ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 683 |
تۆھپىسى: سەر |
|
12-ئاينىڭ 16-كۈنى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ھىنرى پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. تەنتەربىيە مىدىئالىرى ھىنرىنىڭ 21 يىللىق كەسپى ھاياتىدىكى نەتىجىلىرىنى ھىسابلاپ چىقتى.
ھىنرى كەسپى ھاياتىنى موناكو كۇلۇبىدىن باشلىغان. موناكودىن يۇۋىنتۇسقا، يۇۋىنتۇستىن ئارسىنالغا، ئارسىنالدىن بارسىلوناغا، بارسىلونادىن نىيۇيورك قىزىل كالا كوماندىسىغا يۆتكەلگەن. ھىنرى 1999-يىلى ئارسىنالغا قوشۇلغاندىن تارتىپ ئارسىنال كوماندىسىدا كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىغا چىققان. ھىنرى ئارسىنالغا ۋاكالىتەن 376 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 228 توپ ئۇرغان، ھازىرغىچە ئارسىنال تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى. ھىنرى ئارسىنالدىكى ۋاقتىدا 2 قىتىم ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى، 3 قىتىم ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى ھىنرى 19 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن بارسىلونا كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. بارسىلونادىكى ۋاقتىدا 2 قىتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، 1 قىتىم شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، 2008-2009-مۇسابىقە پەسلى ئۇزغۇنلۇقنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا 1998-دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. دۆلەت كوماندىسىدا 51 توپ ئۇرۇپ، ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بولۇپ قالغان.
ھىنرى 21 يىللىق كەسپى ھاياتىدا 917 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 411 توپ ئۇرغان. ھەرقايسى كۇلۇبلاردىكى ئىرىشكەن چېمپىيونلۇق سانى 16 قىتىم. دۆلەت كوماندىسىدا 3 قىتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
ھىنرى 1977-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 37 ياش. فىرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىدە.
ھەرقايسى كۇلۇبلاردا مەيدانغا چىققان ھەم توپ ئۇرغان سانى.
موناكو كوماندىسىدا 105 مەيدان مۇسابىقىدە 20 توپ ئۇرغان. يۇۋىنتۇستا 16 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرغان. 376 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 228 توپ ئۇرغان. بارسىلونادا 80 مەيدان مۇسابىقىدە 35 توپ ئۇرغان. نىيۇيۇرك قىزىل كالا كوماندىسىدا 122مەيداندا 51 توپ ئۇرغان.
ھەرقايسى كۇلۇبلارغا ۋاكالىتەن ئومۇمى بولۇپ 769 مەيدان مۇسابىقىدە 360 توپ ئۇرۇپ 199 ياردەمچى پاس چىقارغان. دۆلەت كوماندىسىدا 123 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 51 توپ ئۇرغان.
|
|