ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1249 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم!!! ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ، كەمىنە تۆرەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !!!
ھەممىزگە مەلۇم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇتبولنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولىۋاتىدۇ. خەلقئارا پۇتبول سەھنىسى ۋە دۆلىتىمىزدىكى پۇتبول سەھنىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، مۇناسىپ ھالدا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ پۇتبول ھەركىتىگە ئۈزۈكسىز تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا كىشىنىڭ دىلىنى سۆيۈندۈرگىدەك، پەخىرلەنگۈدەك پۇتبولچىلار ھەم يىتىشىپ چىقتى ، بارى مۇھەممەدئەلى بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى ...
بۈگۈن مەن بىلىمىمنىڭ چولتىلىقىغا ، سەۋىيەمنىڭ يېتەرسىزلىكىگە باقماي ، چوڭلار ئالدىدا بىلەرمەنلىك بىلەن ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنىمىز بارى مۇھەممەدئەلىنىڭ قىسقىغىنە تەرجىمھالىنى بىللە ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم!!! بۇ يازمىدا بەزى بىر تەكرارلىنىشلار ، سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەس ئەلۋەتتە ، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ ، خاتالىقلىرىمغا تۈزۈتۈش بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. خاتالىقلىرىمغا ئۆزرە ئېيتىمەن!
بارىنىڭ قىسقىچە ماتىريالى
ئىسىم-فامىلىسى : بارى مۇھەممەدئەلى
دۆلەت تەۋەلىكى : جۇڭگۇ
مىللىتى : ئۇيغۇر
تۇغۇلغان يىرى : ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى كۆك توقاي بازىرى ( قايسى ۋىلايەتلىكىنى بىلەلمىدىم) (ئۆزرە)
كۇلۇب تەۋەلىكى : شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى
كەسپى ئالاھىدىلىكى : سۈرئىتى تىز ، جاسارەتلىك ، ئىرادىسى كۈچلۈك .
مەيداندىكى ئورنى : يان ھۇجۇمچى
2009-يىلىدىن بۇرۇن شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تەپكەن؛
2010-2012-يىلىغىچە خاڭجۇ يېشىل شەھەر پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تەپكەن؛
2012-2013-يىلىغىچە جياڭسۇ شۈنتىيەن پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تەپكەن؛
2014-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلىزى پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تىپىپ كەلمەكتە.
بارى 14ياش ۋاقتىدا تىلىۋۇزۇردىن سۇڭچىڭلىيڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى كۆرىدۇ ، ھەم ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە ئۆزى يالغۇز كىلىپ سىناققا قاتنىشىدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىپادىسى، ھەم پۇتبول تالانتىغا تايىنىپ پۇتبول مەكتىپىنىڭ تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. 16ياش ۋاقتىدا بارى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چاقنىغان چولپان بولۇپ قالىدۇ دەل ئۇنىڭ ھالقىلىق توپىغا تايىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزىنڭ 46يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىش ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.
2يىلدىن كىيىن 18ياشلىق بارى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ. 2پەسىل جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە جەڭ قىلىدۇ. 2010-يىلى پەسىللىك مۇسابىقە بىشىدىكى يۆتكىلىش بازىرىدا ۋۇجىنگۈي (خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى) ئىلگىرى، ئوڭ ئالدى بىڭ ۋە ئوڭ ھۇجۇم ئوينايدىغان ئۇيغۇر توپچى بارىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىغا نىسبەتەن ئەڭ قىممىتى بار بىر قىتىملىق يۆتكىلىش سودىسى بولۇپ قالىدۇ.بارى مۇھەممەدئەلى شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن ئىككىنجى شنجاڭلىق توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن،
(بىرىنجىسى مىرئەخمەتجان) ئۆزىنىڭ قان-تەرى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلايدۇ....
خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ تۇنجى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 14-مىنۇتىدا مەشقاۋۇل بارىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ، بۇ قىتىملىق ئادەم ئالماشتۇرۇش بىلەن شىنجاڭلىق ئۇيغۇر توپچى مەيداننىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. يېڭىلا مەيدانغا چىققان بارى ئاۋال رامىرىسقا ئەجەللىك ياردەمچى پاستىن بىرنى بىرىپ كوماندىنى ئالدىغا ئۆتۈشىگە ياردەم قىلغان بولسا، مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا ئوڭ تەرەپ يولىدىن چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ غەلبىسىنى مۇقۇملاشتۇرغان. نەق شۇ ۋاقىتتا مۇسابىقىنى تىلىۋىزىيەدىن بېۋاستە تارقىتىۋاتقان بولۇپ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچى بارىنىڭ ئۇرغان توپىنى كۆرۈپ بارى مۇھەممەدئەلىنى «با تەڭرى» (巴帝(دەپ ئاتىغان.
بارى مۇھەممەدئەلى دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇر پۇتبول تەنھەركەتچىسى . 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىغا چاكالىتەن ئوينىغان مۇسابىقىدە كۇلۇبنىڭ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇنجى توپنى ئۇرۇپ نام چىقارغان . بارى ئالدىنقى پەسىلدىكى مۇسابىقىدە خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇجىنگۈي بىر قوللۇق تەربىيەلەپ چىققان ياش ماھىر قالتىس ئىپادىسى بىلەن دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغان. ياش ماھىر بارى بىرلەشمىدىن كىيىن ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ مەيداندىكى ئاساسلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى بارى مۇھەممەدئەلىنى كۇلۇبىغا رەسمىي قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىر يىل جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىدا توپ تەپكەن بارى 2014-يىلى شىنجاڭ نامىدا قۇرۇلغان ساھىبخان مەيدانى شىنجاڭدا بولغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن، تا ھازىرغىچە شۇ كۇلۇبدا توپ تىپىپ كەلمەكتە ...
خورىمايدىغان بەدەن ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ، يۇقىرى پۇتبول ماھارىتىگە ئىگە، قەيسەر ئىرادىلىك ۋە بارلىقىنى كۇلۇب ئۈچۈن تەقدىم قىلالايدىغان روھقا ئىگە» مانا بۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ بارى مۇھەممەدئەلىگە بەرگەن يۈكسەك باھاسى...
تېمام تازا ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇر پۇتبولچلىقىغا ئائىت مەسىلىلەرنى مۇنبەرداشلار بىلەن بىللە مۇلاھىزە قىلىش مەقسىتى بىلەن مۇنبەرداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم ، خاتالىقلىرىم ئۈچۈن چوڭقۇر ئۆزرە ئىيتىمەن !!!! |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|