ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 891 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 06:41
بۈگۈن سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى 1:45 تە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بۇلغارىيە لودوگورتىس كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو بىر نوقتا توپ، بېلنىڭ بىر كاللا توپ ئۇرۇشى، ئاربىلويانىڭ بىر توپ ئۇرۇشى ۋە مېدراننىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن 4-0 نەتىجدە غەلبە قىلدى. خانلىق مادرىد كوماندىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە تۇلۇق غەلبە قىلىپ گورۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ بولدى. ھەرقايسى مۇسابىقلەردە ئۇدا 19 مەيدان غەلبە قىلىپ ئىسپانىيە پۇتبول تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
بۈگۈن سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى 1:45 تە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا يۇۋىنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا مادرىد ئاتلىتكىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە شۇنداق كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى تەرەپ شۇنداق كۈچلۈك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ نەتىجىدە بىرمۇ توپ كىرمەي 0-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى. بۇ ئىككى كوماندا شۇنداق قىلىپ قول تۇتۇشۇپ گورۇپپىدىن چىقىپ كەتتى.
بۈگۈن سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى 1:45 تە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا لېۋىرپول كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا باسېىل كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە باسېىل كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتىۋالدى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 61-مىنۇتىدا لېۋىرپولدىن قىزىل كارتا بىلەن 10 ئادەم قالدى. 81-مىنۇتىغا بارغاندا لېۋىرپولنىڭ كاپىتانى جىرراد بىر ئىختىيارى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كىيىن شۇنداق كۈچىگەن بولسىمۇ يەنىلا نەتىجە ئۆزگەرمىدى. شۇنداق قىلىپ لېۋىرپول كوماندىسى گورۇپپىدىن چىقالماي، ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈردى. باسېىل بولسا گورۇپپىدىن 2-بولۇپ چىقىپ كەتتى.
بۈگۈن سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى 1:45 تە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا ئارسىنال كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گالاتاساراينى كۈتىۋالدى. ئارسىنالدىن پودولىسكى بىلەن رامسىينىڭ 2 دىن توپ ئۇرۇشى ۋە گالاتاسارايدىن سىنىيدىرنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن ئارسىنال 4-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ، گورۇپپىدىن 2-بولۇپ چىقتى.
بۈگۈن سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى 1:45 تە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا دورىتمونىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئاندېرخېلىت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىرمۇ توپ ئۇرالماي ئاياقلاشتى. 58 مىنۇت بولغاندا نۇرشاھىننىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن ئىمموبىلىي بىر توپ ئۇردى. 84 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ بىر توپ قايتۇرۋېلىپ نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى. دورىتمونىد كوماندىسى گورۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى.
باشقا مۇسابىقىلەر:
موناكو 2 - 0 زىننىت
ئولىمپىياكۇس 4 - 2 مالمو
|
|