ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 921 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 20:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار. تۆۋەندە مەن بىر ئەمەلىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتەي:
خاتىرە پۇتبول كۇلۇبىمىز مەيلى كىچىك بولسۇن - بولمىسۇن، كۇلۇبتىكى ھەر بىر ئەزا ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ كىچىكتىن زورىيىدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قان - تەر تۆكىشى بىلەن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئانچە - مۇنچە بولسىمۇ ئېغىزغا چىققۇدەك زەررىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر كۇلۇب (نامىنى ئاممىۋىي سورۇندا تىلغا ئالماسلىقنى قارار قىلدىم. ئايرىم ئۇچۇر يېزىڭ)، مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم چوڭ ئاممىۋىي تور سۇپىلىرىدا بىزگە ھاقارەت قىلىدىغان، كۆرەلمەيدىغان، ھەسەت خاراكتىرىدىكى بەزى گەپ سۆزلەرنى تارقاتقان ۋە داۋاملىق تارقاتماقتا. ناۋادا بۇ خىل ھاقارەت سۆزلىرى يەڭ ئىچىدە بولغان بولسا، كۇلۇبىمىزنىڭ ھېچقانداق ئوبرازىغا دەخلى يەتمىگەن ۋە كۇلۇبتىكى بارلىق جاپاكەش ئەزالارنىڭ قۇلىقىغا يەتمىگەن بولاتتى. خوش ئەمدى ئاساسىي گەپ نېمە دېگەندە، بۇ خىل ھاقارەت ۋە ھەسەت خاراكتىرىدىكى كۆرەلمەسلىك ئىدىيىسى يۇغۇرۇلغان سۆز جۈملىلەرنى بىز تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمىز ئەمەس، ئالدىنقى قېتىم خېنەنگە شىنجاڭدىكى كۇلۇبلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە «ھۇجۇمغا ئاتلانغاندا»، دەل مۇشۇ كۇلۇب قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ھەرقايسى تور سۇپىلىرىدا مۇشۇنىڭدەك گەپ - سۆزلەرنى تارقاتقان. مانا بۇ قېتىممۇ ئىككى ئەزىمىتىمىزنىڭ يۆتكىلىش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چوڭ تور بېكەتلەردە ھاقارەت سۆزلىرىنى قايتا ياغدۇرغان.بەلكىم ئۇ كۇلۇبتىكى مۇشۇ گەپ - سۆزلەرنى قىلغان كىشى مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولىشىمۇ مۇمكىن...
ھەممىمىز قېرىنداش، ھەممىمىز بىر تۇپراقتا ياشايمىز. ئەجدادىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك ئۇرۇق-تۇققان چىقىشىمىز ھەقىقەت. ئەمما نېمىشقا پىتىشمايمىز؟ نېمىشقا بىر بىرىمىزنى قوللىمايمىز؟ نېمىشقا بىر بىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرىدىن قىزغىنىمىز؟ نېمىشقا بىرىمىزنى بىرىمىز تۆۋەنگە تارتىشقا ھېرىسمىز؟! مەيلى بىزنىڭ كۇلۇب ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرىنىڭ كۇلۇبى بولماي، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كۇلۇبى بولغان تەغدىردىمۇ، دۈشمەنلىك مەۋجۇد بولمىغان مۇھىتقا نېمە ئۈچۈن دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچىمىز؟! كۈندە مۇنبەردە ئاشۇ نەچچە مىڭ كلومېتىر يىراقلىقتىكى جۇھۇتلارنىڭ كۇلۇبلىرىنى دەپ بىر-بىرىمىز بىلەن قان چېچىشىپ، نۇرغۇن-نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشىپ كېتىمىز-يۇ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزدىن تەشكىللەنگەن كۇلۇبىنى بۇنداق غاجاپ-تالايمىز؟!!!!!!!!!!
تۇرۇپ بەزىدە ئۆزىمىزدىن كۆرمەي ئامالىمىز يوق ئىكەن. «يارىتىش مەندىن، يارىلىش ئۆزۈڭدىن» دېگەن سۆزگە قانچىلىغان ھېكمەت يۇشۇرۇنغىنىنى ئويلاپ باقايلى. بىزنىڭ بۇنداق بولىشمىز ھەرگىز سىرتنىڭ ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزدىكىلا مەسىلە....
مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ قۇرلارنى ئوقىغاندىن كېيىن، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|