akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1258|ئىنكاس: 36

يۇۋىنتۇسنىڭ لەقىمى قانداق پەيدا بولغان !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-12 12:41:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پارتىزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 13:09  



ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !   تۆنۈگۈنكى بىر تېمىدا يۇۋىنتۇسنىڭ لەقىمىنىڭ پارىڭى چىقىپ قالدى !  بۇ لەقەمنىڭ قانداق پەيدا بوپ قالغانلىقىنى بەلكىم نۇرغۇن مۇنبەرداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن !    بىزنىڭ پۇتبول مۇنبىرىمىزدە يۇۋىنتۇسنى : قېرى خۇتۇنلار ، تۇل خۇتۇنلار  دەپ ئاتايدىغانلار كۆپرەك ! (تاغىل ئاتلار، تاغىل ئىشەكلەر دىگەن لەقەم پەقەت ساھىبخان كىيىمىگە ئاساسلىنىپ ئاتىلىپ قالغان دەپ چۈشەندىم شۇڭا بۇ توغرىسىدا جىق توختالمايمەن ) بىراق ‹ بۇزۇق خۇتۇنلار› دەپ ئاتىغاننى مەنمۇ تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم   ( تۆنۈگۈن ئامېرىكا ئىنكاسىدا شۇنداق ئاتاپ قويغان )  .. ئەمسە مۇشۇ توغرىسىدا ئاڭلىغان -كۆرگەنلىرىمنى تور دۇنياسىدىكى ئېقىپ يۈرگەن پاراڭلارغا قۇشۇپ بىر بايان قىلىپ ئۆتەي !  

1. يۇۋىنتۇس كۇلۇبىدا پۇل بار، لىكىن ياخشى توپچى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتمەيدۇ ، يەنى پۇلى بار تۇرۇپمۇ خەجلەشكە كۆزى قىيمايدۇ شۇڭا --قېرى خۇتۇن دىگەن لەقەم قۇيۇلۇپ قالغان .!  

2. ياۋرۇپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ‹ قېرى خۇتۇن › دىگەن گەپ ئىتالىيە يېزىقىدا La Vecchia Signora  دەپ يېزىلىدىغان بولۇپ ئىتالىيە تىلىدىكى مەنىسى : ئۆزىنى توختاتقان ، ئېسىلزادە ، تەربىيە كۆرگەن ، ئەخلاقلىق ، لاتاپەتلىك قېرىغان ياشانغان ئاياللارغا قارىتىلغان بولۇپ !   مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدىكى يۇۋىنتۇس پۇتبولچىلىرىمۇ تەربىيە كۆرگەن ، تەنتەربىيە ئەخلاقى ياخشى ، مەيداندا ئارتۇق ھەركەتلىرى يوق ، سېرىق -قىزىل كارتىلارنى ئاز ئىستىمال قىلىدىغان توپچىلار دەپ قارالغاچقا شۇنداق لەقەم قۇيۇلۇپ قالغانمىش ..

3.  لاتىن تىلىدا يۇۋىنتۇس دىگەن گەپنىڭ مەنىسى : ياشلار ، بەدىنىدە كۈچ قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جەزبىدار ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ ، بىراق خېلى بىر مەزگىلگىچە يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ توپچىلىرى مەيداندا ناھايىتى بوشاڭ ، ھورۇن ، روھسىز توپ ئويناپ يۈرگەن ، ھەمدە 1:0 تاكتىكىسىنى خېلى ئۇزۇنغىچە قوللانغاچقا مەستانىلەر يۇۋىنتۇسنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىنى تەتۈرسىگە ئۆرۈپ ‹ قېرى خۇتۇنلار › دىگەن لەقەمنى قۇيۇپ قويغانمىش . ...

4.  يۇۋىنتۇس دىگەن ئىسىمنىڭ ئىتالىيەچە مەنىسى ‹نازاكەتلىك ئايال ئىلاھ › دىگەن مەنىدە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا كۇلۇب قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە مۇسابىقە كىيىمىنىڭ ئاساسلىق رەڭگى : قىزغۇچ يۇلغۇن چىچىكى رەڭگىدە بولغاچقا  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ ‹نازاكەتلىك ئايال ئىلاھ ›  قېرى خۇتۇنغا ئايلىنىپ قالغانمىش ..

مىنىڭ بىلدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىككەن .. ئوخشىمىغان قاراشلار بولسا بىرلىكتە ئورتاقلاشساق
   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 15:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-13 23:58:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 14:24
مەنمۇ مۇشۇ بانادا سورىۋالاي    مەن ئەزەلدىن    ئارسىنالن ...

چوكىنات جاۋاپ بەرسۇن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 14:12:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىزان بۇرادەريىغىپتۇ بىلگىنىنى،
ئىزاھلاپ ھەم يۇۋىنتۇس لەقىمى.
نېم دىسە ئايرىلمىدى خوتۇندىن،
يۇۋىنتۇس ھەققىدە بەرگەن تەلىمى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 12:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە قېرى خۇتۇنلاركەندە ،

توپ تەپكۈچىكام كۈرۈپ قالمىسۇن ماۋۇ تىمىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 12:57:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدۇق رەھمەت     توپ تەپكۇچى قانداق قارايدىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ نىمەلا دىمىسە خۇتۇن كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن توپنى جىقاراق يەپ كەتسە بۇزۇق خۇتۇن ، ھۇرۇنلۇق قىلسا قېرى خۇتۇن ، ناۋادا ئۇتىۋېلىپ قالسا نازاكەتلىق خۇتۇن  ،،،،،،،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:04:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بېر كۇلۇبىۋى بىلىمگە ئېگە بولدۇق! ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:06:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدا قىزقارلىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:09:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشقىچە ئاڭلىغان ، مىنىڭچە توپ تەپكۇچى بۇرادەر بىلىدىغۇ دەيمەن ئەڭ توغرىسىنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپنى ئاندا ساندا ئاڭلاپ قالاتتىم ، مەنىسىنىمۇ  بىلۋالدىم! رەھمەت!

قىرى خوتۇن ، تۇل خوتۇن ، نازاكەتلىك  خوتۇن،…… خوتۇن .
نىمداق  جىق  خوتۇن بۇ  كۇلۇپنىڭ خوجايىنى  خوتۇن ئەمەستۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ئەسلى مۇنداق ئىكەندە مەن تېخى بۇكۇلۇپنىڭ دەسلەپ قۇرغۇچىسى ياكى ھازىرقى خوجايىنى ئايال كىشى (تۇل خۇتۇن ) بولسا كېرەك شۇڭا مۇشۇنداق ئاتايدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:43:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلام تاغىل ئات قۇشۇنى دەپ ئاتايمەن، ئىتالىيە كۇلۇپلىرنىڭ ئىچىدە مىلان، ئنتىرمىلان ، يۇۋېنتۇسنىڭ تىزاراق بۇرۇنقى ئەسىلگە قايتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:53:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 13:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە بۇزۇق خوتون دىگنىڭلا نىمىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش