ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2291 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋاڭيى تورى خەۋىرى؛
12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى ‹ ماركا گىزىتى › نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دورتموند كۇلۇبىنىڭ گىرمانىيەلىك توپچىسى رىئوس ئۇزۇن ئويلىنىش ئارقىلىق بارسىلونا كۇلۇبىدىن ۋاز كىچىپ بارسىلونانىڭ رەقىبى خانلىق مادرىدقا قوشۇلماقچى بولغان.
دورتموند كوماندىسى ئۇزغۇنلۇقنىڭ شاللاش باسقۇچىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋىنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. دورتموندنىڭ بىرلەشمىدىكى ئەھۋالى ناچار بولۇپ يەنە دەرىجە چۈشۈش ئورنىغا چۈشۈپ قالغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كوماندىدىكى بەزى توپچىلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلۇشۇپ كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان. رىئوسنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇقۇملىشىپ قالغان بولۇپ، مادرىد تەرەپ رىئوسنىڭ ۋاستىچىسى بىلەن رىئوسنىڭ يۆتكىلىش ئىشى توغرىسىدىكى سۆھبەت ۋاقتىنى بىكىتىپ بولغان. بارسىلونا كۇلۇبى ئىلگىرى رىئوستىن ۋاز كەچكەن، ھازىر پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئىككى يۆتكۈلۈش بازىرى توپچى قوشۇۋالالمايدۇ، بۇ ئىش مادرىد ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.
رىئوسنىڭ ۋاكالەتچىسى رىئوسنى كىلەر يىلى يازدا دورتموندتىن ئايرىلىدۇ دىگەن. لىكىن مادرىد بۇ گىرمانىيەلىك توپچىنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، 1-ئايدىكى يۆتكىلىش بازىرىدا رىئوسنى قوشۇۋالماقچى. |
|