akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 706|ئىنكاس: 30

چىراي ئىپادىلىرىنى قانداق ئىشلىتىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئادەتتە ھەممىمىز مۇنبەر گە چىققاندا بولسۇن ياكى QQ,ئۈندىدارلاردا پاراڭلاشقاندا بولسۇن چىراي ئىپادىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىمىز.  بۇنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، خەت ئارقىلىق ئىپادىلىيەلمەيدىغان ھىسياتلىرىمىزنى موشۇ چىراي ئىپادىلىرىگە تايىنىپ ئىپادىلەيمىز.
  يىقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتى سەل جىددىيلىشىپ قالدى. بۇنىڭدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سەۋەنلىكى بولغاندىن تاشقىرى ئۆزئارا ئوقۇشماسلىقتىن كىلىپ چىققان جىدەل ماجرالارمۇ بار.   جايىدا ئىشلىتىلگەن چىراي ئىپاسىنىڭ رولى چوڭ بولۇپ ، بۇنى ئورنىغا ئىشلىتەلىگەندە ئوقۇشماسلىقلارنى مۇئەييەن دەرىجىدە ھەل قىلىپ كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ.  بولۇپمۇ قاراتمىلىقى بار ئىنكاس يازغان ۋاقتىمىزدا بۇنىڭدا چىراي ئىپادىسى قېتىپ قويساق باشقىلارمۇ بۇنى خاتا چۈشىنىپ كەتمەيدۇ.ھىچ بولمىسا ئالدىراپ تىل سالالمايدۇ.
گەرچە بۇنى ئىشلىتىشنى ھەممەيلەن بىلسەكمۇ دىققىتىمىزنى موشۇنىڭغا ئاغدۇرۇش، كەم يەرلىرىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يازدىم.  بۇ تىمىدا ئاساسلىقى مۇنبىرىرىمىزدە كۆپ ئىشلىتىدىغان ، ئاساسىي چىراي ئىپادىلىرى ئۈستىدە توختىلىمەن. كەم قالغان يەرلىرىنى بىرلىكتە تولۇقلىۋالامىز.  
  ھېيلىگەرلىك ، مەككارلىق.   بۇ ئىپادە مۇنبىرىمىزدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ.  گەپنىڭ تىگىدە گەپ بار ۋاقتىدا ياكى تەنە ئارلاش گەپ قىلغان ۋاقىتلاردا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. موشۇ ئىپادىنى ئىشلىتىپ نى-نى گەپلەرنى قىلىۋەتسىڭىزمۇ باشقىلار ھىچنىمە دىيەلمەيدۇ. بىزنىڭ مۇنبەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئىپادە موشۇ.
ئوغرىلىقچە كۈلۈش.  گەپنى قىلىۋىلىپ باشقىلارغا كۆرسەتمەي ، قولىڭىز بىلەن ئاغزىڭىزنى تۇتىۋىلىپ كۈلۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. لىكىن بۇ كۈلگىنىڭىزنى مۇنبەردىكى ھەممىسى كۆرۈپ قالىدۇ.
ھوشسىزلانماق، بېشى قايماق.  چۆچۈگەن قورىققان ۋاقتىڭىزدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
  ئامراقلىغىڭىز كەلگەندە ئىشلىتىسىز.   يىنىككىنە سۆيۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ياخشى كۆرۈپ قالماق ، ئامراق بولۇپ قالماق.    بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ، يۈرۈكىڭىز كۆزىڭىزگە تەپكەندە ئىشلىتىسىز.
كۈلۈمسىرەش.  سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىز نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز.
  خوشال بولۇپ تىللىرىنى ساڭگىلاپ قالغان . تىخى بۇنى سىزگە كۆرسەتمەكچى.
  ھالسىزلىنىپ ماغدۇرىدىن كەتمەك.   ئىچى پۇشقان دىمى سىقىلغان مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
تەرنى سۈرۈتمەك،تەرنى ئېتماق.   ھېرىپ ، تەرلەپ كەتكەن ۋاقىت.
قىينىماق ئازاپلىماق زۇلۇم سالماق.
قول ئېلىشىش.   دوستانىلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.
كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقارماق.  ھازىر ئويلىنىش دىگەن مەنىسىمۇ بار.
ئۇماق سۆيۈملۈك.   بۇ ئىپادە باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدۇ.
ئىڭرىماق. تەرجىمە قىلسا سەتلا مەنىسى چىقىدىكەن بۇنىڭ.
  چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلمەك.  بۇمۇ مۇنبىرىمىزدە كۆپ قوللىنىلىدۇ. قاتتىق خوشال بولغان چاغلاردا ئىشلىتىمىز.بۇنى ئىشلەتسەك باشقىلار بىزنىڭ كۈلگەن ھالىتىمىزنى كۆز ئالدىغا ئەكىلەلەيدۇ.
  ئۇۋال قىلماق. ئازار يىمەك.    باشقىلار بوزەك قىلغاندا ئىشلىتىمىز.
بىكاردىن بىكارغىلا كۈلمەك.   ھىچقانداق سەۋەپسىزلا كۈلۈپ قويىدىغانلارغا قارىتىلغان.
كايىماق قارغىماق ھاقارەتلىمەك.   قاتتىق ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ئىشلىتىسىز.
ئېسىل.
ئەتىرگۈل.  سىزگە بەك ياراپ كەتسە سوۋغا قېلىسىز.
ھازىرلا يىغلىۋىتىدىغاندەك.    يىغلاۋىرىڭ ھېچنىمە بولمايدۇ.
كۆرەش قىلماق.  رونالدۇ بىلەن مىسسىنى قوغداشتا ھەرگىز بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ.
ئۇخلاپ قالماق.  بەك كەچ مۇنبەرگە چىقسىڭىز موشۇنداق بولىدۇ.
ئاغزىڭنى يۇم.  تولا ۋالاقلاپ كەتكەنلەرگە بولىدۇ.
ئالقىشلىماق .    كۆڭلىمىزدىكى كوماندا غەلبىگە ئېرىشسە ئەلۋەتتە چاۋاك چالىمىز.
سوئال سورىماق.  چۈشەنمىگەننى بېلدۈرىدۇ.
كۆرەڭلىمەك.  ئاز تولا پوچى بوپ قويغاننىڭمۇ زىيىنى يوق.
  سەت زاڭلىق قىلغاننى بىلدۈرىدىغان ئوخشايدۇ.  چىرايىغا قاراپلا يىزىۋەتتىم.
كەم قالغان، تولۇق بولمىغان، خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرىنى مۇنبەرداشلىرىمىز ئۆزى ئوڭشىۋىتەر. بۇ تىما ئازتولا بولسىمۇ مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلىسە مەن شۇنىڭغا خوش.
ئاخىرىدا مۇنبەرداشلاردىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم بۇ تىمىغا ئىنكاس يازغاندا چوقۇم چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلەتسەڭلار. تىما ئېگىسىلىك يۈزۈمنى قىلغىنىڭلار بولۇپ قالسۇن. تىلفۇندا چىققانلار مۇ ئۆزەڭلار بىر ئامال قىلارسىلەر، ئىشقىلىپ بېزىرىپ قاراپ تۇرماڭلار چوقۇم ئامال تېپىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-8 00:12:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەم باشلاپ بىرەي.  ئاڭلىسام بۇ تېمىنى نادىرلايمىز دەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:23:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسا   بىر  توپ  ئىستىمال  قىلۋالدى  .   تېمىلىرىڭىزغا  رەخمەت  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:31:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى يازغىنىڭىز بەك ياخشى بۇلۇپتۇ. چىراي ئىپادىسى ئىش ھەركەت ۋەئنكاسلىرمىزنى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىجابى قورال،   لىكىن مەن چىراي ئىپادىسىنى ئۆزەم ئانچە چۈشەنمەيدىغانلاردىن باشقىلارغا ئالدىراپ ئەۋەتمەيمەن،  بەزىدە مۇشۇ چىراي ئىپادىسىدىنمۇ ئۇقۇشماسلىق كىلىپ چىقىدىكەن ،
لىكن مۇشۇ چىراي ئىپادىسى يەنىلام قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ئىككىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:49:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىراي ئىپادىلرى مۇنبىرمىزنىڭ قىزغىنلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينايددىغان تەسىر كۈچى زور ئىپادىلەش ۋاستىسى يەنە كېلىپ مۇنبىرمىزنىڭ چىراي ئىپادىلىرى چ چ ئۈندىدارلارغا قارىغاندا خېلىلا تەرەققى قىلغان.
ئەمما مېنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغنىىم ئەڭ باشتىكسى بىلەن ئەڭ پەستىكسى.
ئاخىردا بۈرگە بىر توپ ئۇرۇپ باسا ئىسپانىيەلىكلەر بىلەن تەڭلەشتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhsin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 00:23
باسا   بىر  توپ  ئىستىمال  قىلۋالدى  .   تېمىلىرىڭىزغا  رە ...

مىسسى بىر توپ ئۇردى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:53:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلفۇندا چىقسا يوللىغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ ،ئىسىت .
مۇسابىقە قىززىپ كەتتى جۇمۇ ، مۇسابىقىنىڭ 45-مىنۇتىدا مىسسىي يۇقىرى سەۋىيلىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:53:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى ئالدىنقى مەيداننىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ  نەتىجىنى تەڭلەشتۇردى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 00:58:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىستا قايتىپ كەپتۇ ،ھە بالا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 01:04:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhsin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 00:23
باسا   بىر  توپ  ئىستىمال  قىلۋالدى  .   تېمىلىرىڭىزغا  رە ...

مېسسى بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتۈردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-8 01:07:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىيمارغا بىر نوقتا توپ بەرسىمۇ بولاتتى ئەسلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش