بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 16:42
پېپېنىڭ بارسىلونانى ‹قەتلە› قىلىشى
مادرىد ئوتتۇرا بىكى پىپى توپ ئويناش ئۇسلۇبىنىڭ قوپاللىقى بىلەن، كۆپچىلىك مەستانىلەر تەرىپىدىن ‹پى پالۋان› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما پورتۇگاللىق بۇ مۇداپىيەچىنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، سىز پىپىنىڭ بۇ پەسىل ھازىرغا قەدەر قانچە تال سىرىق (قىزىل) كارتىغا ئېرىشكىنىنى بىلەمسىز؟ جاۋاب شۇكى: 0 تال.
پىپى بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 12مەيدان مۇسابىقىدە 1080مىنۇت مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ھېچقانداق سېرىق ياكى قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باققىنى يوق، پەقەت قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت جەھەتتىن ئىيىتقاندىمۇ ئۇنىڭ شىرىكى راموستىن 20قېتىم ئاز. قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت، قىزىل، سىرىق كارتىغا ئېرىشىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، پىپى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قالتىس ئىپادىسى ئەڭ تۇراقلىق مۇداپىيەچى بولۇشقا مۇناسىپ.
سانلىق مەلۇماتلار يەنە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، پىپى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت، كارتىغا ئىرىشىش جەھەتتە پەقەتلا شېرىكى راموستىنلا ئەمەس، بەلكى باشقا كوماندىلاردىكى ئوخشاش ئورۇنلاردىكى ماھىرلاردىنمۇ ئاز. بارسىلونادىكى ماسچىرانو جەمئىي 8قېتىم قائىدىگە خىلاپىق قىلغان بولۇپ، قىزىل - سىرىق كارتىغا 1 تالدىن ئېرىشكەن. پىك بولسا 7قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، 4تال سېرىق كارتىغا ئېرىشكەن.
مادرىد رىقابەتتىكى گودىن 8قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، 3تال سېرىق كارتىغا ئېرىشكەن. مىراندا بولسا 7قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، 4تال سېرىق كارتىغا ئېرىشكەن. |