ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇپلا خالىغانچە كۆچۈرسە بولامدا؟ تېمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى باشقا تور بېكەتكە كۆچۈرۈپ چاپلايدىغانغا ئىجازەت بەرگەنمىدۇ؟
بولۇپمۇ مۇنبىرىمىز ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلىغان ھالدا باشقا تور بېكەتلەرنىڭ خەۋەر تېمىلىرىنى كۆچۈرۈشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. تېمىلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يازالايدىغان، ياكى باشقا تىل-يېزىقتىكى تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغان تورداشلار مۇنبىرىمىزدە ھېچقاچان كەم بولۇپ باققان ئەمەس. ئامال بار ئۆزىمىزنىڭ ئانا-تىل يېزىقدىكى قوشنا تور بېكەتلەردىن تېما كۆچۈرمەڭ، چۈنكى بۇ مۇنبەرگە باشقا يەردىن كۆچۈرمسىڭىزمۇ ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقىنى راۋان ئوقۇيالايدىغان ھەر قانداق بىرسى ئاشۇ تور بەتتىن ئۆزى خالىغانچە كۆرۈۋالسا بولىدۇ. ئەمدى باشقا تىل-يېزىقتىكى تور بەتتىن خەۋەر ۋە باشقا مەزمۇندىكى تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللىسىڭىز بۇ باشقا گەپ، چۈنكى سىز بىلگەن باشقا تىل-يېزىقنى ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئۆزىڭىزنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئەمگىكىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنى مەنپەتلەندۈرۈش ياخشى ئىش، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ قىلۋېلىش ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش نومۇسلۇق ئىش. |
|