ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1186 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 17:53
تەرجىمھالى
پىرلو ۋە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىغا نەزەر
ئاندىرېئا.پىرلو Andrea Pirlo
1979- يىلى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى تۇغۇلغان. ئىتالىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى. نۆۋەتتە ئىتالىيە يۇۋېنتۇس كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ، 2006 -يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى ئىتالىيىنىڭ بىر ئەزاسى. .
پىرلو ئىتالىيىنىڭ بۇرېسسىيادىكى كىچىك بازارفىلېرودا تۇغۇلغان، ئەڭ بۇرۇن ئىتالىيە بۇرېسسىيا كۇلۇبىدا توپ تەپكەن، نۆۋەتتە ئىتالىيە ۋە يۇۋېنتۇسىنىڭ ئەڭ يادىرولۇق توپچىسى، ئىلگىرى ئىتالىيە دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىدا كاپىتان بولغان ھەم 2000- يىلى ياۋروپا 21 ياشتىن كىچىكلەر مۇسابقىسىنىڭ چېمىپىيۇنى بولغان .
يىلى 19 ياشلىق پىرلو بۇرېسسىيادىن ئىنتىر مىلانغا ئالماشقان، ئۇ چاغدا پىرلو ئىنتىردا -1998 ئالدى بەلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، شۇ چاغدا چولپانلار بىلەن تولغان ئىنتىردا مەيدانغا چىقىشى تەس بولغان ھەم دېگەندەك تونۇلالمىغان.
-2001يىلى يەنە بۇرېسسىياغا ئىجارىگە قايتۇرۇۋېتىلىپ،شۇ يىلى يازدا 12 مىلىيۇن دوللار باھا بىلەن ac مىلانغا قېتىلدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى مىلاننىڭ تېرىنېرى ئەنچىلوتتى پىرلونى ئالدى بەلدىن ئارقا بەلگە يۆتكىدى،شۇنىڭ بىلەن پىرلو پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى يۇقىرى پەللىگە قەدەم قويۇپ، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹پۇتبول تارىخىنى ئۆزگەتكەن 20 شەخىسنىڭ بىرى›› بولۇپ باھالاندى،سەۋەبى –پىرلو ئارقا بەلنى قايتىدىن بېكىتكەن توپچى،يېڭىلىق يارتىشچان تەشكىللىگۈچى .
دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مەيدان سانى-101 مەيدان، كىرگۈزگەن توپ 11
ياۋروپادىكى‹ ‹3 لوڭقا›› مەيدان سانى- 104 مەيدان، كىرگۈزگەن توپ 8
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى مەيدان سانى- 88 مەيدان، كىرگۈزگەن توپى 7
توپ تەپكەن كولۇبلىرى : رېگگىنا،ئىنتىر مىلان،ac مىلان، يۇۋېنتۇس
1998- يىلىدىن -2001- يىلىغىچە ئىنتىردا
2001- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە مىلاندا
2011-يىلىدىن ھازىرغىچە يۇۋېنتۇستا
پىرلو باي ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئىتالىيدىكى داڭلىق پولات-تۆمۈر سودىگىرى. ئۇنىڭ دادىسى پىرلونىڭ توپ تىپىشىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، قەيسەر پىرلو بەل قۇيىۋەتمەي توپ تىپىپ، دائىم مەكتەپتىن قېچىپ توپ تىپىش،مۇسابىقە كۆرۈش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ھەتتا دادىسىدىن قاتتىق تاياقمۇ يىگەن،بىر مەزگىل ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ، تاغىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا،پۇتبولچىلىق ھاياتىغا قەدەم باسقان، شۇ چاغلاردا ئۇ پۇتبولنى ناھايىتى جاپالىق مەشىق قىلغان بولۇپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ،ئىككى پۇتىدا توپ چۈشۈرمەي تىپىپ،ھېرىپ بولالمىغۇچە مەشىق قىلغان،بۇ ئۇنىڭ كېيىن كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىسىغا ئاساس بولغان .
پىرلو دەسلەپ،يۇرتى بۇرېسسىيا كوماندىسىدا باش كۆتۈرگەن بولۇپ، 1995 – يىلى 16 ياش تۇغۇلغان كۈنىدە،رېگگىنا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدا تۇنجى ئىتالىيە Aدەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسنى ئوينىغان ، بىراق شۇ پەسىلدا بۇرېسسىيا كوماندىسى B دەرىجىلىككە چۈشۈپ قالغان. 1996-1997 پەسىلىدە 18 ياشلىق پىرلو، كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن Aدەرىجىلىككە قايتىقان، بىراق،كېيىنكى مۇسابىقە پەسلى يەنە B دەرىجىلىككە چۈشۈپ قالغان. شۇيىللاردا،پىرلو داڭلىق كولۇبلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان،ئاخرىدا ئىنتىر 6مىليون دوللارلىق باھا بىلەن ئۇنى قوشۇۋالغان، شۇ چاغدىكى ئىنتىر تېرنېرى سىمونې پىرلوغا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان پۇرسەتلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن، شۇ چاغدىكى پىرلونىڭ ئورنىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، ئىنتىردىكى ھوجۇمچىلارنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن پىرلو ئانچە كۆزگە كۆرۈنمەي،ئىجارىگە بېرىۋىتىلگەن. رېگگىنا ۋە بۇرېسسىيادا ئېقىپ يۈرگەن پىرلو بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماي،ئۆزىنىڭ ماسلىشىشچانلىق رۇھىنى ئاشۇرغان .
2001- يىلى يازدا 12 مىلىيۇن دوللار باھا بىلەن ac مىلانغا قېتىلىش،ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
2002- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، بىرلەشمىنىڭ ئارقىسىدىن سانىغاندا 2- ئايلانمىسدا، ۋېرونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدا ، مۇسابىقە تۈگەشكە 8 مىنۇت قالغاندا ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ بىر توپنى كىرگۈزۈپ، مىلان غەلبە قىلىپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا بۇرېسسىيا كوماندىسى مىلاننىڭ غەلبىسى ئارقىلىق دەرىجە تۆۋەنلەشتىن ساقلىنىپ قالغان. 2002-2003 پەسلى،ئەنچىلوتتى مىلاننى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، پىرلو ئارقا بەل ئوينىغان يېڭى بىر مىلان كوماندىسىنى بارىلىققا كەلتۈرگەن، ھەمدە شۇندىن تارتىپ،‹‹ كونا ئىككىنجى›› لىك قالپىقىنى چۆرىۋەتكەن،،پىرلومۇ شۇندىن تارتىپ،ئۆزىنىڭ قالتىس تېخنىكىسى،ئورغاق ئايسىمان توپ تىپىش ماھارىتى ھەمدە ئۆلچەملىك تەشكىللەش ماھارىتىگە تايىپ،دۇنيادىكى داڭلىق ماھىرلار قاتارىغان قېتىلغان .
پىرلو ئۆزىنىڭ 2014–يىلى رەسىمي ھالدا دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندىغانلىقىن بىلدۈرگەن.
كەسپىي ھاياتى
ئىنتىر مىلان
پىرلو پۇتبوچىلىق ھاياتىنى بۇرېسسىيا كوماندىسىدا باشلىغان بولۇپ، 1995 – يىلى 16 ياش تۇغۇلغان كۈنىدە،رېگگىنا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدا تۇنجى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسنى ئوينىغان،1998- يىلى ئېنتىرنىڭ شۇ چاغدىكى تېرېنېرى لۇسېسكۇ پىرلونى ئېنتېرغا ئەپكەلگەن، 1998-1999 پەسىلى پىرلو ئېنتېرنىڭ 18 مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن،بۇ پەسىل ئۇنىڭ ئىنتىردىكى بىردىنبىر توپ تەپكەن پەسلى بولۇپ قالغان .1999-2001- يىلىغىچە ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ،رېگگىنا ۋە بۇرېسسىيا ئىككى كوماندىغا ئىجارىگە بېرىلىپ، 2001- يىلى 12 مىلىيۇن دوللارلىق باھا بىلەن مىلانغا قېتىلغان .
Ac مىلان
2001 –يىلى يازدا، مىلاندىكى ئىككى قوشماقنىڭ ئۆز-ئارا توپچى ئالماشتۇرۇشىدا، پىرلو رەسمىي ھالدا ac مىلانغا قېتىلغان. بىراق،شۇ چاغدا مىلاندا نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پىرلو مىلانغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىغان . بىراق،پىرلو ھەرگىزمۇ بەل قۇيۇۋەتمىگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدى مەيداندىن ئارقا بەلگە يۆتكىلىش،ئۇنىڭغا خۇددى ‹‹ ئۆلچەپ تىكتۈرۈلگەن›› دەك ماس كىلىپ، گاتتۇسو بىلەن ئىككىسى مىلاندا ئوتتۇرا بەل ئويناپ، پىرلونىڭ بەدەن ساپاسى سەل ئاجىز مۇداپىئەگە بوش ئاجىزلىقى،‹‹ ئاچچىقى يامان›› كۈچلۈك گاتتۇسو بىلەن بىرلىشىپ،يوقاپ كەتكەن، ئۇنىڭغا خاتىرجەم ھالدا ھوجۇم تەشكىللەش ۋەزىپىسلا بەخىرامان قالغان. شۇنىڭدەك جازا توپ تېپىشتىكى يۇقىرى ئالاھىدىكىلى بىلەن كوماندىنىڭ ئىختىيارى توپ ۋە جازا توپلارنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن،2002-2003 مىلاننىى يىتەكلەپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ۋە ئىتالىيە لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن،كېيىنكى يىلى بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنى بولغان، شۇندىن تارتىپ، ئۇ مىلاننىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادىروسىغا ئايلىنىپ،گاتتۇسو ئىككىسى پۇتبول ساھەسى تەرىپىدىن ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدانچىلار›› دەپ باھا بېرىلگەن
2006 –يىلى مىلان، بىرلەشمىدىكى سەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىپ، بىرلەشمىدىكى نومۇرى تۇتۇپ قېلىنغان، ھەمدە پىرلو مادىردنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، بىراق پىرلو بۇنى رەت قىلغان .گەرچە مىلان كېيىنكى يىلى ئاران4 –لىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن،ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن،ھەل قىلغۇچتا، پىرلو ئىختىيارى توپ ئارقىلىق يىنزاگىغا بىر ياردەمچى پاس چىقارغان.
پىرلو مىلاندىكى ھاياتىدا،10 پەسىل توپ تىپىپ، 2 قېتىم بىرلەشمە ئۇزغۇنى، 1 قېتىم ئىتالىيە لۇڭقىسى ئۇزغۇنى،1 قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى، 2 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنى،2 قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى،1 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ئۇزغۇنىغا ئېرىشكەن. 2009 –يىلى، مىلاندىن ئايرىلىپ، چېلىسىغا بارغان ئەنچىلوتتى، پىرلونى بىرگە ئەكىتىش ئۈچۈن، 12 مىلىيۇن دوللار+ك.پىزاررو لۇق باھانى قويغان، بىراق ، مىلان بۇنى رەت قىلىپ، بېرلوسكۇنى پىرلونى مىلاننىڭ ‹‹ساتمايدىغان مېلى›› لىكىنى بىلدۈرگەن
يۇۋېنتۇس
2011 –يىلى 5- ئاينىڭ 18 –كۈنى، 32 ياشلىق پىرلو ،تۇغۇلغان كۈن ھارپىسىدا، ئۆزىنىڭ مىلاندىن ئايرىلىپ، يۇۋېنتۇسقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا مەستانلىرىنى ھەيران قالدۇرغان، 5- ئاينىڭ 25 –كۈنى ، يۇۋېنتۇس ئورگان تورىدا، پىرلو بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان،شۇنىڭ بىلەن پىرلونىڭ مىلاندىكى 10 يىللىق كەسپىي ھاياتى ئاخىرلاشقان .
سىتاتسىتكا
يىلى قاتناشقان كوماندا ئوينىغان مەيدان سانى كىرگۈزگەن توپ سانى
1994-1998 بۇرېسسىيا 47 6
1998-2001 ئىنتىر مىلان 23 0
2001-2011 مىلان 250 31
2011-ھازىرغىچە يۇۋېنتۇس 37 3
مىلاندىن ھەسىرەتلىك ئايىرىلىش
2001- يىلى مىلغان قوشۇلغاندىن تارتىپ، پىرلو كۆك-قىزىل كېيىمنى 10 يىل كەيگەن،2011- يىلى 5- ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مىلاننېرودا سەبداشلىرى بىلەن كۆز يېشى قىلىشىپ خوشلاشقان.
شۇ كۈنى، ئىزچىل سەبداشلىرى بىلەن خوشلاشقىلى پۇرسەت تاپالمىغان پىرلو،مىلاننىڭ مەشىق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلار بىلەن خوشلاشقان. 10 يىللىق سەبدىشى ئامبىروسسىنى، بىللە مىلانغا قېتىلغان، مىلاندا داۋاملىق قېلىشنى تاللىغان ئىنزاگى، كوماندىدىن ئايىرىلىش ئېھتىمالى بولغان گاتتۇسو، سىدورف، يېڭى ئەزا پاتو،ئىبراھىم قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ بىرمۇبىر خوشلاشقان... پىرلو ئۆزىنىڭ كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالمىغان... ئەڭ ئاخرىدا، ئىنزاگى پىرلوغا تەسەللىي بەرگەچ، ئۇنىڭ بىلەن مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلغان،2001 –يىلى ئىككىسى مىلانغا بىللە كەلگەن، بۇ كۈنى ئىنزاگى قالدى، پىرلو كەتتى..........!
يۇۋېنتۇسقا قېتىلىش
پىرلو يۇۋېنتۇستىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يۇۋېنتۇستىكى يېڭى كەسپىي ھاياتىنى باشلىۋەتتى، ئۇ ئىتالىيە پۇتبول تارىخىدىكى مېيئاززا،كاندىيانى،سېرېنا،باگگىئو، دېيۋېس،ۋىيېرى، ۋىيېرا، ئىبرادىن كېيىنكى 9- قوشماق مىلان ۋە يۇۋېنتۇس بۇ 3 زەردار كولۇبتا توپ تەپكەن توپچىغا ئايلانغان.
پىرلوغا ‹‹ خانىم›› نىڭ بېرىدىغان يىللىق مۇئاشى، باجدىن كېيىنكى 2.5 مىلىيۇن ياۋرو بولۇپ، مۇسابىقە مەيدان سانى ۋە نەتىجىسىگە قاراپ مۇكاپاتى ئايرىم بېكىتىلگەن، جەمئىي 4.5 مىلىيۇن ياۋروغا يېتىش مۇمكىن دەپ قارالغان.
پىرلو يۇۋېنتۇسقا كەلگەندىن كېيىنلا، 9 مەيدان مۇسابىقە،810 مىنۇتتا 3 ياردەمچى پاس چىقىرىپ، يۇۋېنتۇسنىڭ ئوتتۇرا مەيداننى جانلاندۇرۇۋەتكەن، يۇۋېنتۇس 4 يىلدا ئارمىلون،دىياگو،ديېگو،مېللو قاتارلىق 4 ئوتتۇرا مەيداننى سېتېۋېلىش ئۈچۈن 70 مىلىيۇن ياۋرو خەجلىگەن، بىراق ھەممىسى ‹‹ ساختا مەھسۇلات›› قالپىقىنى كېيىپ، يۇۋېنتۇستىن ئايرىلغان، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، پىرلو يۇۋېنتۇسقا ھەقىقى نەپ ئەپكەلگەن ھەم ئەپكەلمەكتە
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|