ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4426 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 22:01
ئەگەر لىۋىرپول كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھازىرقى باش تېرنىر روجىسنى ئىشتىن بوشاتسا ئۇلارنىڭ بىرىنجى تاللىشى گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسنىڭ باش تېرنىرى كىلوپ .نۆۋەتتە لۋىرپول كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىدىن ئىچكى ئىشلارنى بىلدىغان بىرخادىمنىڭ ئاشكارلىشىچە روجىسنىڭ لىۋىرپولدىكى كۈنلىرى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەن. روجىس ئالدىنقى پەسىل كۇلۇپنى بىرلەشمىدە 2-قىلغان .ھەمدە ئۇزغانلىق لوڭقىسى موسابىقىسى ئويناش سالاھىىتىگە ئىگە قىلغان. لېكىن روجىس ھازىرقى ھالىتى بىلەن بۇ پەسىلنى چىقىرالمايدىغاندەك قىلىدۇ.ھازىر لىۋىرپول تەرەپ جىددىي باش تېرنىر نامزاتى تاللاشقا تۇتۇش قىلغان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ بىرىنجى تاللىشى كىلوپ، ئىككىنجىسى بۇرۇنقى چېلسى ھەم رېس كۇلۇبىنىڭ تېرنىرى بوئاس.(ھازىر روسىيە بىرلەشمىسىدە، زىنىت كۇلۇبى)
ئەلۋەتتە نۇرغۇن لىۋىرپول توپ مەستانىلىرى لىۋىرپولنىڭ تۆھپىكار تېرنىرى ھىساپلىدىنغان بىنتىنىزنى قايتىدىن ئەنفىلىد مەيدانىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.لېكىن بىنتىنىز ھازىر نابلىس كۇلۇبىدا ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاۋاتىدۇ،بۇنى قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.قانداقلا بولمىسۇن روجىسقا ھازىر بېسىم بەك ئېغىر، ئۇ لىۋىرپول كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى ۋە توپ مەستانىلىرنىڭ تەنقىدلەپ ئىچى -پۇشقىنى چىقىردىغان ئوبىكىتقا ئايلىنىپ قالدى.تېخى ئەمدىلا ئاياقلاشقان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە باسىل كۇلۇبى تەرىپىدىن شاللانغاندىن كىيىن روجىسنى لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ بۇرۇنقى پىشقەدەم توپچىلىرى ۋە تېرنىرلىرى تەنقىدلەپ ئۇنىڭ تاكتىكىسىدىن گۇمان قىلدى توپ مەستانىلىرىمۇ ھەم ئۇنىڭدىن بارا-بارا ئۈمىدىنى ئۈزۈشتى.
لېكىن كۆپچىلىككە ئايان ،لىۋىرپول سۇيارىزنى سېتىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ياراملىق توپچىدىن بىرنى سېتىۋالمىدى. بالاتېلىنى سېتىۋىلىپ روجىسقا داڭلىق ھۇجۇمچىدىن بىرنى ئەكىلىپ بەردۇق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ دىگەندەك ئىش قىلدى. ئەڭ چاتاق يىرى بۈگۈنكى ئالۋاستى بىلەن بولدىغان جەڭ . ئەگەر روجىس بۇ جەڭدە يىڭىلىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى تېخىمۇ تىز بۇلدىكەن. كىلوپ توغرىسىدا كۆپ توختۇلوشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئىنگىلاندقا كەلمەسلىككە ئاساسى قالمىدى. ئۈزىمۇ ھەم ئالدىن بىشارەت بىرىپ بولدى.
|
|