ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 983 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 22:11
ە ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، مۇنبىرىمىزدە بۇ ئويۇننى ئوينايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ ،شۇنداقلا بۇ ئويۇنغا نىسبەتەن يېزىلغان تېما ۋە سورالغان سوئاللارمۇ جېقىيىپ قاپتۇ، ئەلۋەتتە ،تور ئويۇنىغا بېرىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، لېكىن پۇتبول مۇنبىرى بولغانلىقى ئۈچۈن پۇتبول ئويۇنلىرى توغرىسىدا مۇنازىرە بولغىنىمۇ ياخشى ئىش ،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەرداشلارنىڭ چۈشەنمىگەن يەرلىرى ۋە يولۇققان مەسىلىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ جاۋاب بېرىش ۋە ھەل قىلىش يۈزىسىدىن بۇ تېما يېزىلدى ، تورداشلارنىڭ بۇ ئويۇنغا نىسبەتەن سورايدىغان سوئالى بولسا مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە سورىسا ،جاۋابى تېمىغا (ئىنكاسقا ئەمەس ) جاۋاب بېرىلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ ھەجىملىك سوئال جاۋاب تېمىسى چىقىدۇ دېگەن گەپ ،ئەمما ،سوئال سوراشتىن بۇرۇن تېمىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ ،سورىلىپ بولغان ،ھەمدە جاۋابى تېمىغا تەھرىرلىنىپ بولغان سوئاللارغا يەنە قايتا جاۋاب بېرىلمەيدۇ .سوئال سورىلىش دائىرىسى ئويۇندا ئۇچرىغان مەسىلىلەر، توپچى تاللاش، توپچى ئورنىنى تاللاش توپچى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىقلار بولسا بولىدۇ.
سوئالغا جاۋاب بەرگەندەMRP گۇرۇپپىمز جاۋاب بېرىدۇ.MRPگۇرۇپپىمىزدا بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقىلى بىر يلىدىن ئاشقان ،ھەمدە دۆلەت مۇلازىمىتىرىدىن باشقا كورىيە مۇلازىمىتىرى ۋە سىنگاپور مۇلازىمىتىرىنى ئوينايدىغانلارمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئويۇنغا نىسبەتەن چۈشەنچە بىر قەدەر ياخشى دەپ ئويلاپ مۇنبەرداشلارغا جاۋاب بەرمەكچىمىز.ئادەتتە جاۋاب 24سائەتتىن 48 سائەتكىچە جاۋاب بېرىلىدۇ،ھەمدە تېمىغا تەھرىرلىنىپ مېڭىلىدۇ.ھەمدە جاۋاب بېرىلگەن كۈن چىسلاسى بويىچە تېما ماۋزۇسىغا تەھرىرلىنىدۇ.
جاۋاب ئىشەنچلىك،سوئال مەزمۇنىغا قاراپ بەزى سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىمىز، لېكىن بەزى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە سەۋەبىنى بىرمۇ بىر يېزىپمۇ يۈرمەيمىز،سوئالىڭىزغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىپ ،سەۋەبىنى چوڭقۇرلاپ جاۋاب بەرمىسەك رەنجىمىگەيسىز.
بىلىمىمىز چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن ،مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ھەمدە ئەيىبكە بۇيرىماسلىقىنى سورايمىز.
ئۇنداقتا ،مۇشۇ يېقىندا ئەڭ كۆپ سورىلىۋاتقان سوئاللاردىن باشلايلى :
بۇ ئويۇن يېڭىلانغاندا 13 نىڭ كارتىسى 14 كە ئۆزگىرەمدۇ ياكى 14 نىڭ يېڭى كارتىسى چىقامدۇ؟
جاۋاب: 13 نىڭ كارتىسى 14 كە ئۆزگىرىدۇ.
بۇ ئويۇننى قانداق چۈشۈرىمەن؟
چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://eafifa.qq.com/web201404/download.shtml
توپچىلىرىمدىن بىرى ياكى بىر قانچىسى ئۆچۈرىلىدىكەن ،سېتىۋەتسەم بولارمۇ؟
ساتماڭ، چۈنكى تېڭشۈن ئۆچۈرىۋەتكەن توپچىلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ، تولۇقلىمىنىڭ قانداق نىسبەتتە بېرىلىدىغىنى ئېنىق بولمىسىمۇ،لېكىن ساتقاندىكى باج ۋە ئەرزان باھادا ساتقىنىڭىزدىن تولۇقلىما ئالغىنىڭىز كۆپرەك توختايدۇ.
ئىختىيارى توپ تېپىشنىڭ بىرەر ھۆنەر -سەنئىتى بارمۇ ؟ قايسى قايسى كۇنۇپكىلارنى بېسىپ تەپسەك كىرىش نىسپىتى يۇقىرى بولىدۇ ؟
ئىختىيارى توپ تەپكەندە نىشاننى توغرىلىغاندىن كېتىن ،ئۆزى خالىغان تېپىش، يەنى ئادەتتە ياي چىقىرىش كۇنۇپكىسى (自定义射门) كۇنۇپكىسى+ ئۈستى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن كۈچنى 30%-45% كىچە بېرىپ تەپسىڭىز ياخشى چۈشىدۇ.
توپچى كۈچەيتكەندە تەلەي ئامىلى مۇھىممۇ ياكى بەلگىلىك ۋاقىت -شارائىت لازىممۇ ؟
توپچى كۈچەيتىشنىمۇ تەۋسىيە قىلمايمىز، كوماندىڭىز پۈتۈنلەي چولپانلارغا تولغاندىن كېيىن كۈچەيتىڭ ،چۈنكى ئادەتتىكى توپچىلارنى قانچىلىك كۈچەيتسىڭىزمۇ يەنىلا چولپانلاردەك ئوينىيالمايدۇ.ئوينىيالايدىغان ھالەتكە +7 ياكى +8 ھالەتكە ئەكەلسىڭىز ئۇ ھالدا سىزنىڭ چىقىمىڭز بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. سوئالنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، توپچى كۈچەيتكىنىڭىز تەلەي ئامىلى+ نىسبەت ئامىلى . بەلگىلىك شارائىت ياكى كۈچەيتىش فورمىلاسى دېگەنلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ.
كارتا ئېچىشنىڭ قانۇنيىتى بارمۇ ياكى بۇمۇ تەلەيگە باغلىقمۇ ؟
كارتا ئېچىشنىڭ قانۇنىيتىمۇ يوق ، بۇمۇ پۈتۈنلەي تەلەيگە باغلىق. ئەگەر قانۇنىيىتى بار بولسا، تېڭشۈن ھەرگىز بۇ ئويۇنغا ۋاكالەتچى بولمايتتى.
مىنىڭ دەسلەپ قۇرغان كوماندامنىڭ دەرىجىسى 38ئىدى،يەنە بىر كوماندا قۇرىدىغان يىرى باركەنتۇق شۇ يەردىن يەنە بىر كوماندا قۇرسام ئالدىدىكى كوماندام يوقاپ كەتتى شۇنى ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولامدۇ؟
سوئالىڭىز سەل مۈجمەل بولۇپ قاپتۇ ،لېكىن مۇشۇ مۇناسىۋەتتە ئىككىنچى تېرىنىر قۇرۇش توغرىلىق سۆزلەپ ئۆتەي، ئىككى تېرىنىر قۇرالايسىز، ئىككى تېرىنىرنىڭ مەبلىغى بىر ،ئىككى تېرىنىرنى ئۆچۈرۋەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆچۈرىۋىتىپ بولغاندىن كېيىن 72 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرمىسىڭىز ئۇ ھالدا بۇ تېرىنىرىڭىز پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كېتىدۇ ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
3-3 ئوينىغاندا نىمىشقا ئويۇناۋاتساق ئوياندىن چىكتىپ قالىدۇ؟
ئويۇندىن چېكىنىپ كېتىشى سىزنىڭ تور شارائىتىڭىز ۋە قاتتىق دېسكا شارائىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
قالغان سوئاللار ئىنكاستا سورالغان سوئاللارغا ئاساسەن تېمىغا تەھرىرلىنىدۇ.
|
|