akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: بىلگىيار

سۇغا سەكرەش(يالغان يىقىلىش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-16 10:29:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇي ھەرقانداق كۇلۇبتا  باركەنغۇ  بۇ  سەنئەتچىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 10:37:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FC-Messi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 10:27
بۈرگە يالغان يىقىلىش قاتارىدا ئەمەس. سىز خاتا بىلىۋال ...

مېسسىمۇ ياش ۋاقتىدا خېلى سەكلەپتىكەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 10:53:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان يىقىلىشقا نېيمار ھەممىدىن ئۇستىمكىن دەيمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:00:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 11:15  

ئاتالمىش سۇغا سەكرەشكە بولغان قارىشىم، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر تېمىدا ئېيىتقىنىمدەك :
  1. سۇغا سەكرەشنىڭ پېشىۋاسى يەنىلا بىزنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچى، سۆيۈمۈلۈك مەشقاۋۇلىمىز ئىنزاگى... قالغانلار ئۇنىڭ ئالدىدا تېخى بالا... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنزاگى بۇسكېتىس قاتارلىقلاردەك قارشى تەرەپكە كارتا چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، نۇقتا توپقا ئېرىشىش ئۈچۈنلا كۆرەش قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىنى يەڭگىل، ھەرىكىتى چاققان. قارشى تەرەپ تېگىپ بولغۇچە ئورغاق تەگكەن قوناقتەك يىقىلىپ بولىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى قەبىھ، ئۇسۇلى رەھىمسىز، مەقسىتى سۆيۈملۈك... ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز... 2000 - يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىتالىيەنىڭ تۈركىيەنى گۇرۇپپىدا قانداق يەڭگەنلىكىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار...
  ھەراست، يەنە تېخى جىلاردىنو ۋە ۋاراتار دىدامۇ مىلاندىكى ۋاقتىدا سۇغا سەكرەشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان، لېكىن بىرسىمىز بۇنى ئەخلاق نۇقتىسىغا چېتىپ يۈرمىدۇق...
   2. سۇغا سەكرەشنى بىۋاسىتە ئەخلاققا چېتىش تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس. رىقابەت تەنتەربىيەسى دېگەندە ئۇنداق - مۇنداق ھىيلە - مىكىر، ئانچە - مۇنچە رەڭۋازلىقمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، پۇتبولنىڭ قائىدىسىدىمۇ ئوخشاشلا سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. رېپىر سېزەلمىسە ئۇ ئۆزىنىڭ يولى. رېپىر سېزەلمەيۋاتقان نەرسىلەر ئازمۇ؟؟ ھېنرىنىڭ قول توپى، لامپاردنىڭ نويىرنى ئەخمەق قىلغىنى دېگەندەك... ئەگەر پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇنى ھەقىقەتەن پۇتبولغا يۈز كېلەلمەيدۇ دەپ قارىسا ياكى قىزىل كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇراتتى ياكى نەچچە مەيدان چەكلەيتتى... ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ماقۇللانغان قارارنى تېخى كۆرمىدۇق. قارىغاندا خەلقئارادا ئەخلاقنى تەرغىب قىلىدىغىنى، بۇ ساھەنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى بىز ئۇيغۇر مەستانىلار ياراتقاندەك تۇرىمىز....  
   بىز بۇنى ئۆزىمىزچە سېيىت نوچىدەك باتۇرلۇققا، ئەخلاققا چاتساق تازا توغرا بولماس. ئەجىبا ئەڭ ئاخىرىقى مۇداپىيەچىنىڭ ۋاراتارغا يەكمۇيەك قالغان قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىغا قەستەن ئېسىلىۋېلىپ يىقىتېۋىتىشى ئەخلاقسىزلىق ئەمەسمۇ؟ بۇنى ھەقىچان تاكتىكا دەيمىز. گەپ تاكتىكىدا ئەمەس، بىزنىڭ تاكتىكىنىڭ نېمىلىكىنى تونۇشىمىزدا...  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +80 يىغىش سەۋەبى
alhan + 10 قالتىس!
پەرۋەر + 50 ئىلمى باھا
رىپىر + 20 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:32:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:35:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 10:37
مېسسىمۇ ياش ۋاقتىدا خېلى سەكلەپتىكەن....

خېلى دېمەي ئازراق دېسىلە كۆڭۈلنى بۇزماي ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 11:58  
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 11:32
يۇقارقى كۆز قاراشلىرىغا كىچىككىنە كۆز قارىشىم.

- مىلد ...


  دېگەنلىرىڭىز توغرا بولدى... لېكىن، يۇقارقى تىزىملىكتە ئىنزاگىچىلىك داڭق قازىنالمىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇ ئېنتىر مەستانىسى يوق ئوخشايدۇ بۇ مۇنبەردە...
   ئەمەلىيەتتە، مەن سىزگە كۆرۈشكەندە دېگەندەك رونالدو بىلەن مېسسى بىزگە ھەم زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، ھەم پۇتبولنىڭ بۇرۇنقى قىزىقىنى يوق قىلدى...
   10 يىل مۇقەددەم: ئىنزاگى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 20 نەچچە توپ ئۇرۇپتۇ، شېۋىچىنكو 24 توپ ئۇرۇپتۇ دېسە ۋۇجججۇ، قانداق ئۇرغاندۇ دەپ، توختىماي ھېسابلاپ ھەيران قالتتۇق. ھېنرى، ۋان نىستېلروي، كېرىسپو، تېرىزىگوت، رونالدو، پىئېرو قاتارلىقلارنىڭ ئېگىز - تۆۋەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايتتى، ھەممىسىنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى ئاساسەن ئوخشايتتى، بىراق ئۇلارمۇ شۇ 20 - 30 توپنى ئاران ئۇرۇپ يۈرەتتى.  ھەي، گۈزەل چاغلار ئىدى. مادرىدتا چولپان كۆپ بولغىنى بىلەن مۇسابىقىدە داۋاملىق ئۇتىمەن دېيەلمەيتتى، چېمپىيونلۇق ئۇلاردىن يىراق ئىدى، بارسېلونا پاسنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئوينايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا كوماندىلار بىلەن پەرقى چوڭ ئەمەس ئىدى. مىلان، ئېنتىر، يۇۋېنتۇس ئىتالىيەنى بېشىمغا كىيىمەن دەپلا كىيەلمەيتتى... ئىنگىلاند كۇلۇبلىرىنىڭ پەرقىمۇ چوڭ ئەمەس ئىدى...   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:42:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
س لوناردو نىڭ بۇ تىزىملىكتە كىرمىگىنىگە ئەيرانمەن ```
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:49:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 11:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 12:02  
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 11:49
ھەر تىزىملىك، ھەرخىل تاراتقۇ، ئورۇنلارنىڭ ھەرخىلچە ش ...


  ھەي، قالتىس ئادەمتى دە...
  2000 - يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تۈركىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى ئاكام بىلەن كۆرگەنىدىم. نەتىجە تازا 1 دە 1 كېتىپ باراتتى... ئاكام ئېيىتتى: ئىنزاگى ئوتتۇرىغا چىقمىسا بىكار. ھېلى چەكلەنگەن رايوندا كېپىنەكتەك ھەرىكەتتىن بىرنى ئىشلەيدۇ، ۋاققىدە نۇقتا توپ كېلىدۇ، شاققىدە ئۇرىمىز، ئىتالىيە ئۇتىدۇ.
   راست، شۇ گەپنى قىلىپ تېخى 5 مىنۇت بولماي ئىنزاگى بەئەينى گۈللۈكتىكى كېپىنەكتەك ۋاللىدە قىلىپ قالدى، رېپىر نۇقتا توپ قويدى، تۈركىيەلىكلەر رېپىرغا يالۋۇرۇپ كەتتى، پايدىسى بولمىدى. ئىنزاگى تىلى بىلەن بارلىق كالپۇكىنى بىر يالىۋېتىپ قاسسىدە سالدى، 2 دە 1 ئۇتتۇق. مىلاندىمۇ ئاز ئەمەس كېسەل ئادەمدەك يۈرگەن ۋاقىتلىرى. ئەمما، غەلىبە ئۈچۈن، نۇقتا توپ ئۈچۈن رېپىر ئىشتىپ قويسىمۇ يالغان يىقىلاتتى،دە بۇ يېتىم. مەن ھەممىدىن مۇشۇ يېرىگە ئامراق.  


http://www.tudou.com/listplay/kt3rYZdg3gQ/6CxEvVR4MXc.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 12:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 21:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش