ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 286 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئارسىنال يەنە بەيرىنگە ئۇچرامدۇ؟
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۆنى دۈشەنبە سائەت19دا ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق كۈچلۈككە چەك تارتىلىدۇ.ئۇنداقتا قايسى كۇلۇپلارنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى؟ پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن ئوخشاش دۆلەتتىن كەلگەن كۇلۇپلار ئۇچراپ قالماسلىق، گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بوپ چىققانلار ئۇچرىماسلىق، ئوخشاش بىر گۇرۇپپىدىن چىققانلار ئۇچراشماسلىق قائىدىسىگە ئاساسەن ئىھتىماللىقىنى ئويلاشساق، ئۇ ھالدا ئۇچرىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى كۆك ئارمىيە چېلسى بىلەن لىۋىركوسىن بولۇپ، ئۇچرىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى 29%كەن. ئۇنىڭدىن باشقا بەيرىنVCئارسىنال 25% ، دورىتموندىتVCشەھەر 25% ، مۇناگۇVCشارىك04 25%كەن.
رىئال مادىرىدنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى شارىك04 بولۇپ،ئىھتىماللىقى19%. ئۇنىڭدىن باشقا لېۋىركوسىن نىڭمۇ يۇقىرى بولۇپ18%. بارسىلونانىڭمۇ مادىرىتقا ئوخشاش موشۇ ئىككى كۇلۇپ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرىكەن.
ئىكىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىققان كۇلۇپلار ئارىسىدا ئارسىنال بىزنىڭ دېققىتىمىزنى ئەڭ تارتىدۇ. ئارسىنالنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى يەنىلا بەيرىن بولۇپ، ئىھتىماللىقى 25%. ئىھتىماللىقى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى مادىرىد، ئاتلىتكا مادىرىد، پورتۇلار بولۇپ ئارانلا14%كەن.
ئەلۋەتتە بۇ پەقەت بىر پەرەز قىلىنغان ئېھتىمالىق بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋال چەك تارتىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئاشكارە بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ تۆۋەن ئېھتىماللىقمۇ رىئاللىققا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت شۇ كۇلۇپنىڭ چەكتىكى تەلىيىگە باغلىق.
تۆۋەندىكى رەسىمدە تەپسىلى ئۇچرىشىپ قېلىش نىسپىتى بار. |
-
چەك چىقىش نىسپىتى
-
|