akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1073|ئىنكاس: 49

ۋىلىش شاھزادىسى- بىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-15 16:59:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 17:54  

1.jpg
ھەممىمىزگە ئايان بولغۇنىدەك 2013-يىلى يازدا بىل يۆتكۈلۈش بازىرىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ، ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى توتتىنھام رىس كۇلۇبىدىن ئىسپانىيە زەردارى
خانلىق مادرىدقا يۆتكەلدى. بىل مادرىدقا يۆتكەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يارا سەۋەبىدىن ئىپادىسى ياخشى بولماي قالدى، كىيىن بىل ساقىيىپ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بىلنى  ‹ ساختا مال › دىگۈچىلەرگە بىر كاچات سالدى.
تۆۋەندە بىز ۋىلىش خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى بىل بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

تونۇشتۇرلىشى؛
ئىسمى- گارىس-بىل       ئىنگىلىزچە - Gareth Frank Bale
ئىگىزلىكى- 186 سانتىمىتىر          ئىغىرلىقى- 74 كىلوگىرام
يەنە بىر نامى- ۋىلىش شاھزادىسى           لەقىمى- ئەۋلىيا ئەزەم، سۈنۋۇكۇڭ
تۇغۇلغان ۋاقتى- 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى               تۇغۇلغان يىرى- ۋىلىش، كاردىف شەھرى

ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى
بىل 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋىلىشنىڭ كاردىف شەھرىدە تۇغۇلغان. بىلمۇ باشقا پۇتبۇلچىلارغا ئوخشاش تۇغما پۇتبۇل تالانتىغا ئىگە ئىدى، ئۇ باشلانغۇچ ۋاقتىدىلا
كاردىف شەھرى كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا كىرگەن، ئۇنىڭ ئوڭ پۇت تىخنىكىسى ياخشى بولۇپ، كىچىكىدىلا توپ ئىلىپ مىڭىش سۈرئىتى تىز ئىدى.
9 ياش ۋاقتىدا كاردىف شەھرى كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان 5 كىشلىك پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە بىل ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن جەنۇبى ئامپتۇن كۇلۇبىنىڭ دىقىتىنى تارتقان.
تولۇق ئوتتۇراغا چىققان ۋاقتىدا بىل كالتەك توپ، زەيتۇن توپ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش،پۇتبۇل قاتارلىق تەنھەركەت تۈرلىرىدە ئالاھىدە تالانتقا ئىگە ئىدى، بولۇپمۇ پۇتبۇلدا.
ئەينى ۋاقىتتا بىل مەكتەپ كوماندىسىنى يىتەكلەپ، كاردىف شەھرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەبلەر ئارا پۇتبۇل مۇسابىقىسىدا چېمپىيونلىققا ئېرىشكەن.
xiao.jpg

كەسپى ھاياتى
بىل 16 ياش ۋاقتىدىلا ۋىلىشنىڭ داڭلىق پۇتبۇل چولپىنى گىگىس بىلەن سىلىشتۇرىلاتتى. 9 ياش ۋاقتىدىلا جەنۇبى ئامپتۇن كۇلۇبىنىڭ سۈنئى ھەمرا تەربىيلەش كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنغان. 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 16 ياش 275 كۈنلۈك بولغان بىل جەنۇبى ئامپتۇن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2005-2006- مۇسابىقە پەسلىلىك ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە بىر ئىختىيارى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بىرلەشمىدىكى
تۇنجى توپىنى كىرگۈزىدۇ. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بىل جەنۇبى ئامپتۇن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىلەردە 5 توپ ئۇرىدۇ.
0824ab1ris.jpg

2007-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى توتىنھام رىس كۇلۇبى، مانچېستېر بىرلەشمىسى، ئارسىنال قاتارلىق زەردارلارنى مەغلۇپ قىلىپ 5 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن يىڭى چولپان بىلنى قوشۇۋالدى.
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىل توتتىنھام كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
9-ئاينىڭ 1-كۈنى فۇلھام كوماندىسى 3-3 نەتىجىدە تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە بىل توتتىنھام كوماندىسىدىكى تۇنجى توپنى ئۇرىدۇ. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
بىرمىڭھام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يارلىنىپ، شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن بالدۇرلا خوشلىشىدۇ.
2007-2008-پەسىللىك مۇسابىقىدە بىل توتتىنھامغا ۋاكالىتەن 12 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرۇشتەك خىلى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.
res.jpg

2008-يىلى 8-ئايدا كۇلۇب بىلەن يىڭىدىن 4 يىللىق توختام ئىمزالايدۇ. توتتىنھام كوماندىسى بىلنىڭ يارىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى زاپاس ئەزا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.بىل زاپاس ئەزا سالاھىتىدە 24 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىرمۇ توپ ئۇرالمايدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئىشنى ‹ بىلنىڭ قارغىشقا ئۇچۇرىشى › دەپ ئاتايدۇ.
2009-يىلى 9-ئاينڭ 26-كۈنى بېرىنلى كومانسىنى 5-0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىدا بىل زاپاس ئەزا سالاھىتىدە مەيدانغا چىقىپ 1 توپ ئۇرىدۇ،كىيىنكى ئايلانمىدا لېۋىرپۇل بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر ئىختىيارى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشىغا تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

2010-يىلى توتتىنھام كوماندىسىدىكى ئاساۋ-ئىكوتو كامىرون كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئافرىقا لوڭقىسىغا قاتناشقىلى كامىرونغا كىتىدۇ، بۇ بىل ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت
بولۇپ قالىدۇ. بىرلەشمە لوڭقىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا بىل ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ 4-0 نەتىجىدە پىتىربۇرگ كوماندىسىنى يىڭىشتە كۈچ چىقىرىدۇ. كەينىدىنلا
ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمىدىكى فۇلھام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇرۇپ، 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بىلمۇ ئاساسلىق ئەزا بولۇشنىڭ
راھىتىنى كۆرىدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە بىلنىڭ تىخنىكىسى تىخىمۇ پىشىپ يىتىلىدۇ. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئارسىنال بىلەن بولغان لوندۇن دىربىسىدا بىل 1 توپ
ئۇرۇپ، توتتىنھام كوماندىسىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن ئارسىنالنى مەغلۇپ قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.
ئۈچ كۈندىن كىيىن چىلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىل يەنە 1 توپ ئۇرۇپ، توتتىنھام كوماندىسىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن چىلسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.
2010.jpg

2010-2011-مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپ بىل بەكلا تىز ئىلگىرلەيدۇ. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بىل بىرلەشمىدە 2 توپ ئۇرۇپ، كوماندىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن سىتوك شەھرىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ئالاھىدە كۈچ قوشىدۇ. 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇزغۇنلۇقنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى خەلقئارا مىلەن
بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توتتىنھام كوماندىسى 3-4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىل بۇ مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرۇپ، قالپاق ئويۇنى ئوينايدۇ.
2011-2012-مۇسابىقە پەسلى بىل ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 10 توپ ئۇرۇپ، 12 ياردەمچى پاس چىقىرىدۇ.
2012-2013--مۇسابىقە پەسلى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 39 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ ئۇرۇپ، 8 ياردەمچى پاس چىقىرىدۇ.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى خەلقئارا مىلەن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىل 2 توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنىڭ 3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلىشىغا
ھەمدە 2010-يىلىدىكى قىساسنى ئىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

2013.jpg
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى خانلىق مادرىد ئورگان تورىدا بىلنى قوشۇۋالغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ بىلەن 6 يىللىق توختام ئىمزالىغىنىنى ئىلان قىلىدۇ.
مادرىد تەرەپ بىلنىڭ يۆتكىلىش باھاسىنى 91 مىليون ياۋرۇ دەپ ئىلان قىلىدۇ. لىكىن ئەنگىلىيە ‹ سۈنئى ھەمرا خەۋىرى › ئۇنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 100مىليون ياۋرۇ،
رونالدونىڭ 94 مىليون ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش باھاسىنى بۇزۇپ تاشلىدى دەپ خەۋەر بىرىدۇ. بىراق ‹ ماركا گىزىتى › بىلەن ‹ ئا س گىزىتى › بىلنىڭ يۆتكىلىش ھەققىنى
91 مىليون ياۋرۇ دەپ ئىلان قىلىدۇ.
بىل مادرىدقا قوشۇلغان دەسلەپكى مەزگىل يارا سەۋەبىدىن ئىپادىسى تازا ياخشى بولمايدۇ.ھەمدە ‹ ساختا مال › دەپ قارىلىدۇ. لىكىن يارىسى ساقايغاندىن كىيىن قالتىس
ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ساختا مال ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.
2013-يىلى بارسىلونا كۇلۇبىمۇ نىيمارنى قوشۇۋالغان بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى بىل بىلەن نىيمارنىڭ يىڭى كۇلۇبتىكى دەسلەپكى يىرىم پەسىللىك نەتىجىسىنى سىلىشتۇرۇپ چىقىدۇ.
بىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 788 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ 8 توپ ئۇرۇپ، 4 ياردەمچى پاس چىقارغان، ئۇزغۇنلۇق بىلەن شاھلىق لوڭقىسىدىكى ۋاقتىنى قوشسا بىل
1255 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ 10 توپ ئۇرۇپ، 7 ياردەمچى پاس چىقارغان.
نىيمار ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، ئۇزغۇنلۇق، شاھلىق لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە 1843 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ، 11 توپ ئۇرۇپ، 10 ياردەمچى پاس چىقارغان.
ھىسابلاپ كەلگەندە بىل ھەر 74 مىنۇتتا 1 توپ ئۇرغان. نىيمار 88 مىنۇتتا 1 توپ ئۇرغان. بىلنىڭ ئۈنۈمى نىيمارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان.
بىل مادرىدتىكى بىرىنچى پەسلى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىدە 39 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 21 توپ ئۇرۇپ، 16 ياردەمچى پاس چىقارغان.
madrid.jpg


دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەھۋالى
161658qfnzhllirkukzbig.jpg

2006-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى16 ياش 315 كۈنلۈك بولغان بىل ۋىلىش بىلەن توباگو كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ تۇنجى قىتىم دۆلەت
كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئەڭ ياش مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر بولۇپ قالغان.
2011-يىلى 2-ئايغىچە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 27 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 3 توپ ئۇرغان.
ۋىلىش چولپىنى گىگىس پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەندىن كىيىن پۈتۈن ئېنگلاند خەلقى بىلنى گىگىسنىڭ ئىز باسارى دەپ قارىماقتا.


تىخنىكا ئالاھىدىلىكى؛
ھوجۇم قىلىش ئالاھىدىلىكى- 9 نومۇر
بىل سول ھوجۇمچى، لىكىن ئوڭ ۋە ئوتتۇرا ھوجۇم، ئالدى بەل، ئارقا بەل، مۇداپىيە ھوددىسىدىنمۇ چىقالايدۇ. ئىختىيارى توپ تىپىش ئالاھىدىلىكىمۇ ياخشى.

توپ يەتكۈزۈش- 9 نومۇر
بىلنىڭ توپ يەتكۈزۈش ئۈنىمىمۇ ياخشى بولۇپ، توتتىنھام ۋە مادرىدتىكى ۋاقتىدىمۇ يەتكۈزگەن توپلىرىنىڭ ئۈنىمى يۇقىرى بولغان.

توپ ئىلىپ مىڭىش- 9 نومۇر
بىلنىڭ توپ ئىلىپ مىڭىش ماھارىتى ياخشى بولۇپ، توتتىنھام ۋە مادرىدتىكى ۋاقتىدا چەبدەس ھەركەتلىرى بىلەن توپنى ئىلىپ مىڭىپ ۋە يەتكۈزۈپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

سۈرئەت- 10 نومۇر
بىلنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەچىلىرى يىتىشەلمىگىدەك سۈرئەتكە ئىگە.

كاللا توپ- 8 نومۇر
بىل 2012-يىلدىن باشلاپ كاللا توپ ئۇرۇشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرقى كاللا توپ ئىقتىدارى خىلىلا ياخشى.


ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى ( كۇلۇب )
جەنۇبى ئامپتۇن
2006-يىلى ئېنگلاند ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

توتتىنھام رىس
2008-يىلى بىرلەشمە  لوڭقا چېمپىيونى
2009-يىلى بىرلەشمە  لوڭقىدا ئىككىنچى

خانلىق مادرىد
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى  شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى   ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونى
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى   ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى

ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى ( شەخىس )
2007-يىلى ئېنگلاند PFA ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى مۇكاپاتى
2007-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى
2007-يىلى ۋىلىش پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى
2009-2010-مۇسابىقە پەسلى توتتىنھام كۇلۇبىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى
2010-يىلى ۋىلىشنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى
2010-يىلى BBC تەرىپىدىن ۋىلىش تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخىس مۇكاپاتى
2011-يىلى ۋىلىشنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى
2012-2013-مۇسابىقە پەسلى  ئېنگلاند PFA تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى
2012-2013-مۇسابىقە پەسلى  ئېنگلاند PFA تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى مۇكاپاتى
2013-يىلى  ۋىلىشنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى
2014-يىلى ۋىلىش پۇتبۇل ئەپەندىسى
rasim.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +250 يىغىش سەۋەبى
ھەمراھ + 50 ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ي.
پەرۋەر + 50 ئەجىرلىك تىما بوپتۇ
shemsherwaz + 50 قالتىس!
سەۋدا + 50 قالتىس!
پارتىزان + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 18:22:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىلىش چولپىنىنىڭ تەرجىمالىمۇ پۇتۇپ قاپتۇ ،
نادىر تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:03:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا بارىكاللا !
كىچىككىنا بىر ئىشنى بىلمىدىم . سىز تېما يازسىڭىز قۇر تاشلاشنى قانداق قىلىسىز بىلمىدىم ، قۇرنىڭ يېرىمىدىلا يەنەبىر قۇرغا خەتلىرىڭىز چۈشۈپ قالىدىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-15 17:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 17:03
تېمىڭىزغا بارىكاللا !
كىچىككىنا بىر ئىشنى بىلمىدىم . س ...

مەنمۇ بىلمىدىم، يىزىپ بولسام شۇنداق ياخشى، يوللاپ بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق چىقىۋالىدۇ، تەھرىرلەي دىسەم
يەنىلا ئەسلى پىتى شۇنداق ياخشى، كومپىيوتىرغا سىستىما قاچىلاپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:07:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تىمىڭىزنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن،
مۇشۇ مايمۇن كىتىپلا  توتتېنھامنىڭ نەتىجىسى  تۆۋەنلەپ كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:09:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىدىن بىرنى يىزۋىتىپتۇ تۈمەن قارى، راسىت ۋىلىش قايسى قىتئەگە جايلاشقان دۆلەتتۇ ئۇ بىلدىغانلا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرسەڭلا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-15 17:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 17:07
يەنە بىر نادىر تىمىڭىزنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەبرى ...

رەھمەت، نادىر تىما دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:12:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرۈتىما قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-15 17:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 17:09
ياخشى تىمىدىن بىرنى يىزۋىتىپتۇ تۈمەن قارى، راسىت ۋىلى ...

ۋىلىش- ئەنگىلىيەگە قارايدۇ. ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە، ئىرلاندىيە، ۋىلىش بىرلىكتە بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىرىتانىيەگە قارىغان بىلەن ھەممىسى ئۆزئالدىغا مۇستەقىل دۆلەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 17:09
ياخشى تىمىدىن بىرنى يىزۋىتىپتۇ تۈمەن قارى، راسىت ۋىلى ...

ۋېلىش ياۋرۇپا قىتئەسىدە،ئەنگىلىيە بىلەن  بىر  يەردە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل ئالۋاستىلار سوقاپ كىتىشنىڭ پىيدىلا يۈرۈيدۇ بۇنى. مادىرىدقا بەك بالدۇر بىرۋالغان بۇبالا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىفا ئويىنىدا 10- پەسىل ئادەملىرىنى ئىزدىتىپ قارىسام، مايمۇننى بېك دەپ چىقىرىپ قويىپتىكەن، راسا كۈلۈپتىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-15 17:17:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 17:12
ۋىلىش- ئەنگىلىيەگە قارايدۇ. ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە، ئ ...

ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە، ئىرلاندىيە، ۋىلىشلاردىن باشقا ئاۋىستىرالىيە،كانادا،يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق
دۆلەتلەرمۇ بۈيۈك بىرىتانىيە شىمالى ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىغا قارامدۇ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش