ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2623 |
تۆھپىسى: سەر |
|
نوقتا توپ نىمە ئۈچۈن شەكىللىنىدۇ ؟
نوقتا توپ : ئۇ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە قىلىنغان خەتەرلىك ھۇجۇم ، شۇ چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئىگىسى بولغان تەرەپكە نۇمۇر كەتكۈزۈش خەۋپىنى تۇغدۇرغاندا ، ئاندىن ‹‹ ئامالسىزلىقتىن ›› چىقىدىغان نەتىجە . بۇ خىل قائىدىگە خىلاپ ھەركەتلەر كۆپۈنچە ھاللاردا ئاساسەن دىگۈدەك بىخەستىلىك ، تەۋەككۈلچىلىك ، تەلەي سىناپ بىقىش ...مۇشۇلاردىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ . بۇنىڭدا رىپىرنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىش ئارقىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنىشنىڭ ئۇنىڭ كۆزىدىن قىچىپ قۇتۇلۇش ۋە شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنى نۇمۇر ئالغۇزماسلىق ئاساسى مەقسەت قىلىنىدۇ .
بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قائىدىگە خىلاپ شۇ ھەركەتنىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغانلىقىدا . ئەمدى سىز مۇنداق ئويلاپ بىقىڭ : ئاشۇ قائىدىگە خىلاپ ھەركىتىڭىز بولمىغاندا قارشى تەرەپ نۇمۇر ئالالمامتى ؟ !
ئالالمىغان بولسا نىمە ئۈچۈن يەنە بىكاردىن بىكار قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەيسىز ؟
نوقتا توپنىڭ %80 كۆپىرەكى ئامالسىزلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ . يەنى سىزنىڭ ئاشۇ قائىدىگە خىلاپ ھەركىتىڭىز بولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا نۇمۇر ئىلىش مۇمكىنچلىكى بار ، مۇشۇنداق دىيىشكە تامامەن بولىدۇ . شۇڭلاشقا سىز قائىدىگە خىلاپ شۇ ھەركەت بىلەن ‹‹تەلەي سىناپ باقىسىز ›› .
يىقىندىن بىرى نوقتا توپ ئۇرغانلارنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ كەتكەنلەرنى جىق ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدۇق . نوقتا توپ ئاڭلىماققىمۇ تەلەي توپتەك تۇيۇلىدۇ . لىكىن سىز ئاۋۋىلى ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش جەريانىغا بىر سەپسېلۋىتىپ ئاندىن ئۇنى ئوڭايلا كىرگۈزگەن ئادەمنى ئىنكار قىلسىڭىزمۇ ئۈلگۈرسىز ئەمەسمۇ ؟ |
|