ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2291 |
تۆھپىسى: سەر |
|
گوللاندىيە ۋاقتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى گوللاندىيەنىڭ تەنتەربىيە ساھەسى يىللىق مۇكاپاتلاش پائالىيتى ئامىرستىردامدا ئۆتكۈزۈلدى. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تىرىنىرى، گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى تىرىنىرى ۋانگال گوللاندىيەنىڭ 2014-يىللىق ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرىنىر › مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ۋانگال گوللاندىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، گورۇپپا مۇسابىقىسىدە 5-1 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنى، ئۈچۈنچىلىكنى تالىشىشتا 3-0 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى يىڭىپ دۇنيا لوڭقىسىدا 3-لىككە ئېرىشىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ۋانگال دۇنيا لوڭقىسىدا ئېرىشكەن شان-شەرىپىگە ئاساسەن بۇ قىتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
روبىن بۈگۈن ئوينالغان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇرۇپ، بايرىندىكى ئۇرغان توپ سانى 100گە يەتتى. ئۇنىڭدىن سىرت روبىن يەنە بىر تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، قوش خۇشاللىققا ئېرىشتى. يەنى روبىن گوللاندىيەنىڭ 2014-يىللىق ‹ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخىس › مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
گوللاندىيەنىڭ ‹ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخىس › مۇكاپاتى 1951-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، گوللاندىيە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات ھىسابلىنىدۇ، گولاندىيەنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە بىر ئىچىدە ئەڭ چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئادەمگە بىرىلىدۇ. بۇ مۇكاپات يولغا قويۇلغان 60 نەچچە يىل جەريانىدا قارغا تىيىلىش تەنھەركەتچىلىرى 17 قىتىم، ۋىلسىپىت مىنىش ماھىرلىرى 16 قىتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2011-يىلدىن باشلاپ گوللاندىيەنىڭ گىمناستىكا ماھىرى زوندۇرلەند ئۇدا ئۈچ قىتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
بۇ مۇكاپات يولغا قويۇلغاندىن بىرى پەقەت 3 نەپەر پۇتبۇلچى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باققان. ئۇلار، لىنىسترا، كىرويىف، گۇللىتلاردىن ئىبارەت. لىنىسترا 1952،1953-يىللىرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، كىرويىف 1973،1974-يىللىرى ئېرىشكەن، گۇللىت 1987-يىلى ئېرىشكەن. روبىن پۇتبۇلچىلارنىڭ ئۇزۇن يىل بۇ تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكىگە خاتىمە بىرىپ، تارىختا 4- بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پۇتبۇلچى بولۇپ قالدى. |
|