ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەتە سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى 1:45 تە ئېلىپ بېرلىدىغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا بارىسلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا فىرانسىيە زەردارى پارىژ سان ژىرمان كوماندىسىنى كۈتىۋالدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرلىشى تەبىئى. چۈنكى بارىسلونا گۇرىپىدا 1-بۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇ قېتىم توپ كەتكۈزمەسلىكنى ئالدىنقى ئاساس قېلىپ ئىككى ياكى ئۈچ توپ ئۇرمىسا بولمايدۇ. تەڭلەشسىمۇ 2-بۇلۇپ قالىدۇ .ئەگەر بارىسلونا گۇرىپىدا 2-بۇلۇپ قالسا كىيىنكى شاللاش باسقۇچىدا بايرىن ياكى چېلىسى بىلەن تۇتۇشىدىغان ئاقىۋەتكە قالىدۇ.شۇڭا بۈگۈن نىمە قىلسا قىلىپ نوكامپۇدا پارىژنى يەر چىشلىتىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى.
مۇشۇنداق جىددىي مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا پارىژ سان-ژىرمان كوماندىسىنىڭ داڭلىق مۇداپىيەچىسى داۋىد -لويىس بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىندا مۇھىم سۆزقىلدى:ئالدى بىلەن ئالدىنقى پەسىللىك يۆتكىلىش بازىردا بارىسلونا كوماندىسىغا قېتىلىش خەۋىرنىڭ راسىت ئىكەنلىگىنى ھەم ئۈزىنىڭ بارىسلونا تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم پىكىرلەشكەنلىگىنى ،بارىسلوناغا قېتىلغىلى تاسلا قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى ۋە ئۈزىنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارتىشنى مەخسەت قىلىپ ئاخىردا 50مىليۇن ياۋرۇ بىلەن پارىژغا قۇشۇلغانلىقىنى مۇئەيىنلەشتۈردى.
بارىسلونا كوماندىسىنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقىدىكى تاكتىكا ئۇرۇنلاشتۇرشىغا قارتا داۋىد لويىس چاقچاق قىلىپ:مېسسى يېقىندىن بىرى نۇرغۇن توپ كىرگۈزدى بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئارام ئېلىشى مۇمكىن دىدى.
ئەمدى بارىسلونا كوماندىسنىڭ ۋارتارى يولداش تىرىستىگىن نىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قارتا كۆز قارشى: بۈگۈن كوماندىدىكى بارلىق يولداشلار مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، مۇداپىيەنى ئەدەسسىز چىڭ قىلىپ قىلچىمۇ يۇچۇق قالدۇرماي غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىشىمىز تەبىئى. بۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن قارشى تەرەپ ئەزاسى ،تۇنۇش دۈشمەن ئىبرايىمۇۋىچ دىگەن دارازىنى ئىسكەنجىگە ياخشى ئالماي بولمايدۇ.چۈنكى بۇ دارازا كوماندىمىزغا بەك پىششىق ،بىزنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى دۇنيادىكى مۇنەۋەر توپچىلار قاتارىدا خېلى ئۈستۈن ئۇرۇنغا تېزىلغان. ئۇ سەپداشلىرنى تەشكىللەپ بىزگە بېسىم ئېلىپ كىلەلەيدۇ.
شۇڭا بۈگۈن مەن ۋارتارنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداشقا تىرشىمەن. ۋالدىستەك ياخشى ۋارتار بۇلۇش ئۈچۈن بۈگۈنكى پۇرسەتنى قەدىرلەيمەن. بىز ھەممىمىز ۋالدىسنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز.
ئەسكەرتىش :بۇ مۇسابىقە سەت قىززىپ قۇيىدۇ. شۇڭا ئانچە-مۇنچە مۇنبەر پۇلى تىكىشىپ قۇيلى. |
|