بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-16 17:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى ؛
ئېنگىلاند تاراتقۇسى ‹‹ بوشلۇق تەنتەربىيەسى›› ئارسىنالنىڭ ئىلگىركى داڭلىق ھۇجۇمچىسى فىرانسىيەلىك چولپان ھېنرىنىڭ پۇتبولچىلىقتىن رەسمى چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى . خەۋەردە دىيىلىشىچە ھېنرى 2015-يىلىدىن باشلاپ ‹‹ بوشلۇق تەنتەربىيەسى››نىڭ باھا مۇتەخەسىسى ۋە ئوبراز ئەلچىسى بۇلىدىكەن . ھېنرى 20 يىلغا يېقىن كەسپى ھاياتىدا موناكۇ ، يۇۋېنتۇس ، ئارسىنال ، بارسىلونا ۋە نىيوۋيورك قىزىل كالا كۇماندىسىدا توپ تەپكەن ، ئارسىنالدا كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى كۈتىۋالغان .
ھېنرى بۇ تاراتقۇ بىلەن 25 مىلىيۇن فوندېستىرلىڭ قىممىتىدىكى بىر توختام تۈزمەكچى بۇلۇپ چىكىنگەندىن كىيىن يەنە چۈشەندۈرگۈچىمۇ بۇلىدىكەن . تېخىمۇ يىراق بولغان كەلگۈسىنى ئويلاشقاندا ھېنرىنىڭ ئارسىنالغا قايتىپ ۋېنگىرنىڭ ئورنىغا مەشقاۋۇل بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقۇرىكەن .
مەنبە : http://sports.163.com/14/1216/15 ... #p=96CNSMPD00D80005
#######################################################################
ھېنىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن توپلىرى:
ھېنىرىنىڭ كەسپىي ھاياتى موناكودىن باشلانغان، يۇۋېنتۇستا نامى چىققان، ئارسىنالدا كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەسللىسىگە كۆتۈرۈلگەن، بارسىلونادا ئېرىشىشكە تېگىشلىك شان-شەرەپنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەن، نىيۇ-يورىكتا كەسپىي ھاياتىنىڭ خاتىمىسىنى يازغان.
‹‹ھايبۇرى شاھى›› دەپ ئېتىراپقا ئېرىشكەن ھېنىرى 1999-يىلىدىن باشلاپ ئارسىنالغا ۋاكالىتەن 376 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 228 توپ ئۇرۇپ، ئارسىنال تارىخىدىكى 1-نومۇرلۇق مەرگەنگە ئايلانغان. 21 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي 917 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتناشقان (كۇلۇپقا ۋاكالىتەن 792 مەيدان)، جەمئىي 411 توپ ئۇرغان (كۇلۇپقا ۋاكالىتەن 360 توپ)، كۇلۇپقا ۋاكالىتەن جەمئىي 16 قېتىم چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىغا، بىر قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىغا ۋە بىر قېتىم خەلقئارا قىتئەلەر لوڭقىسى (联合会杯) چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىپ، جەمئىي 19 قېتىم چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرگەن.
باشقۇرغۇچى بېرنابۇ تەرىپىدىن قوشۇمچە قىلىندى. |