‹ ئەڭ مۈنەۋەر ›› دىن ئىككىنى تاللايدۇ ، بىر سانغا ئارگىنتىنا دۆلەت ئىچى بىرلەشمىدىن تاللىنىدۇ ، يەنە بىر سانغا بولسا چەتئەل بىرلەشمىسىدىكى ئارگىنتىنالىق توپچى تاللىنىدۇ . مېسسى بۇ مۇكاپاتقا 2005-يىلى تۇنجى قېتىم ئىرىشكەن ، 2007-يىلىدىن كىيىن بۇ مۇكاپاتنى ھەر يىلى مېسسى مۇنۇپۇل قىلىۋالغان ، بىراق 2014-يىلى دىمارىيا مېسسى بىلەن ئاگۈيرو ئۈستىدىن غالىب كىلىپ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشتى .
مەنبە : ۋاڭيى تورى ؛ |
|