كۆرۈش: 3697|ئىنكاس: 70

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( 2014.12.11)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-11 05:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 12:43  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...





101750z97erdpz0n9nzwng.jpg


2014 - 2015 - يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى 6 - ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى 11 - چىسلا سەھەردە ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :


بايرېن مىيۇنخېن 3    -    0  موسكىۋا قۇرۇغلۇق ئارمىيە

گىرمانىيە زەردارى بايرېن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا روسىيە موسكىۋا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 18 مىنۇت بولغاندا بايرېن كوماندىسى نوقتا توپقا ئىرىشتى ، بۇ توپنى مۇللىر ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 0 قىلدى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بايرېن ئۈستىنلىككتە ئوينىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 84 مىنۇت بولغاندا رود بىر توپ ئۇردى ، 90 مىنۇت بولغاندا گوتزى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3 - 0 قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن بايرېن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىپ 15 نۇمۇر بىلەن گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقتى ...





رىم  0    -    2  مانچىستىر شەھىرى

ئىتالىيە رىم كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئىنگىلاند مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان گورۇپتىن چىقىش مۇسابىقىسى ئوينىدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەر ئىككىلى كوماندا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككىلى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجە 0 - 0 ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان مانچىستىر شەھىرى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ 60 ، 86 مىنۇت بولغاندا ناسىرى ۋە زاپىلىتا بىردىن توپ ئۇرۇپ مىھمان مەيداندا 0 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى 8 نۇمۇر بىلەن ئوڭۇشلۇق گورۇپتىن ئىككىنجى بولۇپ چىقتى ، رىم كوماندىسى ياۋروپا ئىتىپاق مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...





بارسىلونا 3    -    1  پارىژ سانت گىرمان

ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فىرانسىيە كۈچلۈك پارىژ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا پارىژنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى ئىبىرايىموۋىچ بىر توپ ئۇردى ، 19 مىنۇت بولغاندا ئارگىنتىنالىق داڭلىق توپچى مىسسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، 42 مىنۇت بولغاندا بىرازىلىيەلىك چولپان نىمار بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان 2 - 1 ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان 77 مىنۇت بولغاندا ئۇراگۋايلىق داڭلىق ھۇجۇمچى سۇيارىز بىر توپ ئۇرۇپ بارسىلونا ئۆزمەيدانىدا 3 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ گورۇپتىن بىرىجى بولۇپ چىقتى ، پارىژ ئىككىنجى بولۇپ گورۇپتىن چىقتى ...





ئاجاكىس 4    -    0  گىرىتسىيە ئاتلىتكا

ئاجاكىس كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا گىرىتسىيە ئاتلىتكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن ئاجاكىس كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 4 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...





چىلسى 3     -     1  لىسبون رىقابەت

ئىنگىلاند چىلسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا پورتۇگالىيە لىسبون رىقابەت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، ئالدىنقى مەيدان چىلسى كوماندىسىدىن فابىرگاس ۋە شۈرلى بىردىن توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان لىسبون رىقابەت بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا چىلسى كوماندىسىدىن مىكىر بىر توپ ئۇرۇپ چىلسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقتى ...





مارىبور 0    -    1  شارىك04

گىرمانىيە شارىك04 كوماندىسى مىھمان مەيداندا مارىبور كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن شارىك04 كوماندىسى مىھمان مەيداندا 0 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئوڭۇشلۇق گورۇپتىن ئىككىنجى بولۇپ چىقتى ...





پورتۇ  1    -    1  دونسىك كان ئىشچىللىرى

پورتۇگالىيە پورتۇ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئوكرانىيە دونسىك كان ئىشچىللىرى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ، كىيىنكى مەيدان 50 مىنۇت بولغاندا دونسىك بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، 87 مىنۇت بولغاندا پورتۇ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، بۇنىڭ بىلەن گورۇپتىن پورتۇ بىرىنجى ، دونسىك ئىككىنجى بولۇپ چىقتى ...





بىرباد رىقابەت 2    -    0   بورىسوف

ئىسپانىيە بىرباد رىقابەت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بورىسوف كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن بىرباد رىقابەت كوماندىسى 2 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ياۋروپا ئىتىپاق مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...




ۋاقتى: 2014-12-11 11:53:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام بارتېلا پەچەت تۇرۇپ قويدى. مۇشۇنداقلا بوپ كەتسە ئارقا سەپمۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ .
ئىنستاغا نېمە بولغاندۇ ئاخشام پەقەت ياخشى ئوينيالمىدى، پاس بېرىشمۇ جايىدا ئەمەس توپ تارتقۇزۇپلا يۈردى . خاۋى چۈشكەندىن كېيىن ئىنستانىڭ ئورنى تۇلۇقلنىپ خېلى جانلاندى.
پارىژغا ئەمدى سەل قارىغلى بولمىغۇدەك، ئاۋۇ لۇكاس دېگەن بالا خېلى ئاۋارچىلق سالدى. تاسلا قالدى تېرستىگننىڭ خاتالقىدىن پايدىلنىپ بىرن ئۇرۋالغىلى كاساپەت، ھېلىمۇ قالايمقانچىلقتا بارتېلا چىقرۋەتتى توپنى.
بارسادا ئەمدى ‹‹ئۈچ قېلچۋاز›› دەۋىرى ھۆكۈم سۈرگۈسى .  
ۋاقتى: 2014-12-11 17:09:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 16:35
مىسسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئۇرۇپ ماڭىدىغان توپلىرىنىڭ ھ ...

ئامال يوقتە ئەمدى  ، پۇتلاپ يىقىتىۋەتسىمۇ يىتىشەلمەيدۇ
ۋاقتى: 2014-12-11 09:03:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك چوكانلارنى ياساپ قويىلى دەپ پىلان تۈزۈپ قويسام..ما بارسېلونا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بوپ كەتتى دېسە...
تەلىيى بولسا ..ئۇرۇپ ماڭسا كۆك چوكانلار ئالدىمىزغىمۇ كەپ قالا... ئاندىن ياسايلى
ۋاقتى: 2014-12-11 05:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا  قاچتىما  خەپ  
ۋاقتى: 2014-12-11 05:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ باسا ۋەششى بۇلاپ كىتىپ بارىدۇ جۇمۇ ،

مىسىنىڭ توپى ئەمما پىچەت چۈشتى نېيمارنىڭ توپى  شۇنداق
ۋاقتى: 2014-12-11 05:45:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ شەمشەرۋازنىڭ ئىپادىسى كۈرنەرلىك بولدى ، سۇ غالجىرنىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس
ۋاقتى: 2014-12-11 05:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 05:46  

نىيمار  ،سۇ  پالۋان،  خوبىت  بالا، توپ  ئۇرۇپتۇ  ھە

  مۇبارەك  بولسۇن  دىماتىيو . مۇبارەك  بولسۇن  شەھەرلىكلەر  ئۆمرۇڭلاردا  بىر  قىتىم  گورپىدىن  چىختىڭلار  مۇشۇ  تاپتا  توتتى باشلىقنى  ئەسلاۋاتىمەن
ۋاقتى: 2014-12-11 05:46:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 05:43
بارسىلونا  قاچتىما  خەپ

تەلەيلىرى كەپ قاپتۇ ئۆلىما ، خوش بولسىلا
ۋاقتى: 2014-12-11 05:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 06:16  

رىمدا  ھەقىقىي يوسۇندىكى  بىر ھۇجۇمچى كامكەن  .     توتتىنىڭ  قېرىشىغا   ئۇچىنىچنىڭ كوماندا ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ   ،   ياشلارغا تاشلاپ بىرىلگەن بۇ   نوقتا تېخىچە ‹‹مۇۋاپىق  ››  ھەل قىلىنماپتۇ     .   ئالدىنقى مەيداندا  ماسلىشىش  خېلى   ياخشى بولغان بولمىسا ، لىكىن  پۇرسەت تۇتۇش  دىگەن    يوقنىڭ ئورنىدىلا    بولۇپ قالدى  .

شەھەرنى ناسىرى ئۆزى بىر قوللۇق قۇتقۇزدى .        بولمىسا   ئۇنچىۋالا  ھۇجۇممۇ   قىلىپ كىتەلمىگەن .    رىمنى   موسكىۋادا     تەلەتى سوغۇق      كۆككۈزلەر   توقسەن مىنۇتتىن  كىيىن      مۇشۇ ‹‹  يا سەن يا مەن ››   كوچىسىغا  قىستاپ قويمىغان بولسا     بۈگۈن  ئولىمپىك مەيدانىدا   ئىنژىنىرنىڭ تەغدىرى  ‹‹قىل ئۈستىدە  ››  لا   بولۇپ قالاتتىكەن    .    شۇنداق قىلىپ      مۇنۇ يۇڭلۇقلار       ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگە  چۈشكەن بولدىغۇ دەيمەن - ھە   ؟   .    رىم بىلەن نۇمۇرىمۇ تەڭ  ،  پەقەت   يوقاتقان توپى ئازلا  پەرىق قىلىدۇ .     

رىمنىڭ بۇ يىلقى  بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى ئېلىشىغا تىلەكداشمەن  .    ھەم ئالاھىدە ئەھۋال  يۈز بېرىپ قالمىسىلا    گارسىيانىڭ   يۇۋىنتىسنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى .

ئاۋۋالقى  تۆت مەيداندا  ئىككى نۇمۇر ئېلىپ   ‹‹ دوسلار خەيرى - خوش ›› نى ئومۇمىي خور قىلىپ  ئىيتقان شەلىكلەر   ئاخىرقى   ئىككى مەيداندا  ئالتە نۇمۇر ئىلىپ    گۇرۇپپىدىن چىقىۋالغان بولدى - دە      ، تىرىشىپ  - تىرمىشىپ  يۈرۈپ   ،     بوپتۇ  بۇمۇ ئۇلارغا  ‹‹ بۇيرىغىنى ››    .   ھەقىچان    مەنسۇربايمۇ خوش بوپ سەكرەپ كەتتى   مەستانلىرىدەك .   

ناسىرىغا مۇبارەك ، بايام بۇ گۇينىڭ ھىلىقى  ‹‹ ھىيىت مۇبارەك ›› دىگەن تەبرىكى  يادىمدىن كىچىپ قالدى .
ۋاقتى: 2014-12-11 05:47:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 05:49  

شۇنداق قىلىپ گۇرپىدىن بىرىنجى بولۇپ چىقىپ ، بەزىلەرنىڭ تاتلىق چۈشىنى بۇزۋەتتۇقتە.

سەت بولدى ھە.

تىمىڭىز تولىمۇ رەتلىك ۋائىتىدا يوللىنىپتۇ،رەھمەت
ۋاقتى: 2014-12-11 05:48:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 05:43
بارسىلونا  قاچتىما  خەپ


مىنىڭچە بارسىلونا قاشمىدى ، باشىقىلارنىڭ تەلىيى كىپ قالدى
ۋاقتى: 2014-12-11 05:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 05:46
تەلەيلىرى كەپ قاپتۇ ئۆلىما ، خوش بولسىلا

ياق ياق  تالەي  سىلەر  تەرەپكە  كۈلدى  بۇگۈن

ئەمدى  پارژمىلانغا  كىم  ئۈسسە
ۋاقتى: 2014-12-11 06:05:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن بارسىلونا!
ئۇچ پالۋاندا بۈگۈن سو يوق جۇمۇ ، ھەممىدىن چىرايلىق چۈشكىنى نىيمارنىڭ توپىغۇ دەيمەن .
مىسسىي نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇردى ، نىيمار بولسا ئالدىغا ئۆتكۈزىۋىتپ ، خۇشال قىلىۋەتتى ، سۇيارىز بولسا غەلبىنى مۇقۇملاپ بىزنى خاتىرجەم قىلدى .
ئالغا بارسىلونا !
ۋاقتى: 2014-12-11 06:06:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىمنىڭ چىقىشىنى شونداق ئ‍ومۇد قىلاتتىم ، ھوجۇمچىسى تازا كۈچ بەرمىدى،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-2-19 16:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش