akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 769|ئىنكاس: 19

دۇنيا پۇتبول كۈنۈڭلارغا مۇبارەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-17 13:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 13:23  

   ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دۇنيا پۇتبول كۈنى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن دۇنيا پۇتبول كۈنۈڭلارنى مۇبارەكلەيمەن.
  ھەممىمىزنىڭ پۇتبول بىلىمىمىز تېخىمۇ ئېشىپ، پۇتبول ھەرىكىتى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا  ئېرىشكەي.

  دۇنيا پۇتبول كۈنى دېگەننى بەلكىم كۆپچىلىك كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بۇ ب د ت بېكىتكەن خەلقئارالىق كۈن.
   ھازىرقى زامان پۇتبولى 1863 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلانغان دەپ قارىلىدۇ.
    ب د ت 1978 - يىلى قارار ماقۇللاپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 1935 - يىلى جۇڭگودا قوزغالغان "9 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" نى خاتىرىلەش ئۈچۈن  ھەر يىلى 9 - دېكابىرنى "دۇنيا پۇتبول كۈنى" دەپ بېكىتكەن.
   قارىماققا، خۇددى چاقچاقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ئامال يوق. ب د ت شۇنداق بېكىتكەن. شۇڭا، بۇنى تالىشىش بىھاجەت، بىلىپ قويساق بولدى.


ئەلۋەتتە، پۇتبولنىڭ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىگەنكەنمەن، مۇنداقلا تەبرىكلەپ قويسام بولماس. شۇڭا بىرقانچە تەرمىلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

  1. پۇتبولنى نېمىشقا 11 ئادەم تېپىدۇ؟
  19 - ئەسىرنىڭ بېشىدىلا پۇتبول ئەنگىلىيەدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان. تارىختىن بۇيانقى ئۇنۋېرسىتېت دېربىيسى ھېسابلىنىدىغان ئوكىسفورد بىلەن كامبېرىچ پۇتبولدا تولا مۇسابىقىلەشكەن. ئۇلار مۇسابىقىگە قانچە ئادەم چۈشۈشۈنى بەلگىلىيەلمەي، 11 دىن ئادەمنى چىقىرىشنى تاللىغان. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ياتاقتا 10 ئوقۇغۇچى، 1 ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ساق 11 ئادەم بار ئىدى. 1863 - يىلى ئىنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندا نۇرغۇن قائىدىنى بېكىتكەن. قانچە ئادەمنى قاتناشتۇرۇشقا كەلگەندە ئىككى ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئەندىزىسىنى قوللىنىپ 11 ئادەم مەيدانغا چىقىدىغان قىلىپ بېكىتكەن.

119649480_13941525660781n.jpg

2.  دۇنيادىكى تۇنجى كۇلۇب كىم بىلەن مۇسابىقىلەشكەن؟
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېتراپ قىلغان ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى پۇتبول كۇلۇبى ئىنگىلاندنىڭ شېفىلد پۇتبول كۇلۇبىدۇر. بۇ كۇلۇب 1857 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئىنگىلاندنىڭ 3 - دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ. 2004 - يىلى ئىنگىلاند ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. 2007 - يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ كۇلۇب قۇرۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن.
   مەسىلە: ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى كۇلۇب. دېمەك ئىككىنچى كۇلۇب قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ زادى كىملەر بىلەن مۇسابىقىلەشكەن؟ پۇتبولدا ھامان بىللە ئوينايدىغانغا رەقىب چىقىشى كېرەققۇ. ئىككىنچى كۇلۇب قۇرۇلغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇلار ئۆزئارا مۇسابىقىلەشكەن. يەنى كوماندىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنگەن. قانداق بۆلۈنۈش كېرەك؟ ئۇلار قىزىقارلىق ئۇسۇل تېپىپ چىققان: توي قىلغانلار بىر تەرەپ، بويتاقلار بىر تەرەپ بولغان. ھەي، "بىر، ئىككى" دەپلە بۆلۈنسىمۇ بولىدىغان ئاسانلا ئىشتى ئەسلى...



a1ec08fa513d269716f7de5055fbb2fb4316d893.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 بىرگە بولسۇن!
تۇمشۇق + 50 رەھمەت

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 13:28:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 13:35  

                               دۇنيا تارىخىدىكى  ئەڭ غەلىتە پۇتبول مۇسابىقىسى      
     سىز 11ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە قارشى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ پۇتبۇل مۇسابىقىسى تارىخىدا ئەڭ غەلىتە مۇسابىقە بولۇپ، دانىيەنىڭ ۋېنلىد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىگە چۈشىدىغان «سەنلۇم» پۇتبۇل كوماندىسى قاتناش توسۇلۇپ قېلىپ مەيدانغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن، بۇ ۋاقىتتا مەيداندا بۇ كوماندىنىڭ ئاۋلىسۇن ئىسملىك بىرلا ۋارتارسى بولۇپ، ئۇ مۇسابىقە ۋاقتى توشقاندا، ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش بويىچە ياقلىق قىلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۆزى يالغۇز مەيدانغا چۈشۈپ قارشى تەرەپنىڭ 11 ئادىمى بىلەن ئېلىشقان. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سەنلۇم كوماندىسى ئەزالىرى ئالدىراپ- تېنەپ يېتىپ كەلگەن، بۇ ۋاقىتتا سەنلۇم كوماندىسى ئاران 1 توپ يىگەن.

دۇنيادىكى ئاجايىب غارايىباتلار كىتابىدىن ئېلىندى
                                   
                                        دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى غەلىتە ئىش
       تىسىۋىتاۋنى ماھىرلىق ھاياتىدا بۇلغارىيەدىكى ھەممىگە تونۇلغان داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇلغارىيە كوماندىسىنىڭ 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 4-لىككە ئېرىشىشىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان، ماھىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن مەشقاۋۇلۇق ھاياتىنى باشلىغان. ئەمدى 8ئايلانما مۇسابىقىىن كىيىن 3قېتىم ئىشتىن بوشىتىلىشتەك قىسمىتى بىلەن بىلەن يەنە بىر قېتىم دۇنيا تونۇلدى. ئىتار كوماندىسى بۇيىل ئاۋغۇستتا 1:0 نەتىجە بىلەن بېرلو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن ئىتار كۇلۇبى تىسۋىتانوۋنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن. بىراق مەشقاۋۇل ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ئىتار كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىدە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقتىن سېنتەبىردە ئىتار كۇلۇبى تىسۋىتانوۋنى قايتىدىن مەشقاۋۇللۇققا تەيىنلىگەن. بۇ قېتىم قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ كۇلۇب رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەنلىكتىن، يەنە بىر قېتىم ئىشتىن بوشىتىلغان، ئىتار كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىدە يەنىلا ياخشلىنىش بولمىغانلىقتىن ئىتار كۇلۇبى تىسۋىتانوۋنى يەنە قايتىدىن مەشقاۋۇللۇققا تەيىنلىگەن. ئىتار كۇلۇبى 16-ئۆكتەبىر تىسۋىتانوۋ ئاممىۋى سورۇندا كۇلۇب رەئىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كۇلۇبنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ قاراپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-17 13:39:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەربىدار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 13:28
دۇنيا تارىخىدىكى  ئەڭ غەلىتە پۇتبول م ...

قاتناش توسۇلغىنىغا قارىغاندا 20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئىش بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا پۇتبولنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى بېكىتىلىپ بولۇنغان. پۇتبولدا بىر تەرەپنىڭ ماھىرلىرىنىڭ سانى 7 دىن تۆۋەن بولسا مۇسابىقە شۇ تەرەپ مەغلۇب بولغان ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، بىر ئادەمنىڭ كوماندىغا ۋەكىل بولۇپ ئوينىشى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ.
   مۇشۇ بەزى كىتابلاردىكى ئاجايىپ - غارايىبلار مۇنداقلا يېزىپ قويغاندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 13:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 13:39
قاتناش توسۇلغىنىغا قارىغاندا 20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يې ...

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئارىيەت ئالغان بىر كىتاب بولىدىغان. جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى ئاجىياتلار .. ئىسمى مۇشۇنداققۇ دەيمەن... شۇ كىتابتا دۇنيادىكى سىرلىق جايلار، غەلىتە ئۆسۈملۈك ھايۋانلار، غەلىتە دۆلەتلەر ئىشقىلىپ نۇرغۇن سىرلىق ۋە غەلىتە ئىشلار سۆزلەنگەن... بىر ئوقۇپ قويغىدەك كىتاب ... شۇنىڭدىن ياقى 10يىلدەك بولدى ھازىرغىچە تاپالمىدىم بۇ كىتابنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 14:44:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىسۋىتانوۋ مەشقاۋۇللۇق ھاياتى بەك ئ‍ەگرى تۇقايمۇ نىمە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 14:45:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 13:39
قاتناش توسۇلغىنىغا قارىغاندا 20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يې ...

ئاخىرى باردەك ھس قىلدىم ، شۇنداق مۇ يا؟ ئاخشامقى گەپنىڭ تەسرىمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 14:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋبە قىلدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-17 15:01:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1001 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 14:45
ئاخىرى باردەك ھس قىلدىم ، شۇنداق مۇ يا؟ ئاخشامقى گەپن ...

ياق، ياق ئاخىرى يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 15:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   laqin1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 15:10  

تارىختىن بۇيان پۇتبول نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرغا كەلگەندە مۇكەممەل بولغان تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى  ھىس قىلدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 15:32:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىفىرلىد چارشەنبە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش