akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1367|ئىنكاس: 31

مورىنئۇ نىڭ ئارزۇسى چىمپىيۇن بولۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-11 22:18:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

لىسىبىن رىقابەتنى 3-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن  چېلسى 4 ئۇتۇق ، ئىككى تەڭلىشىشتەك نەتىجە بىلەن كىچىك گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ ، 16 كۈچلۇككە كىرىدى ،مۇسابىقىدىن كىيىن مورىنئۇ كوماندىنىڭ ئاخىردا چىمپىيۇن بولالايدىغانلىقىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مورىنئۇنىڭ قارشىچە بۇگۇنكى چېلسى ئەمىلى كۈچكە ۋە ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىگە بولۇپ ، ھەممىنى يىڭىپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.ئەلۋەتتە ئالدىنقى شەرىت  قىلىشقا تىگىشلىكىنى باشقا كوماندىلاردىن تىخىمۇ ياخشى قىلىش،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  ئۇ  16 كۈچلۇكتە پارىژ ۋە يوۋىنتىستەك كوماندىلارغا ئۇچرىشىپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
ئاسمان تىلۋىزىيە ئىستانىسىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:بىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئەڭ چوڭ ئارزويىمىز چىمپىيۇن بولۇش،بىزنىڭ بۇلتۇرقى ئىپادىمىز خىلى ياخشى بولغان ، بۇ يىلقى ھالىتىمىز بۇلتۇرقىدىن تىخىمۇ ياخشى،بىراق ئەتراپىمىزدىكى كۇچلۇك رەقىپلىرىمىزنىڭ  ھىيلە –قاپقانلىرىنى بىتچىت قىلىشىمىز لازىم دىدى.
مورىنئۇ يەنە:ھازىردىن باشلاپ رەسمى تۇردىكى چىمىپيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى چەمبىرىكىگە كىردۇق، بۇ يەردە خان مادىرىت ، بارسىلونا،بايرىن،مادىرىت رىقابەت،دورىتمۇنىتلار بار ،يەنە پارىژ، ئارسىنال،  يوۋىنتۇس ،مانچىستىر شەھرىمۇ بار، بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟بولتۇر بىز ئەڭ كۈچلۇك تۆت كوماندا ئىچىدە ئەمەستۇق ، ئەمما بىز تۆت كۈچلۇككە كىرەلىدۇق ، بۇ يىل ئىپادىمىز بىر بالداق يوقىرى  كۇتۇرۇلدى.
بۇگۇن ئالدىنقى ھەپتە نىۋكاستىلغا ئۇتتۇرغاندىكى بىر مەزگىللىك  بۇرۇختۇملۇق كەيپىيات  ئاخىرلاشتى، ئارقىدىنلا بىز چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇروپپىسىدىن چىقتۇق،كوماندىدىكى يارلانغانلار  ئۇزلۇكسىز  ساقىيۋاتدۇ،ئىشىنىمەنكى روژدىستىۋۇ بايرىمىدىن ئىلگىرى چىمپىيۇنلۇق رىتىمىگە ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ،بىز ياۋروپا چىمپىيۇنلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەرپىگە ئىرشەلەيمىز دىدى.
مەنبە:http://www.usportnews.com
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسىنىڭ بۇ يىلقى ھالىتى ناھايىتى ياخشى. ئاخىرىغىچە چېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتقا ئۇچراپلا قالمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:29:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل چېمپونلۇق ھەقىقەتەن مادىرىت بىلەن چېلسىدىن ئاشمايدىغاندەك.ئۆتكەن يىل مادىرىت كۆتۈرگەندىكىن بۇيىل چېلسى كۆتۈرسە پەچەت ئىش بولتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:33:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمپپىيۇن بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن 16 كۈچلۈكتە مەيلى پارىژ، مەيلى تۇل خۇتۇن بولامدۇ كىم بىلەن ئۇچراپ قىلىشتىن ئەنسىرمەسلىك كېرەك، ياخشى ئىپادە بولسىلا مادىرد، بايرىنلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ يوغان قولاقنى كۆتەرگىلى بولىدۇ. بۇ يىل بولسىمۇ چىلىسىنىڭ مادىرىد بىلەن بىر ئويناپ بېقىشىنى قاتتىق ئارزۇ قىلىۋاتىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:36:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك قۇشۇن بۇيىل ئۇزغۇنلۇقتا خېلى بىريەرگىچە چاپىدىغاندەك تۇرىدۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:42:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ شۇ چىمپىيۇن بولۇش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:47:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  داڭلىق  تىرنىرلار چىغىدا  پالانچى بىلەن تۇتۇشۇپ  قىلىشنى خالىمايمىز دەپ  ئوچۇق -ئاشكارا دىيەلەيدىكەن .  بىز   بولساق……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 23:55:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuri يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 23:33
چىمپپىيۇن بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن 16 كۈچلۈكتە مەيلى  ...

توغرا دەيسىلە جىمپىيۇن بولمەن دەيدىكەن قايسى كوماندا بولسا مەيلى ، شاللاش باسقۇچىدا ئىبرايىماخۇن بولامدۇ ئات ئېشەكلەر بولامدۇ قوقماسلىق كېرەك ئاشۇنداق كۇچلۇك سانالغان كۇلۇپلارنى شاللىغاندىلا قالغان كوماندىلارغا تېخىمۇ بېسىم قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 00:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسىنىڭ مۇداپىيە ئوتتۇرا مەيدان بوپ قويدۇ ،بىراق ھۇچۇمچىلاردىن كوستا دىروبا قاتارلىق ھۇچۇمچىلار بىر ئىككى بىكنى ئۇزىگە قارتىپ مىسسى رونالدوغا ئوخشا تۇيۇقسىز بۇسۇپ ئۇتۇپ ھالقىلىق ۋاقىتتا توپ ئۇردىغان ھۇچۇمجىسى كامدەك ھېس قىلمەن ، خارزاد ياندىن بىر ئىككى بىكنى ئالداپ ئۇتكەن بىلەن يەنىلا پۇرسەت تۇتىدىغان ھۇچۇمجى يوق ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 00:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامما  لىكىن  مۇداپىيەدە  چاتاق  يوق  ھۇجۇم  سىپىمىزگە  گەپ  كەتمەيدۇ  ئاشۇ  ئۇتتىرا  مەيدان  توپچىلاردا  ئازراقلا  بەدەن  بولغان  بولسا  بۇ  يېل  ھەممىسىنى  سۈپۈرۈپ  ماڭاتتۇق
ئوسكاردىن  بەك  ئەنسىرەيمەن  قىزلارنىڭ  پىشى  تەككەتسىمۇ  يىقىلغىلى  ئاران  تۇردۇ  فابرگاس دىگەن  گەلدەمىگە  قاراپ  ئولتارساق  ئېش  پىشمايدا
ماتېچقا  ئوخشاش  كۆتەكتىن  يەنە  بىرسى  بولغان  بولسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-12 00:15:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەل قىلغۇچتا مادرىد بىلەن تۇتۇشسا ھەقىقەتەن پەيزى بولاتتى ، ئەن دوختۇر بىلەن مو تەلۋە بىر كۈچ سىنشىپ باقسا لېكىن چېلسى مادرىدلار چوڭ گەپ قىلىپ يۈرگەن بىلەن توپ دېگەن يۇملاق نېمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 00:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش