ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بېككىنبور: كەلگۈسىدە رېپىرلىق خىزمىتىنى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارئۆتەيدۇ.
پۇتبول ئاتىسى بىككىنبورنىڭ قارىشچە، گەرچە بۈگۈنكى كۈندە پەن تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە رىپىرلىق خىزمىتىنى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۆتەش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.
گىرمانىيە بىرلەشمىسى كىيىنكى پەسىلدىن باشلاپ «ۋارىتار سىزىقى» تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ماقۇللاپ بولدى. بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مۇسابىقىنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
پۇتبول ئاتىسى بىككىنبور ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: « گەرچە بۈگۈنكى كۈندە پەن تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلار رىپىرلىق قىلىشى مۇمكىن.بىز بىر پەن تېخنىكىغا تولغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. كەلگۈسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە پەقەت «ۋارىتار سىزىقى»تېخنىكىسىلا ئىشلىتىلمەيدۇ، ئېھتىمال كەلگۈسىدىكى مەلۇم ۋاقىتلارغا كەلگەندە، پۇتبول مۇسابىقىلىردە رېپىرلارنىڭ كېرىكى قالماسلىقى مۇمكىن، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلار مەيداننىڭ ھەربىر يەرلىرىنى ناھايىتى ئىنىق قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ».
(توپچىلارغا بېردىغان جازا كارتىلىرىنى پاراشوت بىلەن تاشلاپ بېرەمدىكىنە )
«مىنىڭ قارىشىمچە، ئېھتىمال كەلگۈسىدىكى مۇسابىقىلەر مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتقا بارغاندا مەن بۇ دۇنيادىن ئاللىبۇرۇن خوشلىشىپ بولىمەن، بۇ ئىشلار باشقىلار تەرىپىدىن ھۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن» دەپ ئېيتقان.
ئۇ ئاخىرىدا يەنە بۇ پەقەت ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ئىكەنلىكىنى، خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ قويغان.
|
|