elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 719|ئىنكاس: 21

ئوتتۇرا مەيدان قوماندانى شابى ئالۇنسو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-15 17:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sensiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 17:14  

1.png

شابى ئالۇنسو، ئىسپانىيە پۇتبول تەنھەركەتچىسى.ئوتتۇرا مەيدان قوماندانى ھازىر گىرمانىيەنىڭ بەيرېن مىيۇنخىن پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىدۇ.
ئىلگىرى ئاكىسى مېركىل ئالۇنسو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ خانلىق جەمىيەت كوماندىسىدا توپ تەپكەن.2004-يىلى مەشقاۋۇل بېنتىس باشچىلىقىدكى لىۋىرپول كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ،2009- يىلى 8-ئايغىچە توپ تەپكەن ۋە 2009-يىلى 8- ئايدا ئىسپانىيەنىڭ خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن،2014- يىلى 8- ئايدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بىلەن مادرىدتىن ئايرىلىپ گىرمانىيەنىڭ بەيرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ھازىر شۇ كۇلۇبتا توپ تېپىۋاتىدۇ.
ئۇ بىر تېخنىكىسى مۇكەممەل يېتىشكەن توپچى، جەسۇرانە توپ تارتىۋېلىشلىرى،كەڭ دائىرىنى كۆزۈتۈپ تېزلىكتە مەيدان تەشكىللەش ئىقتىدارى، تېز سۈرئەتتە مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمغا قاتنىشىشى ئۇنى بىر مۇكەممەل بولغان ئوتتۇرا مەيدان قوماندانىغا ئايلاندۇرغان.
3.png
ئالۇنسونىڭ پۇتبولغا بولغان قىززىقىشى ئۇنىڭ ئاتىسى پۇينىك ئالۇنسو تەرەپتىن كەلگەن. چوڭ ئالونسو ئىلگىرى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى.پۇتبولچىلىق ھاياتىدا خانلىق جەمىيەت كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ۋە كۇلۇبقا ياردەملىشىپ 1980-1981 ۋە 1981-1982 يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان.
ئالۇنسو 1981-يىلى ئىسپانىيەدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئالۇنسو كىچىك تۇرۇپلا توپ تېپىشكە باشلىغان،ھەمىشە ئاكىسى بىلەن بىرگە باغچىغا بېرىپ توپ ئېلىپ مېڭىش، پاس تاشلاش قاتارلىق ماھارەتلەرنى مەشىق قىلغان.ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا شەھەردىكى كىچىك بىر كۇلۇبتا پۇتبولچىلىق ھاياتى باشلانغان. كېيىن ئاكىسى بىلەن بىرگە خانلىق جەمىيەت كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالىغان.
ئالۇنسو خانلىق جەمىيەت پۇتبول مەكتىپىگە كەلگەندىن كېيىن 1999-2000 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە تۇنجى قېتىم 12-ئاينىڭ 1- كۈنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىدا لوگرىنىس كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان.ۋە شۇ مۇسابىقە پەسلىدە جەمئى  14 قېىم مەيدانغا چىققان. 2001-2002 مۇسابىقە پەسلىدە C دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى ئەيبار كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلگەن ۋە ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن كېيىنكى پەسىل خانلىق جەمىيەت كۇلۇبى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن.

پۇتبولچىلىق ھاياتى
خانلىق جەمىيەت
2.jpg
ئالۇنسو 1999-2000 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان. -2002 مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسلىدە ئەيبار كۇلۇبىغا ئىجارە بېرىلگەن.2001- يىلى 1-ئايدا دەرىجە چۈشۈش رايۇنىغا بېرىپ قالغان خانلىق جەمىيەت كوماندىسىنىڭ يېڭى مەشقاۋۇلى ئىلگىرى لىۋۇرپول كۇلۇبىدا توپ تەپكەنJohn Toshack ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن.ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق ئىشەنچە قىلىپ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئالۇنسوغا كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى بېرىپ كۇلۇبنى يېتەكلەپ دەرىجە ساقلاپ قېلىشنى ئۈمۈد قىلغان.دېگەندەك شۇ يىلى ئۇلار دەرىجە ساقلاپ قېلىپ كۇلۇب يۇقۇرى قاتلىمىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.19ياشقا كىرگەن بۇ كاپىتاننىڭ قوماندانلىق تالانتىغا قايىل بولغان.
2002-2003 مۇسابىقە پەسلىدە تالانتىنى ھەقىقى تۈردە نامايەن قىلىشقا باشلىغان ۋە خانلىق جەمىيەت كوماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەزاسىغا ئايلانغان. شۇ يىلى بىرلەشمە لوڭقىسىدا چولپانلار يېغىلغان خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان يەنى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئېلگىركى دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدا تەمتىلەپ يۈرگەن خانلىق جەمىيەت كوماندىسىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان. كېينكى يىلى ئالۇنسو كوماندىنى باشلاپ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئاتلانغان ۋە گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ يۇۋېنتىس،غەلىتە ساراي، ئولىمپىياكىس قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 2 ئۇتۇپ 3تەڭلىشىپ 1 يېڭىلپ ئوڭۇشلۇق ھالدا 16 كۈچلۈككە كىرگەن ۋە لېئون كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ 2-0 نەتىجە بىلەن شاللىنىپ كەتكەن.
u=2815769441,278919710&fm=21&gp=0.jpg
ياش ۋاقتىدا نام چىقارغان نۇرغۇن چولپانلارغا ئوخشاش ئالۇنسو ئۆزىنى ياراملىق توپچى قىلىپ چىققان كوماندىسىغا ھەمدم بۇلۇپ شان شەرەپ قازانغۇسى بولسىمۇ لېكىن مادرىد، مانچىستىر، لىۋىرپول قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ باھا قويىشى بىلەن يۆتكۈلۈش بازىرىدىكى قىززىق نوقتىغا ئايلاندى.كېين مەشقاۋۇل بېنتىسنىڭ سەمىمىيىتى ۋە لىۋىرپولنىڭ تارىخى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن.ئۇنىڭ خانلىق جەمىيەتتىن لىۋۇرپولغا بارىدىغىنى ئېنىق بولغاندا توپ مەستانىلىرىگە ئۆزىنىڭ قەيەردە بولىمىسۇن ھەر ۋاقىت خانلىق جەمىيەت بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، مەدەت بەرگەن ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى توغرۇلۇق خوشلىش خېتى يېزىپ ئېنگىلادقا ئاتلانغان.
8a94427424539f9ee1fe0baf.jpg
لىۋىرپول
20120624111432_93133.jpg

2004-يلى 8-ئايدا 10 مىلىيون 500 مىڭ فونىسترلىڭ باھا بىلەن لىۋىرپولغا قوشۇلدى.2004-يلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى بولتون بىلەن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقتى. ئېنگىلاد بىرلەشمىسىدە تۇنجى توپىنى 2004-يلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى خوفىنھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىختىيارى توپ ئۇردى.ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 2-0 كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا كېيىنكى مەيدان ئالۇنسو مەيدانغا چىقتى ۋە تېز سۈرئەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىشى بىلەن 4-2 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇب قىلدى.

3b292df5e0fe9925a847d9cc34a85edf8cb171e6.jpg
گەرچە ئېنگىلادقا نىسبەتەن يېڭى بولسىمۇ لېكىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆلچەملىك ئۇزۇن پاسلىرى ۋە ئۇنۈملۈك مۇداپىئەلىرى بىلەن تېزلا باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بولۇپ قالدى.2005-يىلى چېلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە لەمپارد نى مۇداپىئە قىلىش جەريانىدا ئوشۇقى يارلىنىپ ئۈچ ئاي ئارام ئېلىشقا بۇيرۇلغان، لېكىن ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ساقىيىپ ئۇزغۇنلۇقنىڭ يۇۋېنتىس بىلەن بولغان ئىككىنچى ئۇچرۇشىشىدا مەيدانغا چۈشكەن ۋە جېرراد كەم بولغان ئەھۋال ئاستىدا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنى تولۇق ئويناپ ئۈنۈملۈك مۇداپىئەسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونى بىلەن 0-0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ ئۇلارنى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىرىپ تۆت كۈچلۈكتە چېلسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن شاللاپ تارىخ بېتىگە يېزىلغان ئىستانبۇل كېچىسى دىكى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.
331a2934349b033bd31e2ad916ce36d3d439bdd4.jpg
2005-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نەتىجە 3-2 بولغان ئەھۋال ئاستىدا لىۋۇپولغا بىر نوقتا توپ كېلىدۇ ۋە بۇ توپنى تېپىش ۋەزىپىسى ئالۇنسوغا يۈكلىنىدۇ، ئەينى چاغدىكى ئەڭ قالتىس ۋارتار بولغان دىدا ئالۇنسونىڭ توپىنى توسىۋالىدۇ لېكىن ئالۇنسۇ چاققانلىق بىلەن قايتا تېپىپ، توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ شۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتىغا ئايلىنىپ ئېنگىلادقا كەلگەن تۇنجى يىلىلا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ.
914.jpg se081006047.jpg
2006- يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئايلانمىسىدا لىۋۇرپول 3-1 كەينىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئالۇنسو يۇقىرى سەۋىيەلىك توپتىن ئىككىنى ( 40مېتىر ئارلىقتىن بىرنى ، يېرىم مەيدان 60 مېتىر ئارلىقتىىن بىرنى) ئۇرۇپ كوماندىنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى مۇھىم شەخىس بۇلۇپ قالغان.2006-يلى نىيۇكاستىل بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ 60 مېتىر يىراقلىقتىن يۇقارقىغا ئوخشاش يۇقىرى سەۋىيەلىك توپتىن بىرنى ئۇرغان.
55000060_2.jpg
2007-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كونا رەقىبى AC مىلەن بىلەن تۇتۇشقان ۋە ئالدىنقى مەيدان مۇقىم بولغان ئىپادىسى بىلەن مىلان شاھزادىسىنى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلىپ پۇرسەت بەرمىگەن بولسىمۇ يەنىلا 2-1 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان.
Img247739241.jpg
ئالۇنسونىڭ ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلىپ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قىلىشى بىلەن لىۋۇرپول نۇرغۇن شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن زەردارلانىڭ ئالۇنسوغا كۆزى چۈشكەن،بولۇپمۇ خانلىق مادرىد.لېكىن ئالۇنسونىڭ جېرراد قا ئوخشاش كۇلۇپ بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك توختام ئىمزالىغۇسى بولسىمۇ لېكىن كېىيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن 2009-يىلى يازدا خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان.
خانلىق مادرىد
65010318.jpg
2009-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 30مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن خان مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلۇپ سامان يولى جەڭ كېمىسىدىكى ھاياتى باشلاندى.ۋە تېزلا كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسىغا ئايلىنىپ مورىنئونىڭ سەپ شەكلىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەزاغا ئايلاندى ۋە كۇلۇبقا ياردەملىشىپ 2011-يىلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، 2012-يىلى ئارزۇيىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا،2014-يىللىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ۋە شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتى.
15728492_005143.jpg
ئالۇنسونىڭ 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدىكى نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان بولۇپ،2011-يىللىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا بارسېلوناغا بىر توپ ئۇرۇپ 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىشكە ياردەملەشكەن.شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئاساسلىق بولۇپ 4694 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ رونالدو ۋە كاشىلىياستىن قالسىلا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ماھىر بۇلۇپ قالغان ۋە 100 نۇمۇر ئېلىپ چېمپىيون بۇلۇشتەك قالتىس نەتىجە بىلەن توپچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.
گەرچە مادرىد مەستانلىرى ئۇنىڭ مەڭگۈ مادرىد ئۈچۈن توپ تېپىشىنى خالىسىمۇ لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بىلەن 2014-يىلى 8- ئايدا مادرىدىتىن ئايرىلىپ گىرمانغا قاراپ يولغا چىققان.
20100820083323243.jpg
بايرېن مىيۇنخېن
Img403968535.jpg
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى بەيرېن كۇلۇبى ئورگان تورىدا ئالۇنسونىڭ يۆتلىلىش ئىشنىڭ مادرىد بىلەن بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، بەيرېن كۇلۇبىغا رەسمى قېتىلغانلىقنى ئېلان قىلدى.ئۇنىڭ يۆتكىلىشى 5مىلىيون ياۋرودىن 10مىلىيون ياۋروغۇچە بۇلۇپ يىللىق مۇئاشى 10مىلىيون ياۋرو ئەتراپىدا.
2014-يىلى9-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيە بىرلەشمىسنىڭ 6-ئايلانمىسىدا ئالۇنسو گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە رېكورت ياراتتى يەنى پۈتۈن مەيداندا 206قېتىم توپ بىلەن ئۇچرۇشۇپ، بەش چوڭ بىرلەشمىدە بۇرۇن 2014-2015 مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزى ياراتقان (ئالدىنقى ئايلانمىدا ئوينىغان مۇسابىقىسى) 168قېتىم توپ بىلەن ئۇچراشقان رېكورتىنى يېڭىلىدى.ئۇنىڭ پاس يەتكۈزۈشى 196قېتىم، توغرا پاس بەرگەن قېتىم سانى 175 قېتىمغا يېتىپ گىرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە بەش چوڭ بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيداندا ئەڭ كۆپ ئۆلچەملىك پاس بىرىش نەتىجىسىنى ياراتتى.
110148202.jpg
دۆلەت كوماندىسى
U7084P1196DT20120624083831.jpg
ئالۇنسو ئىلگىرى 21 ياشلىقلار كوماندىسىدا مەشقاۋۇل 塞斯 نىڭ ئامراق شاگىرتى بولۇپ، خانلىق جەمىيەت كوماندىسىدىكى تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ 2003 يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان.21ياشلىق ئالۇنسو تۇنجى قېتىم ئىسپانىيەنىڭ ئېكۋادور بىلەن بولغان دوسلۇق مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىقىپ رەقىبىنى 4-0 نەتىجە بىلەن يېڭىشىغا ياردەم قىلغان.
Img3885746_f.jpg
2004-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئالۇنسو تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇھىم بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان، گۇرۇپ مۇسابىقىسى روسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 58مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىپ 1-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇب قىلغان. كېىين پورتۇگالىيە بىلەن بولغان ھايات-ماماتلىق جەڭدە 90 مىنۇت تولۇق ئويناپ نەچچە قېتىم خەتەرلىك پاسلارنى تاشلاپ ئۆزىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى تالانتىنى تولۇق نامايەن قىلغان لېكىن مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ داۋاملىق تالانتىنى نامايەن قىلىشقا پۇرسەت بولمىغان.ئىككى يىل ساقلىغاندىن كېىين 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدا خاۋىينىڭ بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن چىقارغان پېسىنى ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ رەقىبىنى مەغلۇب قىلىشقا تۆھپە قوشقان،ئىككىنچى ئايلانما تۇنىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئالۇنسۇ ھەم مۇداپىئە ھەم ھۇجۇم تەشكۈللىگۈچىلىك رولىنى ئالغان ۋە رائۇل، توررىس لار بىلەن بىرلىكتە مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرغان، مۇسابىقىدىن كېيىن خەلقارا پۇتبولچىلار جەمىيتى مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى توپچى مۇكاپاتىنى ئالۇنسۇغا بەرگەن.كېىين سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدا فىرانسىيە تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تۇنجى دۇنيا لوڭقىسى مۇشۇنداق ئاياغلاشقان.
u=945237182,226574738&fm=21&gp=0.jpg
ئارىدىن 2 يىل ئۆتۈپ 2008-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق ئەزا بولالمىغان بولسىمۇ لېكىن تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن كوماندىغا ياردەملىشىپ 44يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئىسپانىيەنى ياۋرۇپا چېمپىيونى قىلغان.
01300000432220133896228937408.jpg
2010-يىلى جەنۇبى ئافىرقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قېرى مەشقاۋۇل بۇسىك نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئالۇنسو ئاساسلىق ئەزا بولۇپ خاۋىي بىلەن بىرگە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مېڭىسى بۇلۇپ ئۈنۈملۈك مۇداپىئەسى ۋە ھۇجۇم تەشكىللەشلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغىچە كىرىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىغا كەلگەندە گوللاندىيە كوماندىسى ئەزاسى دېروڭنىڭ پۇتى تېگىپ كىتىپ مەيدان چۈشۈپ كەتكەن، گەرچە مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن سەبداشلىرى ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىپ ئىسپانىيەنى تۇنجى دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى قىلغان.
U7880P1545DT20140613143707.jpg
2012-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئالۇنسو،خاۋىي،ئىنىستادىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇرا مەيدان قوماندانلىرى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ باشقا كوماندىلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىغا چوڭ ياردىمى بولغان. تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئالۇنسونىڭ ئىككى توپى بىلەن فىرانىسىيە كوماندىسىنى شاللىغان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالۇنسونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى بىلەن ئىتالىيە كومانىدىسىنى 4-0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ يەنە بىر قېتىم لوڭقا كۆتۈرۈپ ئىسپانىيەنىڭ تارىخ بېتىگە يېزىلغۇدەك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
u=2076195422,1724418245&fm=21&gp=0.jpg
2014-يىلى 8-ئاينىڭ29-كۈنى بۇ قوماندان ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن رەسمى چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تېخنىكا ئالاھىدىلىكى
ۋارتارغا تېپىش: 8 نومۇر
ئايسىمان توپ تېپىش بىلەن ئىختىيارى توپ تېپىش  بولسا ئۇنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى،توپ ئېلىپ مېڭىپ توپ ئۇرۇشلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ بىراق پۇرسەت بولسىا ھەرگىز ئىسراپ قىلمايدۇ.
پاس بېرىش: 9 نۇمۇر
يۇشۇرن كۈچى قالتىس، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ مەيلى ئۇزۇن مەيلى قىسقا پاس بولسۇن ناھايىتى ئۆلچەملىك.
توپ ئېلىپ مېڭىش: 7 نۇمۇر
گەرچە ئۇنىڭدا رونالدودەك تېزلىك، مىسسىدەك ماھارەت بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىن توپ تارتىۋېلىش ئاسان ئىش ئەمەس.
تېزلىك: 6 نۇمۇر
گەرچە تېزلىكى ئانچە تېز بولمىسىمۇ لېكىن ئۆزىنىڭ پاس تاشلاش ماھارىتى بىلەن كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنى تېزلىتىدۇ، يەنى ئۇنى كوماندىنىڭ تېزلەتكۈچىسى دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئىرادىسى: 9 نۇمۇر
ھەر خىل ئىسسىق سوغۇق، ئستانبۇل كېچىسى،2014-يىللىق ئۇزغۇنلۇق قاتارلىق مۇسابىقىلەردىن ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ 2014-يىللىق ئۇزغۇنلۇققا بۆسۈپلا كىرىپ كەتكەن.
كەسپى ھاياتىدىكى سانلىق-مەلۇماتلار
لوڭقا مۇسابىقىسى
مۇسابىقە پەسلى        كۇلۇب        دۆلەت ئىچىدىكى لوڭقا مۇسابىقىسى        مەيدانغا چىققان سانى        ئۇرغان توپى
2010-2011        مادرىد         شاھلىق لوڭقىسى        8        2
2009-2010        مادرىد        شاھلىق لوڭقىسى        6        1
2005-2006        لىۋۇرپول        ئۇيۇشما لوڭقىسى        5        1
2004-2005        لىۋۇرپول        دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى        5        0

كۇلۇب يۆتكەلگەن مەلۇماتلار



QQ图片20141215171324.png
ئېرىشكەن شەرەپلىرى
لىۋۇرپول
2006-يىلى : 2005-2006 مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگىلاد ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونى
              2005-2006 مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگىلاد رايۇن قالقىنى چېمپىيونى
2005-يىلى : 2004-2005 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى
              2004-2005 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى
مادرىد
2014-يىلى؛  2013-2014 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى
               2013-2014 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونى
2013-يىلى : 2012-2013 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
2012-يىلى:  2011-2012  مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى
2011-يىلى : 2010-2011 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىس چېمپىيونى
دۆلەت كوماندىسى
2012-يىلى :  2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى چېمپىيونى
2011-يىلى :  2011-يىللىق《GQ》 يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى مۇكاپاتى
2010-يىلى :  2010- يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى
2009-يىلى ؛  قىتئەلەر لوڭقىسىدىكى كۈمۈش شاھ
2008-يىلى : 2008-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى چېمپىيونى
مەيدان سىرتىدىكى تۇرمۇشى
قىززىقىشى: بېلىق تۇتۇش، ئۆزى تاماق ئېتىش.(چۈنكى ئىلگىرى ئېنگىلاندنىڭ يېمەكلىكلىرىگە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن)
كەسپى: ئىقتىسادشسۇناسلىق ، ئېلگىرى ئېنژىنىرلىقتا ئوقۇغان ئالۇنسو توپ تېپىش بىلەن بىرگە كەسپىنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقتىن كېيىن  ئىقتىسادشسۇناسلىققا ئالماشقان.
ياقتۇرىدىغان فىلىملرى: ئۇ بىر كىنو مەستانىسى بولۇپ ئۇ ياقتۇرىدىغان فىلىملەردىن تېز قېچىش، شېرىن تۇرمۇش، كاسابلانكا قاتارلىقلار بار.
نىكاھ تۇرمۇشى: ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا بەخىتلىك تۇرمۇشى بار، ئۇنىڭ ئايالى Nagore  ئۇنىڭدىن بەش ياش چوڭ بۇلۇپ، گەرچە باشقىلارنىڭ ئايالىغا ئوخشاش چىرايلىق بولمىسىمۇ لېكىن ئۆزى خاس گۈزۈللىكى بولغان بىر ئايال.بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇ ئالۇنسوغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ مەيدانغا بېرىپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ ئۇنى قوللاپ كەلگەن بىر ئايال.ئالۇنسومۇ ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەيلەيدىغان ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ھازىرغىچە ئىككىسىنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغانلىق خەۋەرلىرى چىقىپ باققىنى يوق.ئۇلار 2009-يىلى رەسمى ھالدا توي قىلىپ ئەر-خوتۇن بولغان.
4.jpg
خوجاينغا ئايلىنىشى: 2001-2000 مۇسابىقە پەسلىدە ئەيبارغا ئىجارە بىرىلگەنلىكىنى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. 2005-يلى ئەيبار كۇلۇنى ماليە قىيىنچىلىقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئالۇنسو كۇلۇبنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىپ كۇلۇبنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان.
قىززىقمايدىغان ئىشى: ئالۇنسو باشقا چولپانلارغا ئوخشاش پارقىراپ تۇرىدىغان مودا نەرسىلەر بىلەن خۇشى يوق بولۇپ پەقەت ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ماس كەلگەن ئاددى ساددا كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
تەلەپ قىلغان ئىشى: ئالۇنسو توي قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۆزى مەشقاۋۇل بېنتىسقا تېلىفۇن قىلىپ لىۋۇرپولنىڭ باھانى تۆۋەنلىتىپ ئۆزىنى قۇيىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە 47مىلىيون ياۋرو باھانى 35 مىلىيون ياۋروغا چۈشۈرگەن.
باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقانلىرى
سېئاز:  ئۇنىڭ توپ ئېلىپ پاس تاشلاشلىرى ئادەمنى تېخىمۇ خۇمار قىلىدۇ.
لېۋۇرپولدىكى سەبدىشى كارراگېل: پاس تاشلاش جەھەتتە ياۋرۇپادا ئۇنىڭغا يېتىدىغىنى يوق.
ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سايىس: 2003-يىلى ئۇنى كوماندىغا قۇبۇل قىلغاندا كېينكى 10 يىلدا ئالۇنسو ئىسپانيە كوماندىسىنىڭ چوڭ مېڭىسى بولىدۇ دېگەن، ئۇنىڭ قارىشىچە ئالۇنسونىڭ ھەر خىل پاس بېرىش، كۆزىتىش ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە ئەمەس، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى بولسىلا ھەر قانداق كوماندىدىن غالىب كېلەلەيدۇ.
روداندو: ئۇ مىنىڭ ئېلگىركى پاسچى سەبدېشىمغا بەك ئوخشايدۇ،
بېنتىس: ئۇ كوماندىغا ياردەملىشىپ نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى.چۈنكى ئۇنىڭدا شۇنداق قابىلىيەت ۋە مەسئۇلىيەت بار.
مورىنئو: مەيلى مەيداندا ياكى كىيم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بولسۇن ئۇ بىر  节拍器  (نىمە مەنىسى بارلىقى بىلەلمىدىم).
Sensiz يەنى مەن : ئۇ بىر ھەقىقى ئوتتۇرا مەيدان قوماندانى، قەلبىمدىكى ئەڭ ياحشى ئارقا بەل توپچىسى.

237-140Q31626331Y.jpg




ئاخىرىدا قەلبىمدىكى بۇ چولپاننىڭ كېيىنكى ئىشلرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تېلەيمەن.

تاماملاندى
يازغۇچى بۇرۇنقى چۈش ھازىرقى  sensiz

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 50 نادىر تىما
پارتىزان + 50 نادىر تېما !
تۈمەن + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 20:00:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sensiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 19:53
بىر جاپادا يازسام بوغدا بۇرادەر بۇرۇن يېزىپ بولغان تې ...


ھېچنىمە بولمايدۇ ، بىر ئادەمنى تۇنۇشتۇرۇپ يازغان بولغاندىكەن نۇرغۇن مەزمۇنلار ئوخشاش چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ، لىكىن مىنىڭچە ھەر ئىككىسىنىڭ خاسلىقى بار ، بۇرۇن ئالونسۇ تۇنۇشتۇرۇلغان دىگەن گەپ بۇ تىمىنى نادىرلاشقا تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ دەپ قارايمەن

كاكانى تۇنۇشتۇرۇپ يېزىلغان تىمىلار خېلى بار ، ھەممىسى دىگۈدەك نادىرلانغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 19:51:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما دىگەن مۇنداق بولمامدۇ مانا ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنۇ تىمىنى نادىرلاپ قۇيۇشىنى سۇرايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 19:21:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ توغرىسىدىكى نادىر تىما مۇنبەردىلا بارغۇ.  كەمىنە يازغان
/forum.php?m ... 1904&highlight=ئوتتۇرا%2Bمەيدان%2Bماتورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، نادىر تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:49:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلەشكە لايىق توپچى نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:53:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ، ئالۇنسۇنىڭ مۇداپىيەسى بىلەن ئۈزۇن پاسلىرىغا كۈيىمەندە ، مادرىتىكى چاغدا مارسىلۇنىڭ ئوروننى تۇلۇقلاپلا ئۈتۈپ كىتەتتى،،،،،،،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:53:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى توپچى بۇ...........!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:02:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:20:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدتىن كىتىپ چاتاق قىلدى دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:20:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما

بەيرىن ئەرزان ئېلىۋالدى ئۇنى، يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئىپادىسىدە كۆرۈنەرلىك چېكىنىش يۇق،خېلى تۇراقلىق كېتىپ بارىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالونسو بىلەن ماسچىرانودىن ئايرىلغان  لىۋىرپول خېلى يىللارغىچە ھوشىنى تاپالماي يۈرگەن بىر چاغلاردا !  ھەقىقەتەن ياراملىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى !  ئەسلى يەنە ئىككى پەسىل تۇتۇپ قالىدىغان ئىشتى مادرىدتا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس نوچى ماتۇر ھەم ئارقا پولات تام ئىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتتىن كەتكەندە كۆڭلۇم شۇنداق يرىم بولغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالونسۇغا ھۆرمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش