ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2291 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۈگۈن ئوينالغان كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مادرىد 4-0 نەتىجىدە كۆك كىرىست كوماندىسىنى يەڭگەندىن كىيىن ئۇدا 21 مەيدان غەلبە قىلدى. بۇ نەتىجە دۇنيا جىنىس رىكورتىنىڭ 24 مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىش رىكورتىدىن 3 مەيدانلا ئاز. ( بىرازىلىيەنىڭ كۇرىتىبا كوماندىسى 2011-يىلى ئۇدا 24 مەيدان غەلبە قىلغان ) مادرىدنىڭ بۇ 21 مەيدان غەلبىسىنىڭ 12 مەيدانى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە، 6 مەيدانى ئۇزغۇنلۇقتا، 2 مەيدانى شاھلىق لوڭقىسىدا، 1 مەيدانى كۇلۇبلار لوڭقىسىدا.
بۇ 21 مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد 79 توپ ئۇرغان بولۇپ، ھوجۇم كۈچى ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق. بۇ 79 توپتىن 28 توپنى رونالدو ئۇرغان بولۇپ، رونالدونىڭ ئۇرغان توپى خىلى كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. بىنزىما 12 توپ ئۇرغان، بىل بىلەن رودىرىگىز 8دىن توپ ئۇرغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئىرنەندىس، ئىسكو، ۋارانى، راموس، پىپى، مودرىچ، مارسىلو، كىروس، قىدرا قاتارلىق توپچىلارنىڭ ھەممىسى توپ ئۇرغان بولۇپ، مادرىدنىڭ توپچىلىرى بۇ پەسىل ئىچىلىپ كەتكەن.
كاسىلىياسنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولغان. بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى ئايلانمىسىدا ۋە بۈگۈنكى كۇلۇبلار لوڭقىسىدا 2 نوقتا توپنى توسۇۋالغان. بۇ 21 مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد كوماندىسى 12 مەيدان توپ كەتكۈزمىگەن. 21 مەيدان مۇسابىقىدە ئومۇمى 10 توپ كەتكۈزگەن.
مادرىد بارسىلونانىڭ ئۇدا 18 مەيدان غەلبە قىلىش رىكورتىنى خىلى بۇرۇن بۇزۇپ بولدى. بۈگۈن ئوينالغان كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن، مادرىدنىڭ 2014-يىللىق ئومۇمى كىرگۈزگەن توپ سانى 176گە يىتىپ، ئىسپانىيە پۇتبۇل ساھەسىدە يەنە بىر رىكورت ياراتتى. ئىسپانىيەنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رىكورتىنى بارسىلونا كوماندىسى ساقلاپ كىلىۋاتقان بولۇپ، بارسىلونا كوماندىسى 2012-يىلى 175 توپ ئۇرۇپ بۇ رىكورتنى ياراتقان، بۈگۈن مادرىد بۇ رىكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. مادرىدنىڭ يەنە بىر مەيدان كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ رىكورتنىڭ قانچە توپتا توختىشى ئىنىق ئەمەس. |
|