elan ornielan orni
كۆرۈش: 1024|ئىنكاس: 29

لاتارىيەخانا كېڭىشى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-14 13:53:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!

   كەمىنە يېقىندىن بىرى مۇنبەر لاتارىيەخانىسىنى باشقۇرۇش ئىھتىياجى ۋە ئۆز قىزىقىشىم بۇيىچە تاۋباۋ لاتارىيسى، 365 لاتارىيسى، كىيۇ-كىيۇ لاتارىيەسى قاتارلىق لارتارىيەلەرنىڭ توپ بىرىش ئۆلچىمى بۇيىچە شۇنداقلا بىۋاستە نەتىجىسىنى قىياس قىلىش شەكلى بۇيىچە لاتارىيە ئۇرۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بايقىدىم. نۆۋەتتە مۇنبىرىمىزدە مۇنبەر پۇلىنىڭ پاخاللىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىھتىياجى بۇيىچە ئاساسەن 5 چوڭ بىرلەشمىدىكى كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشىشلىرى ئاساس قىلىنىپ لاتارىيە ئېچىپ كىلىۋاتىمىز. كۈچلۈكلەر ئۇرچىشىشى كۈندە ئۇرۇنلاشتۇرۇلمىغاچقا لاتارىيەنىڭ سان مىقدارىدا زور دەرىجىدە تۈۋەنلەش كۈرۈلدى. ھەتتا نەچچە ھەپتە بۇرۇن لاتارىيە ئېچىش، ساقلاش ئەھۋالى كۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبىرىمىزنىڭ لاتارىيەسىدە پەقەت تاق تاللاش شەكلى قوللىنىلغاچقا بىر قېتىم تىككەن مۇسابىقىگە قايتا تىكىش ئىمكانىيتى بولمىدى.

   كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەر قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، لاتارىيە ئىھيىتاجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن كەمىنە ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق توپ بىرىش ئۆلچىمى بۇيىچە لاتارىيە ئېچىشنى خىيال قىلىپ قالدىم. بۇنداق بولغاندا كۈچلۈك-ئاجىزلار ئۇچرىشىشلىرىدا توپ بىرىش ئۆلچىمى بۇيىچە خالىغانچە تىكىشىشكە بۇلىدۇ. يەنى بىز خالىغان ۋاقىتتا لاتارىيە ئويناش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيمىز.

   توپ بىرىش ئۆلچىمى بۇيىچە لاتارىيە ئېچىشنى ئالدىن كەڭ مۇنبەرداشلارغا تۇنۇشتۇرۇش، پىكىرىنى ئېلىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق. ئۇنداق بولمىغاندا لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ دىققەتسىزلىكى سەۋەپلىك بىھۇدە ئاۋارچىلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش تۇلىمۇ قىيىن. شۇنداقلا كەمىنە ئالدىڭلاردا خىجىل بۇلۇپ قالغۇدەكمەن.

  توپ بىرىش ئۆلچىمى لاتارىيەسى تۇنۇشتۇرلىشى:

   بۇنىڭدا لاتارىيەخانىنىڭ خەت كىرگۈزۈش چەكلىمىسى بۇيىچە ساھىپخان كوماندا ئاخىرىغا تىرناق ئىچىدە مۇسپەت ۋە مەنپى سان كىرگۈزۈلىدۇ. مۇسپەت سان ساھىپخان كوماندىنىڭ مىھمان كوماندىدىن توپ سورىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەنپىس سان ساھىپخان كوماندىنىڭ مىھمان كوماندىغا توپ بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
يەنى تۆۋەندىكىچە:

QQ图片20141214114817.jpg

   يۇقارقى رەسىمدە مانچىستىر بىرلەشمىسى لىۋىرپول كۇلۇبىغا بىر توپ بەرگەن. مانچىستىر بىرلەشمىسى 2 توپ پەرىق ئۇتقاندىلا ئاندىن ئۇتقانغا ھىساپ. 1 توپ پەرىق ئۇتسا تەڭلەشكەنگە، پەرىق 1 دىن كىچىك بولسا ئۇتتۇرغانغا ھىساپ بۇلىدۇ.

QQ图片20141214115015.png

   يۇقارقى رەسىمدە مانچىستىر بىرلەشمىسى لىۋىرپول كۇلۇبىدىن بىر توپ ئالغان. يەنى مانچىستىر تەڭلەشسىمۇ ئۇتقانغا ھىساپ. لىۋىرپول 1 توپ پەرىق ئۇتسا تەڭلەشكەنگە، 2 توپ پەرىق ئۇتسا ئۇتقانغا ھىساپ.

QQ图片20141214115230.jpg

   يۇقارقى رەسىم بىز لاتارىيە ئېچىشتا ئاساس قىلىنىۋاتقان، ھېچقانداق توپ بىرىش ئەھۋالى كۈرۈلمىگەن ھەقىقى كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئۇتۇش، ئۇتتۇرۇش، تەڭلىشىش بىۋاستە نەتىجىنى ئاساس قىلىپ يوللىنىدۇ.


   توپ بىرىش ئۆلچىمى قائىدىسى:

1. ئاساسەن بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك-ئاجىز كوماندىلار ئۇچرىشىشىغا لاتارىيە ئېچىلىدۇ.
2. شاللاش مۇسابىقىلىرى 90 مىنۇت ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ ئەسلىدىكى لاتارىيە ئۆلچىمى بۇيىچە لاتارىيە ئېچىلىدۇ. توپ بىرىلمەيدۇ.
3. توپ بىرىش كۆرسەتكۈچى ساھىپخان كوماندا ئاخىرىغا تىرناق ئىچىدە بىرىلىدۇ. مۇسپەت بەلگە ( +) ساھىپخان كوماندىنىڭ مىھمان كوماندىدىن توپ ئالغانلىقىنى، مەنپى بەلگە ( -) ساھىپخان كوماندىنىڭ مىھمان كوماندىغا توپ بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇسپەت ۋە مەنپى بەلگە ئالدىدىكى سان ( 3+)، ( 1-) يەنى (3 ۋە 1) بىرىلگەن ۋە ئالغان توپ سانىنى ئىپادىلەيدۇ.
4. توپ بىرىش ئۆلچىمىدە لاتارىيە ئېچىلغاندا دىققىتىڭىزنى مەكەزلەشتۈرۈپ ساھىپخان كوماندا ئاخىرىدىكى توپ بىرىش ئۆلچىمىگە دىققەت قىلىڭ. مەسىلە كۈرۈلسە ئۆزىڭىز ئىگە!
5. لاتارىيە ئەڭ كىچىككەندە 18 سائەت ئىچىدە نەقلەشتۈرلىدۇ. ( ئۆلۈم-يىتىم قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا )



   يەنە بىرى: يېقىندىن بىرى مۇنبىرىمىزدە كۆچۈرۈلمە تىمىلار ئاۋۇپ سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئىجادى تىمىلاردىن باشقا تەرجىمە تىمىلاردا مەنبە ئەسكەرتىشى بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. كىم بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۈزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك، ئەھمىيەتلىك، بىلىشكە تىگىشلىك تىمىلار مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۈچۈرۈلۈپ يوللانغاندىن باشقا تىمىلار بىردەك ئۆچۈرلىدۇ. ئېغىرراق بولسا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىلىدۇ.  مەن شەخسىەن بۇ خىل كۆچۈرمىكەشلىكنى قەتئىي قۇبۇل قىلالمايمەن. شۇنداقلا پاش قىلغانلارنى ئالاھىدە مۇكاپاتلىماقچى (5000 ياۋرۇ )

  مۇنبىرىمىز پۇتبول مۇنبىرى بولغاچقا ۋاسكىتبول قاتارلىق باشقا خەۋەرلىرىنى يوللىمىساق. مەن ۋاسكىتبول خەۋىرىدىن بىرنى چۇقىلاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. قىزىقىدىغانلار شۇ ئۇلىنىش ئادىرسى بۇيىچە خەۋەرلەردىن بەسرىمان بولسا دىگەن ئۆمىدتە!

   قالغىنىنى كەڭ مۇنبەرداشلار ۋە مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلار ئۆز كۆقارشىنى ئوتتۇرغا قۇيسا، ئوتاقلاشساق. تامام!


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
تەلۋە22 + 50 قوللاش!
جاغىستاي120 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-14 15:28:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاسكىتبول خەۋىرى جىق يوللىنىۋاتىدۇ، باشقا باشقۇرغۇچىلار بىلەن دىيىشسەك ئۇلار شىنجاڭنىڭ بولغاچقا مەيلى تۇرۇپ تۇرسۇن دىدى، لىكىن يىقىندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مۇسابىقىلىرىدىن باشقا تەھلىللەرمۇ يوللىنىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، مۇشۇ توغرىسىدا بىرلىككە كىلىلى،
مەن شەخسەن مۇنبەرگە بىرەر تىمىنى چوققىلاشقا قارشى، چۈنكى بۇ ۋاسكىتبول مۇنبىرى ئەمەس، ئەگەر بەك چوققىلانسا دىگەنلەر بولسا نىجات بىلەن ئالاقىلاشسا باش بەتكە ئىلان قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-14 13:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 13:57:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turgunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 14:00  

مەسىلەن مانچىستىر لىۋىرپولغا 1 توپ بەردى مانچىستىر لىۋىرپولنى 2-0 ئۇتسا تەڭلەشكەن بولامدۇ ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 14:07:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 13:57
مەسىلەن مانچىستىر لىۋىرپولغا 1 توپ بەردى مانچىستىر لىۋ ...

مانچېستىر ئۇتقان بولىدىكەن، 1:0 مانچېستىر ئۇتسا ئاندىن تەڭلىشىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 14:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلە دىگەندەك بولسا بەك ياخشى، كونالاتارىيە بويىچە تىكىشسەك بەك ساقلاپ كىتىدىكەنمىز بۇغدا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 14:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بولدىغان پىكىر بوپتۇ راس ھازىرقى لاتارىيە خانىدا مۇسابىقە بەك ئاز بولۇپ قاپتۇ..............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 14:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇلنى قوللانساق ئۇتۇش بەك تەسكە چۈشىدۇ ، ئۇنىڭدىن ئازراق ئوينىساقمۇ ھازىرقىسى ياخشىتى ، بەك بولمىسا يېڭىچە ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىشتىن سىرىت ھازىر قوللىنىۋاتقان لاتارىيە ئۇسۇلىنىمۇ ساقلاپ قالساق دىگەن ئۈمىدتە مەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-14 14:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 14:22
بۇ ئۇسۇلنى قوللانساق ئۇتۇش بەك تەسكە چۈشىدۇ ، ئۇنىڭدىن ...

  ئەلۋەتتە ھازىرقى ئۇسۇل ساقلانغاندىن سىرت يىڭى ئۇسۇلمۇ بىرگە قوللىنىلىدۇ. يەنى لاتارىيەنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ. قايسىسىغا تىكىش لاتارىيە ئوينىغۇچىلارنىڭ ئۈزىنىڭ ئىشى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 14:48:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق قىلغۇچە قىممار تىمىسىنى يازساقلا بولىدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 14:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بولدىغان پىكىر بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-14 15:03:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 15:07  
كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 14:48
ئۇنداق قىلغۇچە قىممار تىمىسىنى يازساقلا بولىدۇ...


    ئەلۋەتتە بۇلىدۇ.  بىراق مەن لاتارىيەخانىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل. دەۋا سورىمايمەن.

كۈچلۈك-ئاجىز ئۇچرىشىشىغا تىما يېزىپ كۈچلۈك كوماندىغا تىكىپ بېقىڭ. ئاجىزغا تىكىدىغان بىرى چىقامدىكىن؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-14 15:11:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى  كۈنى  دىگەن گىپىڭىزنى   ئەتىگەن تىخى  ئويلا ۋاتاتتىم !  بولسا  چاققانراق  شۇنداق  قىلايلى  ،  پەيزە   بولاتتى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 10:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش