ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 683 |
تۆھپىسى: سەر |
|
لېۋىرپۇل ئۇزغۇنلۇقنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىدە گورۇپپىدىن چىقالمىغاچقا كوماندىدىكى سىتىرلىڭنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرى چىقىشقا باشلىدى. سىتىرلىڭنى قوشۇۋالماقچى بولغان كۇلۇب دەل ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد.
2010-يىلى لېۋىرپۇل قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا قوشماق مانچېستېرنى مەغلۇپ قىلىپ 600 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن سىتىرلىڭنى قوشۇۋىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن 5 يىللىق
توختام تۈزگەن. ھازىر ئۇنىڭ توختام ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى. لېۋىرپۇلنىڭ ئۇنى قويۇپ بەرگىسى بولمىغاچقا سىتىرلىڭغا يەنە يىللىق مۇئاشى 7 مىليون فونىستېرلىڭلىق
مۇددىتى 5 يىللىق توختام تەييارلىغان. يىڭى توختامدىكى مۇئاشى ئۇنىڭ ھازىرقى مۇئاشىنىڭ 3 ھەسسىسىگە تەڭ.
لېۋىرپۇل ئۇزغۇنلۇقتا گورۇپپىدىن چىقالمىدى، بىرلەشمىدىكى نەتىجىسىمۇ ياخشى ئەمەس، شۇڭا 20 ياشلىق سىتىرلىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىشىش قارارىغا كەلگەن.
ئۇ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە كۆپىرەك قاتنىشىپ ئۆزىنى ئىسپاتلىغىسى بار. لىكىن لېۋىرپۇل ئاللىقاچان گورۇپپىدىن چىقالمىدى، سىتىرلىڭ ياۋرۇپادىكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە
قاتنىشىدىغان باشقا كوماندىغا يۆتكەلسىمۇ بولاتتى، لىكىن ئۇنىڭ مادرىدتا رونالدو بىلەن بىللە توپ تەپكىسى بار ئىكەن.
لېۋىرپۇل تەرەپ سىتىرلىڭ بىلەن بولغان توختام سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتىدۇ دەپ خەۋەر بەرگەن. لىكىن ئېنگلاند ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان.
‹ كۈندىلىك پوچتا خەۋىرى ›نىڭ ئاشكارلىشىچە؛ 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى لېۋىرپۇل بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن كىيىن سىتىرلىڭ كوماندىدا قىلىش
ياكى كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى چىقىرىدىكەن.
|
|