akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2412|ئىنكاس: 129

خانجاي شەجەرىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-10 19:10:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 19:52  


خانجاي شەجەرىسى

00.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى مۇنبەر ياخشلىرى،. ئاليۇمىن بويۇڭلار ئامان، تىنڭلار سالامەت، ئىشلىرڭلار ئۇتۇقلۇقمۇ؟ ئاتا-ئانا، ئۇرق-تۇققانلىرڭلار بىلەن مۇناسىۋىتڭلار ياخشىمۇ؟ پەرزەنىت-بالاڭلار ئەقىل-قۇۋەتدە رۇسمۇ؟ كالاڭلار بىدە يەمدۇ ياكى سامانمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى، پەرۋەردىن ئاجايىب-غارايىبلار تولغان بىرەر يازما كۈتتۈڭلارمۇ؟ مىنىڭچە ئەلۋەتدە تاقىتڭلا تاق، شاپالدىقڭلار پاق، چىنە-چەينەكنى چاق، ئىڭەكنىڭ تۈيىگە‹شاق›، ياتارىڭلار داق، ئۇششۇقنى باق بولۇپ كەتكىنىڭلار چوقۇم.
شۇنداق بولغانىكەن، تەلەپ زارغا يەتكەن ئىكەن، مەندىن ھەرقايسىڭلارغا يەنە بىر نامە كەتتى. ئۈمىدىم شۇكى- يازمامدىكى پۇتبۇلنى ھاياتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ ياشاۋاتقان ئەزىزلەرنى، كەڭ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ بىلىپ قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ مىننەت-تەماسىز توپ تىشلىرىنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ قىلىشىنىلا ئۈمىد قىلدىم.

-پەرۋەر


خانجايلىقلار ھەققىدە قىسسە


كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى. يازنىڭ سالقىن، ئايدىڭلىق ئاخشاملىرىدا ھويلىمىزدىكى قىرى ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدىكى سەگۈنچۈكلۈك كاتنىڭ ئۈستىدە، بوۋامنىڭ قوينىدا يىتىپ تۇرۇپ، بەك ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ، جاھانغا خان بولۇپ ئۆتكان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىسسەلىرىنى شۇنداق بىرىلىپ ئاڭلايتىمكى، تاكى تۆتىنجى جىسەك بولۇپ كىتىپ، مەھەللە جىسەكچىسىنىڭ قاتتىق ئۈنى بىلەن ھىكايىنىڭ ئايىغى تامام بولاتتى. بوۋامنىڭ تۈگىمەس قىسسەلىرىنىڭ ئىچىدە مىنى ئەڭ قىززىقتۇردىغىنى ‹‹ خانجاي ›› قىسسەسە ئىدى. ئۇ رىۋايەتنى جان بوۋامدىن قانچە قىتىملاپ ئاڭلغىنىمنى ئىيتىپ بىرەلمەيمەن. بوۋام ئىيتىپ ھارمايتى، مەن ئاڭلاپ زىركمەيتىم. ماڭا ئۇ رىۋايەتنىڭ بىشىدىن تارتىپ ئايىغىغىچە، پەشدىن تارتىپ چىكىت، ئۈندەشلىرىگىچە يادقا بولسىمۇ، ھەرقىتىم ئاڭلىغىنىمدا خۇددى تۇنجى  قىتىم ئاڭلىغان ۋاقىتمدىكىدەك بىرىلىپ ئاڭلايتىم. ھىكايە باشلىنىشى بىلەنلا ھىكايەنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتەتتىم. ھىكايىدىكى باش قەھرىمانلار بىلەن بىرلكتە
كىتىپ بارغاندەك ھالەتدە بولاتتىم.

ئول قىسسە مانا مۇنداق ئىدى.
hekaya副本.jpg

ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، ھازىر بىز ياشاۋاتقان زىمىنلار بۇنداق ئەمەس ئىكەنتۇق. ھەم ھازىرقىدەك ناملاردىمۇ ئاتالمايدىكەنتۇق. يەرشارىنىڭ نەخ يۈرىكىگە جايلاشقان بۇ تۇران زىمىنىدا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز، ئاجايىپ باتۇر، قەيسەر، مەردانلىك بىلەن ياشايدىكەنتۇق. 18ئىقلىمنىڭ ھەۋىسى بىزدە بولۇپ، ئىلىم-ئىرپاندا تەڭداشسىز بولساق، ئادىللىق، باراۋەرلىك بابىدا يىگانە ئىكەنمىز. ئۇلار شۇنداق باتۇرلاردىن ئىكەنكى، يولۋاس،شىرلار ئۇلارنى كۆرگەندە نەرىسىز قالاتتىكەن. رەھمدىللىكى، ئاق كۆڭۈللىكى بىلەن باغلىرىدا ئاھۇ كىيىكلەر خىرامىدا يايلىشاتتىكەن. ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلىشىدىنلا زىرەك، قاۋۇل ھەم چاققان بولۇپ، ئۇلار شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا توپ تىپىشەتتىكەن.
ئالەم بىنا بولۇپ، يارالمىشى شۇنداق كاتتا بولۇپ پۈتۈلگەن، بۇ بارچە خانلارنىڭ جايى بولغان ئۈشبۇ زىمىندا، توپنى ئاجايىپ كارامەت بىلەن تىپىدىغان 11 ئاكا-ئۇكىلارمۇ بولغانىكەن. ئۇلارنىڭ نامى تىللادا داستان ئىكەن. ئۇلار ئىتىزدا ئىشلەيدىكەن، ئىرىق-ئۆستەڭ چاپاتتىكەن، ئىلمۇ-كامالدا ھەم بىگانە ئىكەن. ئەل-يۇرت ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئالاردا ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەركاتى بىلەن  ئەلنىڭ غىمى ئاسان بولار ئىكەن. ئۇلار ئات مىنىش، ئوقيا ئىتىش، چىلىشىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىدىلا يىتىشكەن بولۇپ قالماي، توپ تىپىشتىكى ماھىرلىقىمۇ زىمنىدا تەڭداشسىز ئىكەن.
ئەل قىسسە كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ تەۋەرۈك زىمىنغا جۇد تىگىپتۇ. كۈن چىقار تەرەپدىن ناھايىتى ۋەھشى بىر ئەجدىھا بۇ زىمىنلاغا ئىغىزىدىن ئوت پۈركىگەن ھالدا باستۇرۇپ كەپتۇ. بۇ ياۋۇز مەخلۇقنىڭ11 بىشى بولۇپ، ھەبىر بىشىدىن ئوت پۈركۈپ، ئالدىغا ئۇچىرغانلىكى يەرلەرنى خانىۋەيران قىلىپ، بارغانسىرى يىقنلاپ كەپتۇ.
پۈتۈن ئەل، بىشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتدىن قۇتۇلماق ئۈچۈن ئاخىرقى جەڭگە ئاتلىنىشپتۇ. كىپەنلىكى ئوڭ قولىغا باغلانغان ئەركەكلەر ئۆز زىمنى ئۈچۈن قانلىق جەڭ قىلىپ، ياۋۇز مەخلۇقنىڭ قولىدا جان بىرىپتۇ. ئەجدادلىرىمىز جەڭگە شۇنداق يارالغانكەنكى، جەڭ مەيدانىدا مەيدىسىنى يەرگە قىلىپ يىقىلغان بىرمۇ مەرد ئۇچىرمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەخلۇققا ئالدىنى قىلىپ، جان بەرگەندىمۇ شۇ ھالىتىدە جان بىرىپتۇ.
جەڭ 90-كۈنىگە قەدەم قويۇپتۇ. قانچىلىغان قايتا كۆرىۋالغۇسىز ئەزىمەتلار، باھادىر پالىۋانلار مەخلۇق بىلەن ئىلىشىپ جىنىدىن جدا بولۇپتۇ. ئاقىۋەتنىڭ نىمە بولىدىغانلىقى كۆڭلىگە كەچكەن ئەل، پۈتۈن سەپ بىلەن بۇ جەڭگە ئۆزلىرىنى ئاتىشىپتۇ. بۇلارغا ھىلىقى 11 مەردانە يىگىتلەر باش ئىكەن. ئۇلار شۇنداق مەسلىھەتلەردە بولۇشۇپتۇ. -(قاراملىق بىلەن بۇ مەخلۇقنى يەڭگىلى بولماس. ئۆز ئەقىل-ئىدارىكىمىزنى ئەمدى ئىشلەتمىسەك، نەسلىمىز بۇ زىمندىن تىزلا قۇرار). ئۇلار شۇ مەسلىھەت بىلەن مەخلۇقدىن شۇنداق بىر ئىشنى بايقاپتۇ. جەڭلەردە بوينى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشكەن شىھىدزادىلەرنىڭ دومىلاپ چۈشكەن باشلىرى، مەخلۇقنىڭ دىققىتىنى چاچار ئىكەن. مەخلۇق دوملىغان باشلاغا سىنچىلاپ قاراپ  سەل ئىسەنكىرەيدىكەن، ئاسمانغا قاراپ تولغىنىپ كىتىدىكەن. بۇ ھالنى سەزگەن 11 ئەزىمەت شۇنداق دىيشپتۇ-( بىز ئون بىرىمىز مەخلۇقنىڭ دىققىتىنى چاچىمىز، قايسى بىشى ئوت پۈركىشدىن توختىغان ھامان كەينىمزدىكىلەر شۇ لەنىتى باشقا قاراپ كۈچلۈك ھۇجم قوزغايدۇ).
جەڭ داۋاملىشىپتۇ. ئىيتقانلاردەك 11 ئەزىمەت، كالا دوۋسىنىنى كۆپتۈرۈپ، تەتۈر ئاشلىغان خىرۇم بىلەن تىكىلگەن توپنىڭ سىرتىغا، سىمابنى ئۆلتۈرۈپ چىپىپ، پارقىراق كۆرنىشلىك توپدىن بىرنى پۈتتۈرۈپتۇ. ئامال ھەقىقەتەن ئۈنۈم بىرىپتۇ، 11 ئەزىمەت ئاجايىپ ئۈستۈن ماھارىتى بىلەن مەخلۇق ئالدىدا سىماب سۈركەلگەن، پارقىراق توپنى تىپىشپتۇ. مەخلۇق شۇنداق ئالقىزادە بولۇپ، ئەس-ھوشىنى يوقتىپ، خۇدىنى بىلمىگەن ھالدا توپقا ئۆزىنى ئىتىپتۇ. بىراق 11 باھادىرنىڭ پۇتىدىن توپنى تارتىپ ئىلىش ئۇنڭغا پەقەتلا نىسىپ بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەخلۇقنىڭ ئوت پۈركۈيدىغان باشلىرى قالايمىقانلىشىپ، قايسى بىرسى توختىسا، ھۇجۇم شۇ باشقا قارىتىلىپتۇ.
جەڭ مانا مۇشۇ ھالدا يەنە  40كىچە-كۈندۈز داۋام قىلىپتۇ. ئاخىرىدا ئەجدىھانىڭ تىنىدە باشلىرىنى كۆتۈرگۈدەك ماغدۇر قالماپتۇ. ئەل، سەل كەبى باستۇرلۇپ كەپتۇ، 11 ئەزىمەت ھەربىرى بىردىن، مەخلۇقنىڭ 11 بىشىنى تىنىدىن ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. ئەل بۇ 11 باھادىرىنى باشلىرىدا كۆتۈرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى 11 يۇرتقا قويۇشۇپتۇ.
ئۇلارنىڭ باتۇرلىقى، پەم-پاراسىتى بىلەن ئەل-يۇرت، ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇشۇپتۇ.
بوۋامنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا ئىيتىپ بىرىشىچە تەكلىماكاندا يۈرگەن، قورقماس كارۋانلاردىن ئاڭلىشىچە كەچلىرى، بەزىدە يىراق قۇم بارخانلىرى كەينىدىن 11 ئەزىمەتنىڭ توپ تىپىشكەن ئاۋازلىرى ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن.

مانا بۇ خانجايلىقلارنىڭ قىسسەسى. بىزنىڭ، ئۆزىمىزنىڭ قىسسەسىدۇر. تۇغۇلىشىمىزدىن پۇتبۇلغا ھىرىسمەن بولىشمىز، قانداقتۇر چەتئەل چولپانلىرىنىڭ تەسىرىدىنلا ئەمەس، بۇ ھەم قىنىمىزدا ئەزەلدىن بار بولغان ئىشتىياقنىڭ ئۆزىدۇر.
بۇ زىمىن- خانلارنىڭ جايىدۇر. باتۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ جايىدۇر. پۇتبۇلنى يۈرىكىدىن سۆيگەن قورقۇمسىز، مەرد ئوغلانلارنىڭ جايىدۇر. بىز ھەممىمىز خانجايلىقلار بىز،
شۇ ئىسڭلاردا بولسۇنكى، بىز- خانجايلىقلاردىن بولىمىز.


‹‹خانجاي›› پۇتبۇل كوماندىسى ھەققىدە

1.JPG

بايامدىن بىرى ‹‹ خانجاي رىۋايىتى ››نى ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى بولسا، ئەزىزانە ئانا يۇرت-قەشقەردىكى كوماندا- قەشقەر ‹‹خانجاي›› پۇتبۇل كوماندىسى ھەققىدە ئىككى كەلىمە چۈشەنچە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
دەسلەپكى قەشقەر ‹‹خانجاي›› پۇتبۇل كوماندىسى  2012يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى ئەزالىرىدىن پەرۋەر، داستان قاتارلىق پۇتبۇل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ ئىجتىھاتىدىن بارلىققا كەلگەن. ھەمدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە زورىيىپ، ئەزالارنىڭ سانى ھەم سەۋىيەسى بىلەن قەشقەر زىمىنىدا  بەلگىلىك تەسىرلەرنى قوزغىدى.
ئەپسۇس، كوماندا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەر تۈپەيلى، كوماندا ئىچىدە بۆلىنىش يۈز بىرىپ، كوماندىمىز، ئارىدا 1يىلغا يىقىن ‹‹ سەييارە ›› توپ تىپىش ھالىتىدە تۇرۇپ قالدى. ئەمما بۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردا ‹‹ خانجاي ›› دىگەن بۇ ئىسىم يادىمىزدىن 1مىنۇت كۆتۈرۈلگىنى يوق. ھىلىھەم كوماندىدا قالغانكۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ ‹‹ خانجاي ›› قىلغان ئۈن-تىنسىز ئەجىرلىرى ھىلھەممۇ يادىمىزدا.  شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كوماندىمىزدا توپ تەپكەن بارلىق كونا-يىڭى سەبداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، سىلەرنى ھىلىھەممۇ ئۇنتۇپ قالمىدۇق. ‹‹ خانجاي ›› ئۈچۈن يۈگەرگەن ھەبىر قەدىمڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. سىلەرگە كۆپ رەھمەت!
‹‹ خانجاي ››نىڭ مانا مۇشۇنداق تۇرغۇن ھالەتدىكى ۋاقىتلىرىدا، كوماندمىزنىڭ ھازىرقى كاپىتانى ئەلخاننىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە ئەجرى بىلەن كوماندىمىز، بۇ يىل يىل كۈزدىن باشلاپ رەسمى قايتدىن رەتلىنىپ، تەرتىپكە سىلىندى. يەنە مۇشۇ قۇرلار ئارقىلىق سەبدىشىم، كاپىتانىمىز، بۇرادىرىم ئەلخانغا چىن يۈركىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇنڭدىن باشقا ‹‹ خانجاي ›› ئۈچۈن باشدىن ئاخىر تەۋرەنمەي، يۈرىكىنى بىرىپ كىلىۋاتقان خانزاد، داستان قاتارلىق پىشقەدەم ئەزالىرىمىزغىمۇ چۇڭقۇر رەھمىتىمزنى بىلدۈرىمىز. رەمەت سىلەرگە، جاپا چەكتىڭلار...

                         ‹‹خانجاي›› پۇتبۇل كوماندىسى ئەزالىرى ھەققىدە

‹‹ خانجاي ›› نۆۋەتدە قايتا قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ، ئەزالىرىمىز كۈندىن كۈنگە تولۇقلىنىپ، سەرخىللىشىپ بارماقتا. كونا-يىڭى ئەزلىرىمىزنىڭمۇ قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولماقدا. يۇقىرىدا پىشقەدەملىرىمىزگە رەھمىتىمزنى بىلدۈرگەن بولساق، نۆۋىتىدە ‹‹ خانجاي ››نىڭ يىڭى ئەزالىرىغىمۇ تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئەلخان
2.JPG
ئەلخان- ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ھەمدە كوماندىمىزدىكى تىرىشچان، ئىجتىھادلىق ئەزالىرىمىزنىڭ بىرسى.
كوماندىدا 18-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: كوماندىمىزنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسى. زۆرۈر تىپلغاندا ئالدى بەل، سول ھۇجۇم ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقلايدۇ. ‹‹خانجاي›› دىگەن سۆز ئىسمنى  يۈرىكىگە چىكىۋالغانلارنىڭ ئۈلگىسى.
ئالاھىدىلىكى: كىچىكىدىن پۇتبۇلدا سىستىمىلىق مەشقنى قوبۇل قىلغان. ئۆزىدە بەلگىلىك سەۋىيە ھازىرلىغان. پۇت تىخنىكىسى خىلىلا ئۈستۈن. مەيداندىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھدىلىكى پۇرسەت تۇتۇشچانلىقى ئالاھىدە يۇقىرى.  يىراقدىن سەۋىيەلىك، گۈزەل توپلارنى ئۇرۇپ قويىدۇ. يىراقدىن بىرىلگەن ئۇزۇن پاسلارنى بەدىنىدە توختىشىشى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. كاپىتانىمزنى مىلاننىڭ سابىق توپچىسى- ئىنزاگىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. تۈزۈك يۈگۈرمىگىنى بىلەن ئوفسايىت سىزقىدا توپ ئۇرۇش ئۈنىمى يۇقىرى. مەشىق مۇسابىقىلىرىمزدە پات-پات زىندانى ئۇسلۇبىدىكى كاللا توپ ۋە ‹‹ بوشلۇقتىكى بالىت ››توپ ئۇسلۇبىنى كىلونلاپ قويىدۇ.
مىجەزى: ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل خانجايلىقنىڭ بىرسى.
ئارزۇسى: ‹‹ خانجاي ››نى پۈتكۈل دىيارىمىزغا، مەملكىتىمزگە، دۇنياغا تونۇتۇش.
بارلىق خانجايلىقلار ئەلخان بىلەن بىردىل، بىر نىيەتدە بولۇپ ئەڭ ئاخىرغىچە گۈزەل ئارزۇلارغا يىتىشكە چىن كۆڭلىمىزدىن ئىشەنچىمىز بار.
كاپىتان ئەلخان، بىز ئۆزلىرىنى ئاخىرغىچە قوللايمىز!

خانزاد
3.JPG
خانزاد- ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەزلارىنىڭ بىرسى. كوماندىمىزدىكى توپنى ھۇجۇدى بىلەن تىپىدىغانلارنىڭ تىپىك ئۈلگىسى.
كوماندىدا 4-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: مۇداپىئە. زۆرۈر بولغاندا ئوتتۇرا مەيدان ھەم ئالدى بەلگىچە چىقالايدۇ.
ئالاھىدىلىكى: مەن خانزاد توغۇرلۇق قىسقىچە قىلىپ توختۇلۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. سەبدىشىم خانزاد يىقىنقى 1يىل ئىچىدىكى سەۋىيەسىنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئۆرلەپ، كوماندىمزنىڭ مۇداپئەدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ياراملىق ئەزاغا ئايلىنىشىغا كوماندىمىزدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى قايىل. شەخسەن ئۆزۈممۇ سەبدىشىمنىڭ مۇداپيەدە رامۇسدەك تۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ، مۇنۇ خانجايلىق خورازدىن شۇنداق سۆيۈنگەنمەن. مۇداپىيەدە ۋىجدان بىلەن تۇرۇشلىرى، قورقۇمسىز، چەبدەس ھەرىكەتلىرى، ھەتتا ئىككى-ئۈچ ئادەمنىڭ مۇھاسىرىسدە قالغانلىرىدىمۇ قىلچە تەمتىرمەي بۆسۈپ چىقىپ كىتىشلىرى، كىشىنىڭ تەبئىلا ھۆرمىتىنى ھەم قايىللىقىنى قوزغايدۇ.
خانزادنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى- رىقابەت ئىڭى بەك كۈچلۈك. ھەرقاچان، ھەرقانداقلىكى رىقابەتنى قورقماي قوبۇل قىلالايدۇ.
كوماندىمىزنىڭ مۇداپىيە سىپىدا خانزادلا بولىدىكەن، بىز خانجايلىقلار ئىنتايىن خاتىرجەم بولىمىز.
ئاخىرىدا بارلىق سەبداشلارغا ۋاكالىتەن خانزادنىڭ كوماندا ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمىتمنى بىلدۈرىمەن شۇنداقلا ئائىلىسىگە بەرىكەت، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق، جۈپ پەرزەنتىگە قۇت ئامەت تىلەيمەن.

پەرۋەر
4.JPG
پەرۋەر- ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى  قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. كىچە-كۈندۈز ئەس-يادى خانجايدىلا بولىدىغان، كوماندىنىڭ داۋاملىق مەۋجدلىقى ئۈچۈن قولىدىن كىلىشىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرسى.
كوماندىدا 8-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: ئالدى بەل، ئوڭ-سول كىراي. ئوتتۇرا مەيدان ھەتتا مۇداپىيە ئورنىنىڭ ھۆددىسدىن تولۇق چىقىدۇ. زۆرۈر بولسا مەيداننىڭ ھەرقانداقلىكى بىر ئورنىدىن تىپىشقا بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: پۇت تىخنىكىسى پىشقان. سۈرئىتى تىز، ئىككى قاناتدىن بۆسۈپ كىرىشى كۈچلۈك، ئۇزۇن پاسنى باشقۇرلىدىغان سىنارەددەك دەل جايىغا تاشلايدۇ. ئىختىيارى توپ، كورنىر توپ تىپىشدىكى ئالاھىدىلىكى ياخشى. ئۇنڭدىن باشقا يەنە بىر تەرىپى مەيداندا ئىنتايىن ‹‹ياۋۇز››. مۇسابىقىدە رەقىبلىرىگە رەھىم قىلىش دىگەننى بىلمەيدۇ. مەيدان ھەم ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى.
پەرۋەرنى بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئېنىستاغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. سەبداشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىش ئىڭى كۈچلۈك.

فەيرۇز
5.JPG
فەيرۇز-‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىكى ئىستاژى ئۇزۇن ھەم ياراملىق ماھىرلارنىڭ بىرسى. فەيرۇز بولغان خانجاي كوماندىسى ھەرقاچان ئۇنڭدىن ئىپتىخارلىنىشقا تىگىشلىك.
كوماندىدا 7-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: ھۇجۇم.
ئالاھىدىلىكى: ھۇجم ئىقتىدارى بەك كۈچۈلۈك. پۇت تىخنىكىسى قالتىس. بەدىنى چەبدەس، بۇرۇلۇش، ئورۇن يۆتكىلىش ئىقتىدارى پەۋقۇلاددە يۇقىرى. ئالدى بەلدىكى ھەرقانداقلىكى بىر  ئورۇندىن نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك. ھەرىكەتلىك توپ، كاللا توپ، ئىختىيارى توپلاردىن نۇمۇر ئىلىشى يۇقىرى. توپ ئىلىپ مىڭىشلىرى، ئادەمدىن ئۆتۈشلىرى بەئەينى  مادىرتدىكى رونالدو بىلەن بارسېلونادىكى مىسسىنىڭ بىرىكمىسى.
فەيرۇز كوماندىدا ئەڭ ئاز گەپ قىلىدىغان، ئەڭ كۆپ توپ ئۇرىدىغان سەبدىشمىزدۇر. يەنى توپنى ئىغىزدا ئەمەس، تەپەككۇر بىلەن پۇتدا ئوينايدىغان قالتىس ئەزايىمىز.

ئەنقەر
6.JPG
ئەنقەر--‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىكى  كەم بولسا بولمايدىغان، يىشىغا باققاندا كوماندىدىكى تارىخى ئۇزۇن ئىسىل مىجەزلىك، تىخنىكىسى ياخشى ماھىرىمزنىڭ بىرىسى.
كوماندىدا 11-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: ھۇجۇم. ئاساسلىقى ئوڭ ھۇجۇم ئورنىدا ئوينايدۇ.
ئالاھىدىلىكى:  ئوڭ قاناتدىن بىسىپ كىرىپ نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. كوماندىمىزدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ‹‹ ئالتۇن ئوڭ پۇت ›› بولۇشقا مۇناسىپ ئەزا.
ئەنقەرنىڭ ئوڭ پۇتدا ھەركەتلىك توپ بولسۇن ياكى نۇقتا بولسۇن، تىپىش بىسىمى ئىنتايىن كۈچلۈك.
ئەنقەر كوماندىمىزدىكى خۇشپىچىم، ئوچۇق-يۇرۇق، كىچىك پىئىل سەبدىشمىزدۇر. ئۇنڭدىن ھەمىمىز خۇش ھەم رازىدۇرمىز.

خاككىر
7.JPG
خاككىر---‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىنىڭ كىينكى ئۈمۈدلىك ئەزاسىنىڭ بىرسى. خانجاي مانا مۇشۇنداق خاككىر، فەيرۇز، ئەنقەر...قاتارلىق بىزلەرنىڭ ئىزمىزنى باسقۇچىلارغا مۇھتاج.
كوماندىدا 99-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: ھازىر مۇداپىيەسىمان ھۇجۇم ئورۇنلىرىدا ئويناۋاتىدۇ. كىيىنچە ئۆزىنىڭ تەرەققى قىلىش ئۇسلۇبىغا ئاساسان كەينى بەل توپچىسى قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: توپ ئىلىپ يۈگەرگەندىكى سۈرئتى پەۋقۇلاددە تىز. ھەرخىل شەكىلدە، كىشى ئويلىمىغان يەردىن نۇمۇر ئىلىشى ياخشى.

باھادىر
8.JPG
باھادىر- ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىنىڭ يەنە بىر ياراملىق، مەسئۇلىيەتجان ئەزاسىنىڭ بىرى.سەبدىمىزنىڭ يۈرىكىنىڭ ئوڭ دالانچىسىغا (پۇتبۇل) دەپ چىكىگلىك ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
كوماندىدا 10-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: سايە ھۇجۇمچى، ئوتتۇرا مەيدان.
ئالاھىدىلىكى: پۇت تىخنىكىسى ئۈستۈن، ئورۇن ئىلىش، پاس بىرىش، كاللا توپدا نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى پەۋقۇلاددە يۇقىرى. كوماندىمىز ئۈچۈن جاھان تىرىكچىلكىنىڭ، تۇرمۇش بىسىمنىڭ ئىغىرچىلقلىرىنى بىر ياققا قايرىپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كوماندا ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا دىيەلەيدىغىنىمىز- رەھمەت.

شاھ
9.JPG
شاھ- ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىنىڭ ئالتۇن بەرگۈسىز، تىللاغا ساتقۇسىز ئەزاسى. كوماندىمزنىڭ مۇداپىيە سىپىگە ئۆزىنى بىغىشلىغان يەنە بىر ئوت يۈرەك سەبدىشمىز.
كوماندىدا 22-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: قاپقىچى.
ئالاھىدىلىكى:  قاپقىنى جان-جەھلى بىلەن پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن قوغدايدۇ. ئەلخان بىلەن شاھ ئىككىسى، كوماندىنىڭ قاپقىسىدىكى ئىككى موھىم قانات بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. سەبدىشمىز شاھنڭمۇ تالاي-تالاي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، كوماندا ئۈچۈن، خانجاي ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاۋاتقان روھىغا رەھمەت ئىيتماي تۇرالمايمىز.

زەردار
10.JPG
زەردار- ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىنىڭ  ياراملىق ئەزاسىنىڭ بىرى. پۇتبۇلنى ئىشتىياقى بىلەن تىپىدىغان، يىشىل مەيداندا پۇتبۇل تەپكەندە ھەممىنى ئۇنتۇيدىغانلار بەكلا قالتىس بولىدۇ.
كوماندىدا 17-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: ئارقا بەل. يان ھۇجۇم ئورۇنلىرىدا ئوينايدۇ.
ئالاھىدىلىكى: بەدەن كۈچى ئالاھىدە كۈچلۈك. يان يولدىن نىمىس تانكىلىرىدەك بۆسۈپ كىرىدۇ. ئادەتدە ۋىجىك مۇداپىيەچىلارنىڭ قارا چۈشى.

ئەنسار
11.JPG
ئەنسار- ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىنىڭ  كەم بولسا بولمايدىغان ياراملىق ئەزاسىنىڭ بىرىسى.
كوماندىدا 20-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: ئارقا بەل، مۇداپئە ئورۇنلىرىدا ئوينايدۇ.
ئالاھىدىلىكى:  بەدەن شارائىتى ياخشى. كىيىنچە ئۆز ئورنى بويىچە تەربىيلىنىپ ماڭسا، مانا مەن دىگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كىتىشىدە گەپ يوق.

تۇلپار
12.JPG
تۇلپار- ھەقىقەتەن ‹‹ خانجاي ›› پۇتبۇل كوماندىسىدىنىڭ  ياراملىق تۇلپىرى. پەرزەنىت تەربىيلەشدىن سىرىت ئۆزىمۇ توپ تىپىپ مەنىۋىتىنى بىيتىپ تۇرۋاتقان قەشقەر نۇمۇر تاختىلىق ئەپەندى تۇلپارلاغا ھارغىنلىق يەتمىگەي.
كوماندىدا 12-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: مۇداپىيە، ئارقا بەل.
ئالاھىدىلىكى: ھەركىتى چاققان، كاللىسى سەگەك. مۇداپىيەدە ھشيارلىق بىلەن تۇرىدۇ. كەينى بەلدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان.

بەگزاد
13.JPG
بەگزاد- كوماندىمىزنىڭ يىڭى كۈنلەردىكى ياراملىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى.
كوماندىدا 19-نۇمۇرنى كىيىدۇ.
مەيداندىكى ئورنى: ئوتتۇرا مەيدان، ئالدى بەل، سايە ھۇجۇم ئورۇنلىرىدا ئوينايدۇ.
ئالاھىدىلىكى:  پۇت تىخنىكىسى پەۋقۇلاددە يۇقىرى. مايدان تەشكىللەش، ئەزالارنى ماسلاشتۇرۇش، ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك. پۇتبۇل ئۇنىۋىرسال بىلىمىگە باي. مول تەجىرىبىگە ياراملىق ئەزايىمىز.

                         ئەزەلدىن خانلارنىڭ جايى سەن خانجاي،
                         باھادىر پالۋانلارنىڭ يۇرتى سەن خانجاي.
                         ئەدىب-ئالىملارنىڭ كانى سەن خانجاي،
                         نامىڭ دۇنيا ئارا، شۆھرىتىڭ داستانىدۇر،
                        بۈيۈك بۇغرا، قاراخان تەختى سەن خانجاي.


مانا بۇ- خانجاي، مانا بىز خانجايلىقلار.  خانجاي رىۋايىتى بەك قەدىمدىن بىزلەرگە كەلگەن رىۋايەت. ئۇ باتۇرلۇقنىڭ، باھادىرلىقنىڭ نىشانىدۇر.

2014-يىلى 10-كۆنەك
       پەرۋەر

















باھالاش

قاتناشقانلار سانى 20مۇنبەر پۇلى +1150 تۆھپە +40 شۆھرەت +20 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
missi2 + 50 قوللاش!
turgunjan + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
بىرازىلىيە + 50 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
HAKKER + 50
ماھىرچاق + 50 قالتىس!
داۋىس + 50 قالتىس!
XATKAR886 + 50 خانجاي كوماندىسى
ئابلەتجان + 50 + 10 قالتىس!
تۈمەن + 50 قوللاش!
نېھال11 + 50 قوللاش!
ھەمراھ + 50
januzay + 50 قالتىس!
alhan + 50 + 10 قوللاش!
ئايقۇت + 50 قالتىس!
1215 + 50 قالتىس!
قورۇل + 50 قوللاش!
بېرنابۇ + 100 قالتىس!
miradil + 50 نادىر تىما،
باشئەگىم + 100 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 20:06  

پاھ، ئۆزۈڭنى تازا ئاتتۇرۋاپسەنغۇ؟ تېخنىكاڭ شۇنداق ياخشىما؟ تۇرقۇڭدىنغۇ خېلى چولپان سۈپەت ، خۇشپىچىم بالا ئىكەنلىكىڭ چىقىپ تۇرىدۇ بولمىسا. قالغىنىنى "مەردنى مەيداندا سىنا" دېمىسە بىكار.
تېماڭنى باشتىن-ئاخىرى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، ساڭا رەھمەت، مۇنبىرىمىز ئارقىلىق گۈزەل قەشقەر دىيارىدىكى بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك پۇتبولخۇمارلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ چىقىپسەن، مەن خانجاي كوماندىسىنى مۇنبىرىمىزدە ئاڭلىغان، لېكىن ئەزالىرىنىڭمۇ مۇنبىرىمىزدىكى خېلى تونۇلۋاتقان ئەزالاردىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
سېنىڭ تىلغا باي، كۈچلۈك قەلەم قۇۋۋىتىڭ بۇ تېمىنى ناھايتىمۇ ياخشى ۋۇجۇدقا چىقىرىپتۇ، مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىڭنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!
جەھۋەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا ھەقلق يازما بوپتىكەن، تېماڭنى ئوقۇپ بولۇپ قارىسام تامغا يوق تۇرىدۇ، (تامغا پەقەت بىرلا، ھەممە باشقۇرغۇچىلار ئورتاق ئىشلىتىمىز). ئەستا، ما ئىشنى دەپ ئاچچىقىمدا تېماڭغا يېنپ كىرىپ قارىسام، ماۋۇ باشئەگىم دېگەن ئاداش ماڭا تۇيدۇرمايلا ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدىن تامغىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ، شۇڭا تېماڭغا تامغا بېسىشتا مەندىن چاققان چىققان گەپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 20:02:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا قىل سىغمايدۇ، بۇ بىرىنچىسى ...
  كوماندىدىكى بالىلارنى قۇربان ھېيىتتا كۆرۈپلا مەستلىكىم كەلگەن ... بۇ بالىلار بىرسى بىرسىنى تولۇقلايدىغان بالىلار ... ئەلخاندىكى يېتەكلەش، پەرۋەردىكى ئوتيۈرەكلىك ، خانزادتىكى ئەستايىدىللىق ، فېيروزدىكى يۈكسەك تېخنىكا ، خاككېردىكى جۇشقۇنلۇق ھەقىقەتەنمۇ گۈل گۈلىگە كەلگەن ... ھەي ئەپسۇس ، قەشقىرىمدە بولغان بولسام ئوڭ بېك ياكى ئارقا بەل ئوينىغاچ ھەر بىرسىڭلار بىلەن كۈندە مۇڭداشمامتىم .... خەير، ئامەت يار بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 20:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 20:00
بۇ كوماندىدىكى ئەزالار ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈلۈپتۇ ...

بەلكىم ئىككىڭلار ئوتتۇرسىدا بىر قاتار مەسىللەر، ئۇقۇشماسلىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنىسىنى بىلدىغانلىرىمىز ئاز، شۇڭا ئۇ ئىشلارنى بۇ يەرگە سۆرەپ چىقىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيتى يوق. بىر كىم يەنە بىر كىمنى ماختىسا سىز قوپۇپ ماختىشىڭىز چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ دېگىنىڭىزنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ ھەر قانچە ناچار بىر ئىنساننىڭمۇ چوقۇم ماختىنىشقا ئەرزىگۈدەك يەرلىرى چىقىپ قالىدۇ قېرىندىشىم!
مۇنبەردىكىلام ئەمەس، بەلكى بىر زېمىندا ياشاۋاتقان بىر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى مۇھىم بىلىپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەت-ئىززەتتە ياشاپ، مۇسۇلمان قوۋىمنىڭ ھەقىقىي خارەكتىرىنى تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئۆتكەنگە سالىۋات، مۇنبەرنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپكە ئوخشايدۇ، بىر كەپسىز ئوقۇغۇچىنى پۈتۈن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا تىللاپ، دۆشكەللىسە ئۇ تېخىمۇ ئەسكى ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ چىرايلىق پاراڭلاشسا، ئىشىنىمەن، ئۈنۈمى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ. (گەرچە مەن ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ شۇنداق كۆز قاراشتىمەن).

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
جاغىستاي120 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 10:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 00:12
رەھمەت ئابلەتجان. يۇرتقا ھەر قايتقانىڭلاردا خانجاينى ...

رەھمەت، قېرىندىشىم...
  ئەمىسە خاپا بولماي كوماندىنىڭ تىرېنېرلىق ئورۇندۇقىغا كۆرپە سېلىپ، ئورۇندۇققا يۆلەنچۈك بېكىتىپ تەييار قىلىپ قويالار...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 12:17:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 20:00
بۇ كوماندىدىكى ئەزالار ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈلۈپتۇ ...

بۇ  دىگىنىڭىز  قاملاشماپتۇ، پەرۋەر ھەقىقەتەن ياخشى بالا  مىنىڭ ماختىغىنىم ھەقىقەت، مەن ھەرگىز مايدەك ئىرىپ شامدەك قاتىدىغان  تۇتۇرۇقسىز  ئادەم ئەمەس، ماختىسىام ئۆزەمنىڭ  سەپدىشىنى ماختىدىم، سىز بۇنىڭغا ئارلاشماڭ..................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 21:21:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 21:20
قاقباش قېرى 11ئادەمنى باشلاپ كىرىپ ، چارەكتىن گۆشسىز پ ...

قەشقەردە  گۆشسىز  پۇلۇ  ساتمايدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 5 يارايسەن قىرىكا....

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 19:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەربىدار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 19:45
كوماندىدىكى ئەزالار مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار شۇمۇ؟

شۇنداق....

مۇنبەردىكى ئىسم بىلەن كوماندىدىكى ئىسىمنىڭ ئوخشاش قوللاندۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 20:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"خوتوننى ماختىغان بىرىنجى ئەخمەق ، ئۆزىنى ماختىغان ئىككىنجى ئەخمەق " دەپتىكەن كونىلا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-13 23:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 20:02
ئەنسار دىگەن قېرىندىشىمىز بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يەنىمۇ ئ ...

ئەنسار دىگەن مۇنبىرىمىزدىكى خىلى داڭقى بار مادرىت ۋە مانچىستىر بىرلەشمىسى مەستانىسى تۇرغۇنجان شۇ بۇ قىرىندىشىمىز ھازىر خىلى ياخشى مەشىق قىلۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 14:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاككىر   دىگەن مەن شۇ     ياشسۇن خانجاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-11 00:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى  ئۆز ئالدىڭلارغا  تۇغ ، كىيىم لاھىيەلەپ  قەشقەر دىيارىدىن چاڭ چىقىرۋەتسەڭلار بولغۇدەك .

خانجايلىقلار يۈكسەلسۈن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:41:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي……  گىپىمدە تۇرالمىدىم، “خانجاي”غا تۇغ ياسايمەن دەپ قويغىلى بىرەر ئايچە بوپ قالدى،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:41:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك پەرۋەر بۇرادەر  ئالدى بىلەن  مۇنبىرىمىزگە مۇشۇنداق بىر نادىر تىمىنى  يىزىپ بىز ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغىنىڭلىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ئاللا سىلىنى سالامەت قىلغاي، قولۇڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.
مەن خانجاي كوماندىسىدىكى ئەزالارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئىيتىمەن، ئاپىرىن.
بۇ يازما مىنى قايىل قىلدى، مەن پەرۋەرنى بۇرۇنلا مۇنبىرىمىزدىكى تالانتلىق ئەزا،كوماندىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئەزالارنىڭ بىرى دەپ تونۇيتۇم، مانا بۇ  نادىر تىما  بۇ خىيالىمنىڭ  تولىمۇ توغرىلىقىنى ھىس قىلدۇردى،
پايدىلانغان مەجازىۋى ۋاستىلەر تولىمۇ ئورۇنلۇق قايىل قىلارلىق،  مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ تىمىدىكى رەسىمىنى قىسقىچە تەرجىمھالىمنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال  بولۇپ كەتتىم، مەن خۇددى  خان مادىرىت كوماندىسىدىكى چولپانلاردەك بۇ  يەردە  سەپ شەكلىدە ئورۇن ئاپتىمەن......
رەھمەت  سىزگە پەرۋەر.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
xah-diyar + 1 پەرۋەر تالانتىلىق ئەز.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:43:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ پاھ پاھ.... ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ! بېزنىڭ خانجايدا ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر ئەزالار كۆپ ، تىخىمۇ تىرېشىدىغان بولساقلا ئەلخان كاپىتانىمېز دىگەندەك مەيداندىكى 11 ئادەمنى 1 ئادەمگە ئايلاندۇرۇش تەسكە توختېمايدۇ دەپ قارايمەن! پەرۋەر سەپدېشىمىز كىچە -كۈندۈز مۇشۇ خانجاينى گۈللەندۈرۈش ،مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمىنى ، قوللىرىغا درت كەلمىسۇن! ھەقىقەتەن ئېسىل تىما بوپتۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تازچاقلارنىڭ  ھەممىسى  مۇنبەردە  بارما    شۇنداق  بولسا  ئۇلارنى  مۇنبەر  نامىدىن  تارتۇقلايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوماندىدىكى ئەزالار مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار شۇمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:46:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نادىر تىما    دىققەت قىل پەرۋەر يەنە چەكلىنىپ كەتمىگىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېماڭ ياخشى چىقىپتۇ ، بولۇپمۇ دەسلەپكى باشلانمىدىكى رىۋايەت تېمىغا باشقىچە ھۆسن قوشۇپتۇ ، ئەمدى كوماندىنىڭ قاتناشقان راست-يالغان مۇسابىقىللىرى ھەم ئېرىشكەن ( ياكى يوقاتقان ) شانۇ-شەۋكەتلىرى توغرىسىدا توختالمىغاندەك تۇرىدۇ ، بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ قورقۇمسىزلىقى ، مەردۇ-مەردانىلىقى بىلەن بۇ ئەركەكلەر ئۇيۇنىنى بەكمۇ ياقتۇرىمىز ، بۇ يۇمىلاق نەرسىنىڭ « خۇمارى كۈچلۈك » ، مەنمۇ ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىرەر قېتىم توپ تەپمىسەم پۇت-قوللىرىم قىچىشىپ تۇرالماي قالىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ ماتىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:47:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ ماتىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 19:45
بۇ  تازچاقلارنىڭ  ھەممىسى  مۇنبەردە  بارما    شۇنداق  بول ...

ھەممىز خانجايدا شۇنداقلا مۇنبەردە با
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش