akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 774|ئىنكاس: 18

«خاتىرە پۇتبول كۇلۇبى» ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-10 18:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 18:29  

«خاتىرە پۇتبول كۇلۇبى» ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى

640.jpg

QQ截图20140211193855.jpg
0.jpg
IMG_1696.JPG

        «خاتىرە پۇتبول كۇلۇبى» قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى پۇتبول كۇلۇبلىرى ئارىسىدا تېز كۆزگە كۆرۈنۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رايونىمىز ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە ئاز بولمىغان شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2014-يىللىق شىنجاڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كۇلۇبلىرى مۇسابىقىلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خېنەن رايونىدىكى مەملىكەت دائىرىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سىرتقى كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشتى. ۋە بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە رايونىمىز بويىچە 10 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قاتناشقان بىردىنبىر كۇلۇب بولۇپ قالدى.
كۇلۇبىمىز بۇ قېتىم رايونىمىز پۇتبولچىلىقىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، قوشۇن قۇرۇلىشىنى تېخىمۇ زورايتىش، رايونىمىز پۇتبول مايسىلىرىنى بايقاش، تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىتىدە، رەسمىي تۈردە دەسلەپكى قەدەمدىكى ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش سىنىپى تەسىس قىلدى.
تەربىيەلەش ئوبىيكتلىرى 5 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان پۇتبولخۇمارلارغا قارىتىلغان بولۇپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ياش گۇرۇپپا بۆلۈنىشى تۆۋەندىكىچە:
     1.        5 ياشتىن 10 ياشقىچە بىر گۇرۇپ.
     2.        10 ياشتىن 15 ياشقىچە بىر گۇرۇپ.
     3.        15 ياشتىن يۇقۇرىلار بىر گۇرۇپ.
     تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ كەسىپ گۇرۇپپا بۆلۈنىشى تۆۋەندىكىچە:
     1.        ۋارىتار تەربىيەلەش گۇرۇپپىسى؛
     2.        پۇتبول ماھارەت گۇرۇپپىسى؛
     تەربىيەلەش سىنىپىمىزنىڭ مەشقاۋۇللار گۇرۇپپىسى تۆۋەندىكىچە:
1. ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت.

IMG_1690.JPG

     ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت 1995 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز پۇتبول سىنىپىدا ئوقىغان. 1998 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا پۇتبول سىنىپىدا ئوقىغان. 2001 - يىلىدىن 2006 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا ئوقىغان. 2007 - يىلى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن. ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت تېرىنىر كىچىكىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى تەرەققىيات خىزمەتلىرىدە رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن كۆپلىگەن شان – شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. تۆۋەندە ئابدۇمېجىت تېرىنېرنىڭ بىر قىسىم شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە خاتىرە سۈرەتلىرى بېرىلدى:
IMG_1669.JPG
IMG_1670.JPG
IMG_1671.JPG
IMG_1672.JPG
IMG_1673.JPG
IMG_1674.JPG
IMG_1675.JPG
IMG_1676.JPG
IMG_1677.JPG
IMG_1678.JPG
IMG_1679.JPG
IMG_1680.JPG
IMG_1681.JPG
IMG_1683.JPG
IMG_1684.JPG
IMG_1685.JPG
IMG_1686.JPG
IMG_1687.JPG
IMG_1688.JPG
IMG_1689.JPG
IMG_1691.JPG
IMG_1692.JPG
IMG_1693.JPG
IMG_1694.JPG

2. شىرئەلى ئابدۇراخمان. (ۋارىتار تېرىنېرى)

IMG_1695.JPG

     شىرئەلى ئابدۇراخمان كىچىكىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 20 يىللىق ۋارىتار تارىخىغا ئىگە تەجرىبىلىك تېرىنېر بولۇپ، 2003 – يىلى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە ۋارىتار تېرىنىرلىق خىزمىتى ئۆتىگەن. بىر يىلدىن كېيىن ۋارىس پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئوخشاش تۈردىكى تېرىنىرلىق خىزمىتىنى ئۆتىگەن. ئۇ ھازىرغىچە شىنجاڭ كوماندىسى، خاتىرە پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەت دائىرىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ھازىرمۇ خاتىرە پۇتبول كۇلۇبىمىزدا تېرىنېرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
     3.        كاندىدات تېرىنېرلار:
     ئابدۇشۈكۈر بەكرى، قاسىم مۇختەرجان.
     تىزىملاش ۋاقتى: 2014 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن باشلىنىدۇ.
     تەربىيەلەش ۋاقتى: شەنبە-يەكشەنبە.
     تىزىملاش ئورنى:
    1. ئۈرۈمچى شەھەر شىنخۇا جەنۇبىي يولى لاڭرۇن تيەنچېڭ ئولتۇراق رايونى 1 – بىنا 1 – كورپۇس 301 – ئىشخانا.
    2. ئۈرۈمچى تەڭگە تاغ سودا سارىيى ئۈچىنچى قەۋەت B15 – دۇكان. (خاتىرە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى دۇكىنى)
    تىزىملىتىش تېلېفۇن نومۇرى:
   2809833 – 0991
   13999141002
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 18:24:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي 10 ياش كىچىك لىيەلىگەن بولسام ۋاراتار سىنپىدا ........................................... ئۆتۆپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 18:27:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولغاي ئوغلۇم 5ياشقا كىرگۈچە خۇتەندىمۇ قۇرلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 18:30:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىككە رەھمەت. تەھرىرلەندى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 18:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەرھال ئاكامغا تەۋسىيە قىلسام بولغۇدەك بالسمۇ ئاز قالدى 5  ياشقا كىرگلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:09:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى  كۇنى  برى  بالىسىنى  تەربىيلەيدىغان  ئۇرۇن  ئۇقۇشۇپ  بەرسەڭلا  دەۋاتقانغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 19:14:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 19:09
قايسى  كۇنى  برى  بالىسىنى  تەربىيلەيدىغان  ئۇرۇن  ئۇقۇش ...

ئۇ كىشىگە ئىشخانىنىڭ نومۇرىنى قالدۇرغان، ئۆزى جىمىپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:14:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردە قۇرۇلغان بولسا ئوغلۇمنى تەربىيلىتەكەنمەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:17:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پۇرسەتكەن، ھەممىمىز تەشۋىق قىلىپ قويايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 19:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك  بولسۇن ئىشلىرىڭلار روناق تاپسۇن، مەن خىلى بۇرۇنلا  مۇشۇنداق مەكتەپ توغرىسىدا خىيال سۈرەتتىم ، بۇ خىيالىم  سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا  رىئاللىققا ئايلىنىپتۇ،  ئاللا ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلسا سىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇتىمەن.
بۇ  شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە  بىر ھەسسە  ھەتتا مىڭ ھەسسە  پايدىلىق ئىش بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 22:20:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-11 16:45:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچىلار. تېمىنى بىر مەزگىل چوققىلاپ قويغىلى بولارمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 13:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش