ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 683 |
تۆھپىسى: سەر |
|
12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئورگان تورىدا كوماندىدىكى ياش توپچى مۇنىر بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئىلان قىلدى. لىكىن توختام ۋاقتىنى ئاشكارلىمىغان، توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى 35 مىليون ياۋرۇغا ئۆستۈرۈلگەن.
مۇنىر 1995-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ چاقنىغان ۋاقتىدا تۇرىۋاتىدۇ.
بۇ پەسىل كوماندا تىرىنىرى ئىنرىك مۇنىرنى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ئىلىپ چىققان بولۇپ، لىكىن ھەقىقى توختامغا تىخى ئىرىشمىگەن. بۇ پەسىل باشلانغاندىن بىرى مۇنىر ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 7 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. ھەمدە بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى توپىنى ئۇرغان.
مۇنىر ھازىرغىچە ھەقىقى توختامغا ئېرىشەلمىگەچكە نۇرغۇنلىغان كۇلۇبلار قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا 10 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن مۇنىرنى قوشۇۋالماقچى بولغان.
بارسىلونا كۇلۇبى ئىككى يۆتكۈلۈش بازىرى توپچى قوشۇۋالالمايدىغان بولغاچقا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇنىر بىلەن ھەقىقى تۈردە توختام ئىمزالىغان، ھەمدە توختامغا خىلاپلىق
قىلىش سوممىسىنى 35 مىليون ياۋرۇغا ئۆستۈرگەن.
بارسىلونا مۇنىر بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كىيىن بارسىلونا مەستانىلىرىمۇ خاتىرجەم بولدى.
|
|