ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3490 |
تۆھپىسى: سەر |
|
قارشى تەرەپ كوماندىنى ئالدىنقى ئۇچرىشىشتىلا 4:0 ئۇتۇپ بولغان ، بۇ مۇسابىقە كىچىكلەرنىڭ ماسلىشىش مەشىقى دېسەكمۇ بولىدۇ ، ئاساسلىق ئەزالارنىڭ چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بارسانىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىنى كۆردۈم ، كىچىكلەرنىڭ مۇسابىقىدە كۈچەپ ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانتىم ، دېگىنىمدەك ئالدىنقى مەيداندىلا 5:0 قىلىپ قويدى ، ئەمما ئىپادىسى ئۇنچە بەك قالتىس دەپ كەتكۈدەك ئەمەس ، دېققىتىمنى تارتقىنى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى رافىنىيا بولدى ، ئۇنىڭدىن تىياگو كانتارانىڭ سىماسىنى كۆردۈم ، ئازراقلا پىشىپ كەتسە ئىنىستانىڭ ئورنىغا نەقلا چۈشكىدەك ، يېڭىدىن سېتىۋالغان دوگلاسنى كۆرۈپ باقتىم ، تازا ئېچىلالمىدى ، ئۇنىڭغا كۆرە مونتويا يەنىلا ئالدىنقى تاللاش بولغۇسى ، كېيىن چۈشكەن ئاداما مۇ خېلى يامان ئەمەس ، ئېيتوغا ئوخشاپ كېتىدىكەنۇ لېكىن سۈرئەت بەك ۋاي دېگۈدەك ئەمەس ، ئەمما پۇت ئاستى تېخنىكىسى بولۇپ قالىدىكەن ، كەتكۈزگەن توپ بۇلۇڭ توپ ، ئاساسلىقى ۋارىتارنىڭ خاتالىقى دېسەكمۇ بولىدۇ ، ئالدىغا كېلىپ قالغان توپنى يۈگۈرۈپ چىقىپلا ئۇرىۋەتمەي قايلاپ تۇرۇپلا يەپ كەتتى . |
|