elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1160|ئىنكاس: 31

خان مادرىد كوماندىسىنىڭ يېڭى ئەسىرىدىن بۇيانقى ئەڭ ياراملىق 25توپ.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 19:20  

ئۆزەم پەرەز قىلغان بويىچە 25 ئادەمنى تىزىپ چىقتىم، چوڭ تېزىملىك 25 كىشلىك بولغاچقا 25ئادەمنىلا تاللىدىم
ۋارتار1. كاشىلىياس 1.png
كاشلىياسقا نىسبەتەن ئارتۇرقچە سۆزلەش ھاجەتسىز. شەك شۈبھىسىزكى ئۇ مادرىد تارىخدىكى ئەڭ قالتىس ۋارتار. ئۇ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەڭ قالتىس سەپ شەكلىدە بار بولغان بىردىن بىر توپچى. مادرىدقا ياردەملىشىپ 8- ۋە 9-قېتىملىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن توپچىلاردىن كۆپىنچىسى مادرىدتىن ئايرىلدى ،ياكى ئاساسەن دېگۈدەك چېكىنپ بولدى.لېكىن 10- قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى تۆھپىكارلاغا قارايدىغان بولساق قولىغا كوماندا يەڭ بەلگىسىنى تاقىغان كاپىتاننىڭ مادرىدنىڭ دەرۋازىسىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.مادرىد ئۈچۈن ياشلىق ھاياتىنى بېغىشلىغان بۇ كاپىتانغا ھۆرمەت. ئۇ مادرىد ۋە ئىسپانىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس ۋارتار .
بېكلەر2. ئىۋان خېرگۇرا 2.png
مادرىدتىكى قالتس ئوتتۇر بېك ، ھېرروغا ئوخشاش ئارقا بەلدىن ئوتتورا بېكقا ئالماشقان توپچى، مۇداپىيەسنىڭ قاراملىقى بىلەن مەشھۇر.مادرىد ئامالسىز قالغان ۋاقىتلاردا ھالقىلىق توپ ئۇرۇپ مادرىدنى غەلبىگە باشلىغان توپچى بولۇپمۇ 2001-2002 مۇسابىقە پەسلىدە ساھىبخان مەيداندا بەيرېنگە ئۇرغان توپى ناھايىتى قىممەتلىك ئىدى. 8 يىللىق مادىرد ھاياتىدا 30 توپ ئۇرغان، ھازىرقى راموسمۇ دەل شۇنىڭ مىجەزىنى تارتقان.
3. مارسېلو 3.png
ئۆز ۋاقتىدا جەنۇبى ئامرىكىدىكى ئۈچ ياشنىڭ ئىچدە ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغىنى مارسېلو ئىدى،لېكىن ئەڭ ئۇقۇق قازانغىنىنىڭ مارسېلو بولىدىغىنىنى كىممۇ ئويلاپ باققان. يەنە كىلىپ كوماندىدىكى ئۈچۈنچى كاپىتان.ئۆز ۋاقتىدا ئالدى مۇداپىئە ۋە ئارقا بەل ئوينىغان مارسىلو مادىرىقا كەلگەن ھامان سول بېكلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، مۇداپىئەدە سەل يوچۇق كۈرنگەندەك قىلسىمۇ لېكىن ھۇجۇمغا بولغا پايدىسى، توپ ئېلىپ مېڭىشلىرى، ئۆلچەملىك پاس بېرىش قاتارلىق ماھارەتلىرى بىلەن ھازىرقى زاماندىكى بىرنچى سول بېك قاتارىغا تىزىلغان . بولۇپمۇ 2013-2014 مۇسابىقە پەسلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇرغان بىر توپى بىلەن دۈشمەنلەرنى پۈتۈنلەي ئەل قىلغان. ماھارىتى بۇرۇنقى ماھىرلارغا يەتمىسىمۇ ، داۋاملىق شۇلارغا يىتىش ، ئۇلاردىن ئېشىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىدۇ.
4.مېركىل سالگادو 4.png
ئىلگىركى رەئىس سانس نىڭ كۈيئوغلى يېڭى ئەسرىدكى مادرىدنىڭ ئەڭ ياخشى ئوڭ بېكى، كارلوسنىڭ مادرىدا بولىشى سەۋەبلىك مەيدانغا كۆپ چىقالمىغان.لېكىن ھۇجۇمغا بولغان پايدىسى كۆپ،پاس بېرىشتە راموستىن يۇقىرى تۇرىدۇ.فىلورىندىنو ئىككىنىچى قېتىم رەئىس بولغاندا كوماندىدىن ئايرىلغان.
5.سېرگىرو راموس 5.png
راموس پۇتبول دۇنياسىدىكى قىززىق نوقتىلىق مۇداپىيەچىللىنىڭ بىرى بۇلۇپ قېلىشى ئۇنۇڭغا بولغان بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتكەن شۇنداقتىمۇ ئۇ قەتئى بۇشاشماسلىق روھىنى يۇقۇتۇپ قويمىدى، دۆلەت كۇماندىسى ۋە كۇلۇپتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزالارنىڭ بىرى بۇلۇشى ئىپادىسىنىڭ تۇراقلىق بۇلىشى راموسنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقرى پەللىسنى  كۈتىۋالدى . بولۇپمۇ 10- لوڭقىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى دېيىشكە بولىدۇ.
6.فىرنەندو ھېررو 6.png
سانچېز چېكىنگەندىن كېيىن كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى كاپىتان .ئىسمى جىسمىغا لايىق پولات ئەزىمەت (ئىسمىنىڭ تەرجىمىسى پولات دىگەن مەنىدە).يىڭى ئەسىردىكى ئۈچ يىلدا ئارقا سەپ ئۇنىڭ تېخنىكىسى ۋە توپ تارتىۋلىشىنىڭ قالتسلىقى بىلەن تېخمۇ مۇكەممەل بولغان. ئىختىيارى توپ ۋە ئۇزۇن پاس جەھەتتىكى تالانتىمۇ خېلىلا ياخشى.
7.فابىئو كاناۋارو 7.png
يۇۋېنتۇسنىڭ تېلىفۇن ۋەقەسى ۋە كاپررو نىڭ مادرىدقا تېرنىر بۇلۇشى بىلەن مادرىدقا قېتىلغان.2006- زىدانىنى ئۆزى بىر قوللۇق مۇداپىئە قىلىش بىلەن دۆلىتىنى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈرگەن.كاناۋارونى سۈپەتلەيدىغان بولساق ئۇنىڭ مۇداپىيەسى ھۇجۇمچىلارنىڭ قارا چۈشى،ئۇنىڭ مەيداندىكى تەمكىنلىكى،مەيداندىكى ئۇيۇشۇشچانلىقى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى ئارقىمۇ- ئارقا ئىككى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى قىلغان .
8.پې پې 8.png
30 مىلىيون يۇقىرى باھا بىلەن مادرىدقا قېتىلغان پې پې نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇمانلاندۇرۇپ قويغان، لېكن كوماندىغا كېلىپ تۇنجى قېتىملىق دۆلەت دېربىىسىدا ئېيتو بىلەن رونالدىنخونى مېخلىۋەتكەن پې پې ئۆزىنىڭ شۇ باھاغا يارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. كاناۋارومۇ ئەگەر پې پې بىلەن ئۇزۇنراق توپ تېپىشكە پۇرسەت بولغان بولسا ئىككىمىزدىن تەشكىللەنگەن مۇداپىئە سېپى تارىخقا يېزىلغان بولاتتى دىگەن. بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق قاراملىق قىلىپ قويسىمۇ لېكىن ھالقىلىق ۋاقتىلاردا ئۆزىنى ئىسپاتلىيالادۇ.
9.روبېرتو كارلوس 9.png
كونتىراۋ بىلەن مارسىلو ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق سول بېك. لېكىن مەيلى ئىقتىدار ياكى نەتىجە جەھەتتىن بولسۇن ئۇلار بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا شاگىرت ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇن يىل مادرىد سول بېكنىڭ خوجىسى بولغان بىرازىلىيەلىك كارلوس.بىر سول بېك تۇرۇپ ئالتۇن توپ ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىلىك مۇكاپاتىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئۇنى مەغلۇب قىلغىنى بولسا تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدو. يىراق ئارلىقتىن توپ ئۇرۇش ۋە تېزلىكتە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ.
06-07 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەنلىكىدىن مۇسابىقە باشلىنىپلا توپ كىرىپ كەتكەن،لېكىن كېيىن ھالقىلىق بىر توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرگەن.مۇسابىقە پەسلى ئاخرىلاشقاندىن كېيىن كۇلۇپ بىلەن بىرلىككە كېلەلمەي ئون يىللىق مادرىد ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
ئوتتۇر مەيدان10.داۋىد بېكخام 10.png
ئىختىيارى توپ ۋە ئۇزۇن پاس ئۇستىسى.ئۇ ھەممىنىڭ چۇقۇنىدىغان ئوبىكتى ئەمەس،ھەم  قېلىچتەك ھۇجۇمچى  ئەمەس  پەقەت ئاددى پۇتبولچى خالاس. ئۇ ئېنگىلادنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى توپچىسى .ئىلگىرى مادىرىدقا ياردەملىشىپ نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
11.لۇيىس فېگو 11.png
2000- يىلى فېگو رېكورت يارىتىپ ئەشەددى دۈشمەن  بارسېلونا كوماندىسىدن يۆتكۈلۈپ كەلگەن. فولورىندىنونىڭ سامان يولى جەڭ كېمىسىنىڭ بىرىنچى ئوقى،كەلگەن تۇنجى يىلىلا ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ، ئۇزغۇنلۇقتا تۆت كۈچلۈككىچە كىرگەن. ئاشۇ يىللىق ئىپادىسىگە تاينىپ خان مادرىد كوماندىسىدىكى تۇنجى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ، بارسېلونانىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان.
12.زىدانى 12.png
مادرىد مەستانىلىرىنىڭ قارشىدا زىدانى پەقەت رىۋايەتلىك چولپان دىستىفانونىڭ كەينىدىلا تۇرغان . ئۇنىڭ توپ تەپكىنىنى ، توپ ئېلىپ ئادەم ئالداشلىرىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ھوزۇر.ئۇ مادرىدقا قوشۇلغان يىلى ئۆزىنىڭ ئۇچقۇر توپى بىلەن مادىرىدنى 9-قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن.ئىككىنچى يىلىلا بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە  ئۈچۈنچى قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .چېكنگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېين ئۈزىنىڭ توختامدىكى قېلىپ قالغان بىر يىللىق ئىش ھەققىدىنمۇ ۋاز كېچىپ كۆپنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.ئاخىرىدا زىدانىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى خان جەمەتى مادرىتتىكى خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى شۇنداقلا بالىسى ئىنزو نىڭ زىدانىنىڭ ئىزىنى بېسىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن زىدانى سەن مەڭگۈ مەستانىلىرىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلمايسەن.
13.كىلاد ماكىلەيلا 13.png
مادرىد يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مۇداپىئەسىمان ئوتتورا بەلنىڭ بىرى. ئۇنىڭ توپ تارتىۋېلىش، مۇداپىئە قىلىش، ئۈنۈملۈك پاسا تاشلاشلرى ئۇنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ بولغان.پەقەت ئۇ بولغاچقىلا مادرىد توختىماي چېمپىيون بولغان .ئۇنى كەتكۈزىۋېتىش فولورىندىنونىڭ ئەڭ چەڭ خاتالىقى ھېسابلىنىدۇ.
14. دىمارىيا
14.png
تۇيۇقسىز بۆسۈش ۋە ئارلىق پاس تاشلاش قاتارلىقلار بۇ توپچىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ ھەممەيلەننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.مۇھىم بولغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى نامايەن قىلغان. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە بۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكار.ئۇنىڭ ئايرىلىشىنى ھېچ كىم خالمىسىمۇ لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
15.گۇتى 15.png
مادىرىد ياشلار بازىسىدىن چىققان  توپچىلىق ھاياتىدا زاپاس ئەزا بولۇپ ئۆتكەن، مەيدانغا چۈشكەن ۋاقتى بەك ئاز بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى ھالقىلىق ۋاقتلاردا ئەسقاتقان.
16.شابى ئالونسو 16.png
2009- يلى سامان يولى جەڭ كېمىسىنى قايتا قۇرۇش مەزگىلىدە ئالونسو ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ مادرىدقا قېتىلغان.مورىنئو مەزگىلىدە كوماندىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ئوتتورا مەيدانىدىن توپ ئۈزۈۋېلىش، ئۆلچەملىك پاس يەتكۈزۈشلىرى، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە گە بولغان تەڭپۇڭلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتكۈل مەستانىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.ئەنچىلودى مەزگىلىدە بولسا ئوتتورا مەيداندا مودرىچ بىلەن بىرگە ئوتتورا مەيدان تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەپ گىرمانىيە كوماندىلىرىنى قىرغىن قىلغان.ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بېل نىڭ توپى چۈشۈشى بىلەن ئادەتتە ناھايىتى سالماق ئالونسو ئۆزىنى تۇتىۋالالمايلا مەيدانغا چۈشكەن، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بۇ كوماندىغا قانچىلىك مېھرى بارلىقى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە مادرىد تىن ئايرىلغان بولسىمۇ لېكىن بىز مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە يەنىلا ئوتتورا مەيداننىڭ ئەڭ ياخشى قوماندانى.
17.لۇكا مودرىچ 17.png
2013- يىلى مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېين 4231 سەپ شەكلىدە ئورۇن چىقماي قالغان. لېكىن ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ دىگەندەك مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھالقىق بىر توپ ئۇرۇپ مانچىستىرنى شاللىۋەتكەندىن كېيىن بارا بارا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.ئەنچىلودى كەلگەندىن كېين 433 سەپ شەكلىدە ئاندىن ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان.باسا، بەيرېن، دورتموند، ئاتلىتكا مادرىد لار بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ 10-قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چوڭ تۆھپىكارى بولغان. كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ لېكىن بىز مەستانىلەرنىڭ قوللىشىغا ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولدى.
18.گارس بېل 18.png
رونالدودىن قالسىلا يۇقىرى باھادا يۆتكەلگەن بۇ توپچى نۇرغۇن ئادەمنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن، ھەتتا ساختا مال دېگۈچىلەرمۇ بولغان. يىراقتىن توپ ئۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈرئەتكە تايىنىپ رونالدو يوق ئەھۋال ئاستىدا بارسېلونانى شاللاپ شاھلىق لوڭغىسىغا ئېرىشكەن،ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئادەم ھەيران قالغۇدەك 15 كېلومىتىر يۈگۈرۈپ يەنە ھالقىلىق توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ئاتلىتكا مادرىدنى تەسلىم قىلغان.
ھۇجۇمچىلار19.فىرنەندو مورىنتىسئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى چوڭ تۆھپىكار، رائۇلنىڭ يېقىن دوستى. ۋارتارغا توپ تېپىش، پاس تاشلاشلىرى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇن ئېلىشى ناھايىتى ياخشى.
2002 -يىلى رونالدونىڭ كېلىشى بىلەن بارا بارا زاپاس ئەزا بولۇپ قېلىپ كوماندىدىن ئايرىغان.
20.ۋان نىستورولوي 20.png
چەكلەنگەن رايون قاتىلى ۋان نىستورولوي ئەينى ۋاقىتتا فورگوسىن بىلەن كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن 2006- يىلى مادىرىدقا قوشۇلۇپ شۇ يىلدىكى ئەڭ ئوڭۇشلۇق سودىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەينى چاغدا كاپىرو قوماندانلىق قىلغان مادىرىد كوماندىسى دەرىجە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كوماندا بىلەن تۇتۇشۇپ نۇمۇر ئېلىشقا پەقەت ئامال قىلالمىغان ئاخىرىدا  ۋان نىستورولوي توپىغا تايىنىپ مەغلۇب قىلىپ چېمپىيون بولغان.
21. كىرىستىيانو رونالدو 21.png
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مانچىستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئۆز تورىدا، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ 80 مىليون فوندستېرلىڭلىق قويغان باھاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  7-ئاينىڭ 6-كۈنى، س.رونالدو رەسمىي خان جەمەتى مادىرىد ئەزاسى سۈپىتىدە بېرناۋۇ مەيدانىدا پەيدا بۇلۇپ، مەيداندىكى 80 مىڭ توپ مەستانىلىرىگە ئۆزىنىڭ 9-نومۇرلۇق كىيىمىنى نامايەن قىلدى.شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ مادرىدىتىكى ھاياتى باشلاندى. ۋە مورىنئو بىلەن بىرگە ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭداشسىز ئالەم كوماندىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئىساپانىيە بىرلەشمىسىدىكى توپ ئۇرۇش ئۈنىمى ئەڭ يۇقۇرى يۇقۇرى ھۇجۇمچىغا ئايلاندى.  تېزلىك ، پاس ، كاللا توپ ئىختىيارى توپ قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردە تەڭ يېتىشىپ چىققان توپچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق توپچى بۇلۇپ قالدى.
22.ھىگۇۋايىن 22.png
2007- يىلى مادرىدقا قوشۇلغان .ئارگىنتىنالىق داڭلىق چولپان ھىگۇۋايىن مادىرىد كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ھۇجۇمچىسى ئىدى ، ھىگۇۋايىن مادىرىد كوماندىسى ئۈچۈن توپ ئويناپ نۇرغۇن ھالىقىلىق توپلارنى ئۇرۇپ كوماندىغا ياخشىلىغان شان - شەرەپلەرنى قوشقان ، مادىرىد كوماندىسىنىڭ مەرگىنى بولۇپ ماڭغان، كېيىنچە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بىلەن مادرىدتىن ئايرىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ سىماسى ھازىرمۇ بىز مەستانىلەر بىلەن بىرگە.
23. كەرىم بېنزىما 23.png
2009-يىلى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە نام قازانغان بېنزىما 35 مىلىيۇن ياۋرۇ باھا بىلەن ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرېدقا قۇشۇلغان .بېل مادىرىدقا قوشۇلغاندىن باشلاپ bbc ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ ياۋرۇپادىكى نۇمۇر ئېلىشى ئەڭ يۇقۇرى ھۇجۇمچىلاردىن بولۇپ قالدى. ھازىرقى بېنزىما ئاللاقاچان مادرېد ۋە فىرانسىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى .
24. رونالدو 24.png
ئۇ بولغاچقىلا ھازىرقى رونالدونى كىرىستىيانو رونالدو دەپ ئاتايمىز. يىڭى ئەسىردىن بۇيانقى مادرىدتىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا ھۇجۇم، بۆسۈپ ئۆتۈش ، ئادەم ئالداش ، تېزلىك ، قاتارلىق بىر قاتار تېخنىكىلىرى بىلەن مادرىدتىكى ھاياتىدا 100 دىن ئارتۇق توپ ئۇرغان.ئەگەر ئۇنىڭ يارلىنىشى باشقا پۇتبولچىلارنىڭكىدەك ئازراق بولغان بولسا بەلكىم رونالدو ھازىرقى زاماندا ھەممە ئىتراپ قىلغان 3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى بولالىشى مۇمكىنتى .
25. رائۇل 25.png
رائۇل ئۈچۈن ئارتۇقچە سۆزلەش ھاجەتسىز. ھەر بىر مادرىدلىق بۇ بېرنابۇ شاھزادىسىنى ئوبدان تونۇيدۇ.مادرىدتا ئېرىشكەن شەرەپلىرى 6 قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى(1995-،1997-،2001-،2003-،2007-،2008-يىل )، 4قېتىملىق ئىسپاتىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى( 1997-،2001-،2003-،2008-يىل )، 3 قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى ئۇزغۇنى (1998-،2000-،2002-يىل )، 2 قېتىملىق تويوتا لوڭقىسى (1998-،2002-يىل)، 1 قېتىملىق ياوروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى (2002-يىل ).
ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلى ئەمەلى كۈچلۈك 261.jpg
مادرىدقا بولغان سادىقلىقى بويىچە 2222222222.jpg






تۈگىدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قالتىس!
پارتىزان + 50 ئەجىرلىك تېما !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 14:20:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى باردەك قىلىدىغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 14:20:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9 غىچە باركەنغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 14:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى  تېز يېزەپ يوللايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 14:25:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىۋۇ مۇداپىيەدە توختىماي يوچۇق چىقىرىدىغان توباۋاش مىنىڭچە بۇ قاتارغا كىرىشكە لايىق ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 14:28:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىررو نى   مادرىد تېرىنىرلار قۇشۇنىغا كىلىدۇ دەۋاتقان ، قانداق بوپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 14:31:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diil-zat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 14:28
ھىررو نى   مادرىد تېرىنىرلار قۇشۇنىغا كىلىدۇ دەۋاتقان  ...

مادرىد تېرىنېرلار گۇرىپىسىدا با
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 15:22:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى ساقلايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 15:48:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق  ئاخىرى  بار  تېمىلار  ئىچىمنى  بەك  سىقۋېتىدۇ   .     چۇنكى  بەك  قىزىقىمەن  مۇشۇنداق  تېمىلارغا   يەنى تۇلۇق  بوسا   ،     تېما  ئىگىسى  تېزاراق يېزىپ  ئەۋەتەسىز   .  نادىر  تېما  بولۇشقا  مۇناسىپ  كېلىدىكەن   .   جاپا  تارتتىڭىز    ئاخىرىنى   كۇتىمىز  ئەمىسە.      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 18:08:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋانىستىرلويمۇ  كىرەلەيدۇ  ھەقىچان بۇ  تىزىملىككە…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 18:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xah-diyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 18:54  
genral يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 18:08
ۋانىستىرلويمۇ  كىرەلەيدۇ  ھەقىچان بۇ  تىزىملىككە…


ۋاننىستىرلوي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 18:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى چىقسا نادىرلىنىپ قالدىغاندەك تۇرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 14:52

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش