akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1830|ئىنكاس: 45

گوللاندىيە ئۇچار ئادىمى- روبىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-10 14:46:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
robben.jpg
ئارجىن-روبىن ( Arjen Robben ) گوللاندىيەنىڭ داڭلىق پۇتبۇلچىسى، ھازىر گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىننىڭ يان ھوجۇمچىسى. ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا 11-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ. روبىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئېنگلاند، ئىسپانىيە، گىرمانىيە، گوللاندىيە بىرلەشمىلىرىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى روبىن باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2013-يىلى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل
قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە روبىن بىر توپ ئۇرۇپ بىر پاس بىرىپ بايرىن مىيۇنخىننىڭ يەنە بىر قىتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن. 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا روبىن باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. روبىن گوللاندىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 3 قىتىم دۇنيا لوڭقىسى ۋە 3 قىتىم ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئۆزى قاتناشقان 3 قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا توپ ئۇرغان. 3 قىتىم دۇنيا لوڭقىسى ۋە 3 قىتىم ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ئۇدا ياردەمچى پاس بىرىپ، گوللاندىيە پاس شاھى بولۇپ قالغان. ئۇ گوللاندىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى 2-نومۇرلۇق ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى. روبىن ھازىر گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ قالتىس چولپىنى، كىشلەر تەرىپىدىن بېرگكەمپنىڭ ئىزباسارى دەپ قارىلىدۇ.

تونۇشتۇرلىشى؛
ئىسمى؛ ئارجىن-روبىن   لەقىمى- كىچىك ئۇچار پالۋان     تۇغۇلغان ۋاقتى- 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى    ئىگىزلىكى- 181 سانتىمىتىر  ئىغىرلىقى-80كىلوگىرام

ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى
روبىن  1984-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى گوللاندىيەنىڭ بىدۇم دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان. روبىننىڭ دادىسى ھانىس شۇ يەردىكى بىر مەكتەپنىڭ فىزىكا ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئىلگىرى تەنھەركەتچى بولغان. ئاپىسى مارىئو تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. سىڭلىسى ۋىۋىئەنز گىمناستىكا تەنھەركەتچىسى ئىدى.
مۇشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلغان روبىن كىچىكىدىنلا تەنتەربىيەگە قىزىقاتتى، بولۇپمۇ پۇتبۇلغا. روبىننىڭ باشقا پۇتبۇل چولپانلىرىغا ئوخشاش پۇتبۇل تالانتى بار ئىدى، روبىن
6 ياش ۋاقتىدا بىر پۇتبۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.
روبىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تىرىنىرى ئەسلەپ ‹ ئەينى ۋاقىتتا روبىن 7 كىشلىك مۇسابىقىدە ئۆزى يالغۇز 21 توپ ئۇرغان، مەكتەپتىكى ھەممە بالىلار ئۇنىڭ بىلەن بىر گورۇپپا
بولۇشنى ئۈمۈد قىلاتتى، ئەگەر روبىن بىلەن بىر گورۇپپا بولمىسا ئۇلار توپ ئوينىمايتى. ئۇ ۋاقىتتا روبىننىڭ سۈرئىتى تىز، تىخنىكىسى ياخشى ئىدى، توپ ئۇنىڭ پۇتىغا چۈشۈپ
قالسىلا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە باشقىلارنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ ئۇراتتى › دىگەن.
12 ياش ۋاقتىدا روبىن گىرونىنگىن پۇتبۇل كۇلۇبىغا كىرگەن، كىيىن فىلىپ تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا كىرگەن.


كەسپى ھاياتى
2002-يىلى روبىن فىلىپ تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا قوشۇلغان. روبىن مۇشۇ كۇلۇبتىكى ۋاقتىدا ‹ سول يولدىكى قاتىل ›، ‹ سول يولدىكى تالانت ئىگىسى › دەپ
ئاتالغان. فىلىپ تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا قوشۇلغاندىن كىيىن روبىن سەپداشلىرى بىلەن بىللە تىرىشىپ 2003-يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا،
2004-يىلى گوللاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. كوماندىدىكى قىسقىغىنە 2 پەسىل روبىن 56 مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئۇرغان.

2004-يىلى 7-ئايدا 12مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن چىلسى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
qilsi.jpg
چىلسىغا قوشۇلغان بىرىنچى پەسىل روبىن ناھايىتى چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكەن. يەنى چىلسى كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 50 يىلدىن كىيىن ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. روبىن بىلەن دافتىن شەكىللەنگەن ھوجۇم كۈچى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان. مورىنىئونىڭ تەربىيلىشى ئاستىدا روبىن تىخىمۇ ئالغا باسقان،
ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە 18 مەيدان مۇسابىقىدە 7 توپ ئۇرۇپ، ھوجۇمچى كىزماندىن ئىشىپ كەتكەن.
چىلسىدىكى ۋاقتىدا ئۇزغۇنلۇقنىڭ چېمپىيونلىقىدىن باشقا ھەممە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن. 2006-2007-مۇسابىقە پەسلى يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى روبىن چىلسىدىن ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىدقا يۆتكەلگەن. يۆتكۈلۈش ھەققى 36 مىليون ياۋرۇ بولغان.
huangma.jpg
مادرىدقا قوشۇلغاندىن كىيىن توختىماي يارلىنىپ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن. 2007-2008-مۇسابىقە پەسلى 23 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 5 توپ ئۇرغان. مادرىدتىكى ۋاقتىدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.
2009-يىلى مادرىد كاكا ۋە كىرىستىيانو-رونالدونى قوشۇۋالغان. ئۇلار قوشۇلغاندىن كىيىن روبىن ئۆز ئورنىنى يوقاتقان. ئۇزۇنغا قالماي گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار
بايرىن مىيۇنخىنغا 25 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن قوشۇلغان.

2009-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا روبىن مادرىدتىن ئايرىلىپ 25 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن بايرىن مىيۇنخىنغا قوشۇلغان.
bayren.jpg
بايرىنغا قوشۇلغان بىرىنچى پەسلى 37 مەيدان مۇسابىقىدە 23 توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ توپ ئۇرۇش شاھى بولۇپ قالغان. ھەمدە كوماندىنىڭ گىرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە
گىرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىشىگە تۆھپە قوشقان. ئۇزغۇنلۇقنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە روبىن 4 توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئىلىپ
كىرگەن. لىكىن ھەل قىلغۇچتا خەلقئارا مىلەنگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلىقىغا ئېرىشەلمىگەن.

2010-2011-مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى يىرىمىدا روبىن يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. كىيىنكى يىرىم پەسلىدە 17 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ ئۇرۇپ
12 ياردەمچى پاس چىقارغان ھەمدە شۇ پەسىللىك ياۋرۇپا ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن. شۇنى تەكىتلەپ كىرەككى روبىن شۇ پەسىل ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە
كىرگەن بىردىنبىر گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى توپچى.
2011-2012-مۇسابىقە پەسلى روبىن بىرلەشمىدە 36 مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ ئۇرغان. ئۇزغۇنلۇقنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرىدقا بىر توپ ئۇرۇپ
مادرىدنى شاللاپ كوماندىسىنى يەنە بىرقىتىم ھەل قىلغۇچقا ئىلىپ كىرگەن. ھەل قىلغۇچتا كونا ئائىلىسى چىلسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

2012-2013-مۇسابىقە پەسلى روبىن يارلىنىپ كۆپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. يارىسى ساقىيىپ مەيدانغا چىققان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ( گىرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسى ) دورتموندقا بىردىنبىر توپنى ئۇرۇپ كوماندىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇزغۇنلۇقنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە روبىن مىھمان ھەم ساھىبخان مەيدان
مۇسابىقىدە بارسىلوناغا توپ ئۇرۇپ بارسىلونانى شاللاپ يەنە بىر قىتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە روبىن سەپدىشىگە پاس بىرىپ سەبدىشى توپ ئۇرۇپ رەقىبىنى شاللاپ بايرىن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
logka.jpg
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى روبىن 45 مەيدان مۇسابىقىدە 21 توپ ئۇرغان. بۇ پەسىل روبىن بايرىنغا ۋاكالىتەن ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان پەسىل بولۇپ قالغان.
گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە روبىن دورتموندقا 2 توپ ئۇرۇپ رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىشقا چوڭ تۆھپە قوشۇپ، گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. شۇ پەسىل گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›، بايرىن كۇلۇبىنىڭ ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
bay.jpg


دۆلەت كوماندىسى
2003-يىلى 4-ئايدا روبىن دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان. 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيە بىلەن پورتىگالىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە 19 ياشلىق روبىن
تۇنجى قىتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان.

2004-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى
2004-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسى يىڭى بىر چولپاننى كۈتىۋالغان، ئۇ بولسىمۇ روبىن. گورۇپپا مۇسابىقىسىدە روبىن 3 مەيداندا 3 ياردەمچى پاس بىرىپ
گوللاندىيەنىڭ گورۇپپىدىن چىقىشىغا ياردەم بەرگەن. شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ شىۋىتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە نوقتا توپ جىڭىگىچە داۋاملاشقان، روبىن نوقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ كوماندىسىنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىشىگە ياردەم بەرگەن. ھەمدە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ نوقتا توپ قارا چۈشىنى بىچىت قىلغان.
ouzhou.jpg

2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى
2006-يىلى گوللاندىيە بىلەن سىربىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە روبىن دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرغان. شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا گوللاندىيە ئوڭۇشلۇق گورۇپپىدىن چىققان بولسىمۇ ئۇزۇنغا چاپالمىغان.

2008-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى
بۇ قىتىملىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا گوللاندىيە گورۇپپا مۇسابىقىسىدە تولۇق ئۇتۇپ گورۇپپىدىن چىققان لىكىن شاللاش باسقۇچىدا روسىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كىتىپ
سەپىرىنى بالدۇرلا ئاخىرلاشتۇرغان.

2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى
بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان. گورۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماي گورۇپپىدىن 1-بولۇپ چىققان.
16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە روبىن بىلەن سىينىدىر بىردىن توپ ئۇرۇپ سىلوۋاكىيە كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. 8 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە بىرازىلىيە بىلەن تۇتۇشقان، مۇسابىقە جەريانىدا روبىن قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىپ سىينىدىرغا پاس بەرگەن، سىينىدىر 2 توپ ئۇرۇپ بىرازىلىيە كوماندىسىنى
شاللىۋەتكەن. يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3-2 نەتىجە بىلەن ئۇراگۋاي كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇسابىقىنىڭ 116-مىنۇتىدا ئىنىستانىڭ ئۇرغان بىردىنبىر توپى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.
2010.jpg

2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى
بۇ قىتىملىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغان، ئۈچ مەيدان گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرۋەتكەن. گوللاندىيە كوماندىسى پەقەت 2 توپ ئۇرغان، روبىن بىر پاس چىقارغان.  ئۈچ قىتىملىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا روبىن 5 ياردەمچى پاس چىقارغان. ھەمدە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ياۋرۇپا
لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ ياردەمچى پاس چىقارغان توپچىسى بولۇپ قالغان.

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى
بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا روبىننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان. ئالدىنقى قىتىملىق رەقىبى ئىسپانىيە كوماندىسىنى 1-5 نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىدە روبىن 2 توپ
ئۇرغان. 3-2 نەتىجە بىلەن ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇرغان، چىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە روبىن يارلانغاچقا مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.
گوللاندىيە كوماندىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلبە قىلىپ بىرىنچى بولۇپ گورۇپپىدىن چىققان. 16 كۈچلۈكتە مىكسىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە روبىن بىر نوقتا توپ
پۇرسىتى يارىتىپ 2-1 نەتىجىدە مىكسىكا كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. 8 كۈچلۈكتە روبىن ئۆزى يالغۇز قارشى تەرەپ ئەزاسىدىن 4 توپچىنىڭ سىرىق كارتىغا ئېرىشىشىگە سەۋەب بولغان، ئەڭ ئاخىرى نوقتا توپ جىڭىدە رەقىبىنى يىڭىپ 4 كۈچلۈككە كىرگەن. يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نوقتا توپ جىڭىدە گوللاندىيە كوماندىسى ئارگىنتىنا
كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئۈچۈنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە روبىن مۇسابىقە باشلىنىپ 2 مىنۇت بولغاندا نوقتا توپ پۇرسىتى ياراتقان، ئاخىرىدا گوللاندىيە 3-0
نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. روبىن FIFAنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن.
u=781535587,3145571676&fm=21&gp=0.jpg


ئېرىشكەن ئاساسلىق شان-شەرەپلىرى
2003-يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يىڭى توپچى ›
2005-يىلى ‹ ياۋرۇپا 21 ياشلىقلار پۇتبۇل ئەپەندىسى ›
2009-2010-، 2013-2014-مۇسابىقە پەسلى گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›
2010-،2014- يىللىرى دۇنيا لوڭقىسى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى ›
2010-يىلى ‹ گىرمانىيە پۇتبۇل ئەپەندىسى ›
deguo.jpg
2013-يىلى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ‹  ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›
2014-يىلى گوللاندىيە ‹ يىللىق  ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى ›


كۇلۇبتا ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى
2013-يىلى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2010-،2012-يىللىرى  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى
2002-2003-مۇسابىقە پەسلى گوللاندىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى
2003-2004-مۇسابىقە پەسلى گوللاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى
2004-2005-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2004-2005-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى
2005-2006-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2006-2007-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2007-2008-مۇسابىقە پەسلى ئىسسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2008-2009-مۇسابىقە پەسلى ئىسسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى
2009-2010-مۇسابىقە پەسلى گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2010-2011-مۇسابىقە پەسلى گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى
2012-2013-مۇسابىقە پەسلى گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى
2012-2013-مۇسابىقە پەسلى گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى

دۆلەت كوماندىسىدىكى ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى
2004-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ئۈچىنچىلىككە
2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە
2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچىنچىلىككە

تۇرمۇشى
روبىننىڭ ئايالى بىنادىئىن ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، ئىككىسى 7 يىل مۇھەببەتلىشىپ 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيەدە توي قىلغان.
toy.jpg
روبىننىڭ ھازىر بىر ئوغۇل، بىر قىزى بولۇپ، ئوغۇل-قىز ھەممىسى تولۇق. روبىن ھازىر ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە باللىرى بىلەن مىيۇنخىندا تۇرىۋاتقان بولۇپ، روبىن ‹ مەن بۇ يەردە ناھايىتى راھەت ياشاۋاتىمەن، مەن ھازىر بەك بەخىتلىك  › دىگەن.
bala.jpg
helan.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +350 تۆھپە +5 شۆھرەت +5 تەجرىبە +5 تىللا +10 يىغىش سەۋەبى
shemsherwaz + 10 ناچار
januzay + 50 قالتىس!
ھەمراھ + 50 ئەجىرلىك تىما
جاغىستاي120 + 50 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 + 5 + 5 + 5 قالتىس!
پەرۋەر + 50 ئەجىرلىك تىما
XATKAR886 + 50 قالتىس!
داۋىس + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 14:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبىنىڭ ئوڭدىن چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ سول پۇت بىلەن ۋارتاغا توپ ئۇرۇشنى بەك خەتەرلىك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 14:51:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلدىن قالسا ئەڭ تىز يۈگرەمدىكى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 14:52:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 14:48
روبىنىڭ ئوڭدىن چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ سول پۇت بىلەن ۋ ...

شۇ چەكلەنگەن رايونغا ئەكىرىپلا يانغا بىرتارتىپ تىپىدىغان خۇيى بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 14:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتتا ئۇزۇن تۇرالمىغان يېرى بار بۇنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 15:02:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبىندا سۈرئەتمۇ بىركىشلىك با
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 15:02:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبىندا سۈرئەتمۇ بىركىشلىك با
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 15:03:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رۇبىننىڭ تارىخىنى بۇنچۇۋالا تۇلۇق بۇلمەيتىم ،بۇگۇن يەنە بىربىلىمغا ئ‍ىگە بۇلدۇم ، تىما ئ‍ىگىسىگە رەخمەت …
نادىر تىما !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 15:07:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولەت   كوماندىسىدىكى   ئىپادىسى   مېنى   تاڭ   قالدۇردى ،     بەكلا  قاتىل   توپچىكەن   ،  ئىشقىلىپ   مېسسدىن   قالسا   مان   بەك  قايىل   بۇنىڭغا    اا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 15:07:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولەت   كوماندىسىدىكى   ئىپادىسى   مېنى   تاڭ   قالدۇردى ،     بەكلا  قاتىل   توپچىكەن   ،  ئىشقىلىپ   مېسسدىن   قالسا   مان   بەك  قايىل   بۇنىڭغا    اا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 15:16:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دۆلەت كۇماندىسىدا بەك ئسىل  ئوينىۋىتىدۇ   خېلى خېلى كۇماندىلارنىڭ باش ئاغرىقى بۇ يىتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-10 15:16:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دۆلەت كۇماندىسىدا بەك ئسىل  ئوينىۋىتىدۇ   خېلى خېلى كۇماندىلارنىڭ باش ئاغرىقى بۇ يىتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 23:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش