ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 22:19
بېيجىڭ ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 03:45 تە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 6-ئايلانما گۇرۇپ مۇسابىقىسى بىر بۈلىكىدە ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا لودگورتىس كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. شۇنداقلا رونالدو، بېل، ئاربېلويا ۋە مېدرانىڭ توپ ئۇرىشى بىلەن رەقىبىنى يىڭىپ، شۇنداقلا ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 32 كوماندا ئىچىدىكى بىردىن-بىر 6 مەيدان تۇلۇق غەلبە قىلغان كوماندا سالاھىيتى بىلەن گورپىدىن 1-بۇلۇپ چىقتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو توپ ئۇرۇپ بېرنابو پۇتبول مەيدانىدا ئۇدا 18 مەيدان توپ ئۇرۇپ رىۋايەتلىك توپچى مارىيانو مارتىننىڭ 18 مەيدان ئۇدا توپ كىرگۈزۈش رىكورتىغا تەڭلەشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو نوقتا توپ كىرگۈزدى. دەرۋەقە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى يەنە بىر قېتىم باشقىلارنىڭ تالاش تارتىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ بىر قانچە ئەزانىڭ چەكلىنىشىگە سەۋەپچى بوپتۇ. مەن تىمىنى شۇنداقلا بارلىق ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ چىقتىم. بەزى ئىنكاسلار مىنى ھەقىقەتەن غەزەپلەندۈردى، ئېچىندۇردى.
بىر قانچە ئەزا بېل ئۈسكەن توپنى قارشى تەرەپ ئەزاسى قۇلى بىلەن تۇسۇۋالغان شارائىتتا يەنە بىر قېتىم تىپىپ كىرگۈزگەنلىكى سەۋەپلىك بۇ توپنىڭ بىلغا تەۋە بۇلىشى كىرەكلىكىنى، رونالدونىڭ نوقتا توپقا كۈچەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇنداقتا ئىنىقلا قۇلى بىلەن توپنى تۇسۇۋالغان ئەزاغا ھېچقانداق تەدبىر قوللىنىلماسلىقى كىرەكمۇ؟ ئەگەردە بىل ئىككىنجى قېتىمدا تىپىپ كىرگۈزەلمىگەن بولسىچۇ؟ نوقتا توپ ھۆكۈم قىلمامدۇ؟ ئويلاپ باقسام مەسىلە پەقەت رونالدونىڭ توپ كىرگۈزگەنلىكىدە ئىكەن. مەن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بولدۇم: دەرەخ قانچە ئىگىز بولسا شۇنچە شامالغا ئۇچرايدىكەن.
مۇنبەرداشلارنىڭ ئىسىدە بۇلىشى مۇمكىن. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 8 كۈچلۈك مۇسابىقىسى بىر بۈلىكىدە گانا كوماندىسى ئوراگۋاي كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. سۇئارىز قارشى تەرەپنىڭ كىرىپ كىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى توپىنى قۇلى بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتكەن. شۇنداقلا قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ئايرىلغان. قېرىشقاندەك گانا كوماندىسى ماھىرى نوقتا توپنى كىرگۈزەلمەي شاللىنىپ كەتكەن.
ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپ ماھىرى غەرەزلىك ( بەزىدە غەرەزسىز بولسىمۇ ئوخشاش ) توپ قول بىلەن بەدەندىن ئاجرالغان ھالەتتە بىۋاستە ئۇچراشسا نوقتا توپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئەزاسىنى قائىدىگە خىلاپ ھالەتتە پۇتلاپ يىقىتسا نوقتا توپ ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئالدىنقى كۈنىدىكى رونالدو نوقتا توپ ئۇرغان تىمىدىمۇ بەزى چېكىدىن ئاشقان، گۇمانخور بىر قانچە ئەزا سەۋەبى بىلەن تىما تاقىلىپ بارلىق ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلدى. كەمىنىنىڭ ئىنكاس يازغاندا ئويلۇشۇپ يېزىڭلار دىگەن ئەسكەرتىشى تىمىغا ئوت ياققاندەك، مادرىد مەستانىسى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئاتالمىش ھىمايىسىدەك بىلىنىپ گومانخورلارنىڭ ئوت قۇيۇشىغا سەۋەپچى بولدى. ئاتالمىش مۆتىۋەرلەر، كىچىك ئىشلارغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان ئەزالار بۇ ئىنكاسقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشتى. ئويلاب باقمىدىڭلارمۇ مۇنبەردە بىر باشقۇرغۇچىنىڭ دىگىنى دىگەن قىلغىنى قىلغانمۇ؟ ئەجىبا سىلەرچە بۇ يەردە ئادىللىق، باراۋەرلىك يوقمۇ؟ باشقا باشقۇرغۇچىلار، ئەزالار بىر بىرىنى نازارەت قىلىشماسمۇ؟ مەن يەنە بىر قېتىم تالاش تارتىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يەنە بىر قېتىم تالاش-تارتىش بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. دۇنيادا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى جىسىم مەۋجۇت ئەمەس. ئەزالارنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى، مەدەنىيەت سەۋىيسى، مىجەز-خارەكتىرى ۋە باشقىلار زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ. مەن مۇنبەردە بۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتتىم. دىمەكچى كىم بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر سىز ھاقارەت قىلغان، سىز ئازار بەرگەن ھەتتا ئاتا-ئا+نىسىنى چىشلەپ تىللىغان ئەزامۇ سىزگە ئوخشاش كوئىنلون، تەڭرى، ئالتاي تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئەركەك سۇلارنى ئىچىپ چوڭ بولغان، بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان، يۇتداش، مىللەتداش، دىنداش، قېرىنداش ئۇيغۇرلاردۇر.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە بولغان كۆز قارىشى ئاساسەن مەزكۇر كىشىنىڭ ئۆز قەلىپ دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىز گۇمانخور ئىنسان بولسىڭىز باشقىلار مەيلى كىم بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر سىزگە گۇمانخوردەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ باشقىلارغا بولغان باھايىڭىز دەل سىزنىڭ قەلىپ دۇنيارىڭىزدىن ئىبارەت! ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامى مەناسىغا نەزەر سېلىپ بېقىڭلار... |
|